خەرىتىگە قارىساق، كەشمىر ئۈچكە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىر پارچىسى ھىندىستانغا، بىر پارچىسى پاكىستانغا، يەنە بىر كىچىك پارچىسى ھازىر خىتايغا تەۋە بولۇپ تۇرماقتا. نۆۋەتتە خىتايغا تەۋە بولغان قىسمى ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى تەۋەسىدە، يەنى ئۇنىڭ چېگراسى قاراقاش دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدىن باشلىنىدۇ. ھىندىستانغا تەۋە بۆلىكى لاداخ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، خىتايغا تەۋە قىسمى ئاقسايچىن دەپ ئاتىلىدۇ.
شۇ جايدا بىر كۆل بار بولۇپ، كۆلنىڭ ئىسمىمۇ ئاقسايچىن كۆلى، قاغىلىق-تىبەت تاشيولى ئاقسايچىننىڭ ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ.
تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1962-يىلىدىكى خىتاي-ھىندىستان ئۇرۇشى مۇشۇ جايدا يۈز بەرگەن. ئۇرۇش جەريانىدا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھىندىستان ئارمىيەسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمۇ دەل مۇشۇ چېگرا دائىرىسىدە يۈز بەرگەن. خىتاي 1962-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزى تەلەپ قىلغان «ئەمەلىي كونترول لىنىيىسى» گە چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىشى بىلەن ئۇرۇش ئاخىرلاشقان.
ئەينى چاغدىكى ئۇرۇش قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ 4000 مېتىردىن يۇقىرى ئېگىزلىكتىكى قارلىق تاغ شارائىتىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تەركىبىدىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنىڭ بۇ ئۇرۇشقا «توپ يېمى» قىلىپ سېلىنغانلىقى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھېكايە قىلىنىپ كېلىنمەكتە.
ھىندىستان ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ بىر قىسمى گۇما ناھىيىسى ۋە قاغىلىق ناھىيەلىرى تەۋەسىگە ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرى باغرىغا كۆمۈلگەن.
ئەينى ۋاقىتتا «ئۇرۇش ھاشىرى» ھېسابىدا جەڭگە قاتناشتۇرۇلۇپ، كېيىن خىتاي تەرىپىدىن «ئۇرۇش قەھرىمانى» سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنغان ئىسمائىل مەمەت، ئەينى ۋاقىتتا ئىلى ھەربىي رايونى ھەرەمباغ مۇستەقىل باتالىيۇنى 3-رۇتىسىدىن قەشقەرگە يۆتكەپ ئاپىرىلغان. ئاندىن 1962-يىلى 10-ئايدا خىتاي-ھىندىستان چېگرا ئۇرۇشىغا قاتناشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ سەبداشلىرى بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقى، خىتاينىڭ شۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىدەك ئىش-ئىزلىرى 1970-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشلانغاچ مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
بىز 1962-يىلدىكى خىتاي-ھىندىستان ئۇرۇشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە يەنىمۇ تولۇق مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بىر قانچە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تۈركىيەدىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ھامىدخان كۆكتۈرۈك ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستان ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، 1970-يىللاردا كەشمىردىن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن مەخمۇت خوتەن دېگەن مويسىپىت كىشىدىن ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. مەخمۇت خوتەن ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مىللىي ئارمىيەنىڭ قالدۇق ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنى شۇ قېتىملىق جەڭگە سالغانلىقى، ئاقسايچىن بۇرۇندىن ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى بولغاچقا، مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ شۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا ئانا تۇپراقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن زور جەڭگىۋارلىق كۆرسىتىپ، زەپەر قوچقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن.
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى مەمتىمىن ھەزرەت ئەپەندى يېقىندا يۇتۇپ قانىلىدا، خىتاي-ھىندىستان ئۇرۇشىنىڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى ۋە بىلىدىغانلىرىنى ئاڭلىتىپ ئۆتكەن. ئۇ بۇ ئىككى دۆلەت توقۇنۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا قايتا توقۇنۇش يۈز بەرگەندە بۇنىڭ ئاتوم ئۇرۇشىغا ئايلىنىش ئېھتىمالىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى خىتاي-ھىندىستان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن. خەلقئارا ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، «ئىشەنچلىك پاكىتلار ھىندىستان-خىتاي ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي چېگرا كونترول سىزىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئەسكەرلىرىنى كۆرۈنەرلىك كۆپەيتكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە» ئىكەن.
ئۇيغۇر دىيارىغا يېقىن بولغان ئاقسايچىندا بۇ يىل ئىيۇلدىن باشلانغان خىتاي-ھىندىستان سۈركىلىشلىرىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چېگرا رايونىغا يېقىن بولغان خوتەننىڭ قاراقاش، قەشقەرنىڭ قاغىلىق قاتارلىق جايلاردا قايتا-قايتا ھەربىي مانىۋېرلارنى ئۆتكۈزگەنلىكى مەلۇم. شۇنداقلا يېقىنقى مەزگىللەردە جايلاردا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىمۇ ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىدەك مەلۇماتلار غەيرى-رەسمىي ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلانماقتا. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تور مۇلاھىزىلىرىدە بولسا خىتاي-ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن قوراللىق توقۇنۇش پەيدا بولسا، خىتاي يەنە ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇشقا سالامدۇ، دېگەندەك مۇنازىرىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.
بۇ ھەقتە تىۋىتتېر ۋە باشقا ئۇيغۇرلار قوللىنىدىغان مۇنازىرە مەيدانلىرىدا ئۆزىنىڭ ئانالىزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ سابىق مەسئۇلى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بىر ۋاقىتتا، خىتاي مەقسەتلىك ھالدا ئاقسايچىندا جىددىيلىك ۋە سۈركىلىش پەيدا قىلىش ئارقىلىق دىققەتنى باشقا ياققا يۆتكەۋاتىدۇ،» دېدى.
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا 1962-يىلى يۈز بەرگەن ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى. ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 1959-يىلدىكى تىبەت قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ دالاي لاماغا پاناھلىق بېرىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار شىددەتلىك سۈركىلىشلەرگە سەۋەب بولغان. خىتاي ھىندىستاندىن ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ قوزغىغان بۇ ئۇرۇشتا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەسكەرلەر ئۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىنىپ، ئاخىرى ھىندىستاننى يەڭگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، گەرچە خەلقئارالىق كېلىشىملەردە تالاش-تارتىشتىكى لاداق رايونىدا قورال ئىشلەتمەسلىك بەلگىلىمىسى بولسىمۇ، ئەگەردە ئۇيغۇر دىيارىغا چېگراداش بۇ جايدا خىتاي-ھىندىستان ئارىسىدىكى ئىختىلاپ قايتا ئۇرۇشقا ئايلانغان تەقدىردە، خىتاينىڭ تارىختىكىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن بۇ ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىش ئېھتىماللىقىنى يوق دېگىلى بولمايدىكەن. ئۇ ھالدا ھىندىستان چېگرا قىسمىدا نۆۋەتتە تىبەتلەردىن تەشكىللەنگەن بىر ئەسكىرىي قىسىم مەۋجۇت بولغان شارائىتتا، يۈز بەرگۈسى بۇ چېگرا ئۇرۇشىدا قان تۆككۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەت ئەسكەرلىرى بولىدىغانلىقىدەك ئاقىۋەتنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس ئىكەن.
0:00 / 0:00