تېڭ بياۋ: «خىتاي ئەمەلدارلىرى باشقا دۆلەتلەرنى ئەيىبلەشتە ئۇششۇقلۇق ۋاسىتىسى قوللىنىپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا»

0:00 / 0:00

«خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاراتقۇلار خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شۈي گۇيشياڭ 22-ئاپرېل كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 2021-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئەيىبلىگەن.

شۈي گۇيشياڭ سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلۇشى ۋە خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەنقىدلىشىگە قارىتا: «ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتىكى مەسىلىلىرى ۋە ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە گەپ قىلمايدۇ؟» دەپ ھۇجۇم قىلغان.

شۈي گۇيشياڭ سۆزىدە: «ئامېرىكانىڭ ئاران 200 نەچچە يىللىق تارىخى بار، ئۇلارنىڭ تارىختا قوزغىغان جەڭلىرى، كەلتۈرگەن ئاپەتلىرى، ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ؛ ئامېرىكا ئۆزىگە باقماي، باشقا دۆلەتلەرگە يول كۆرسىتىمەن دېمىسۇن؛ ئامېرىكا ھەر يىلى باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىشتىن زېرىكمەيدۇ، نېمىشقا ئۆز دۆلىتىدىكى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھەققىدە گەپ قىلمايدۇ؟» دېگەن. ئۇ يەنە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مىللەت، رايون، جىنس، ئېتىقاد جەھەتتىن كەمسىتىشكە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇنداقتا شۈ گۇيشاڭنىڭ بۇ سۆزلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ؟

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋنىڭ قارىشىچە، «خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تارىخىدىكى ئاللىقاچان ھەل قىلىنىپ بولغان ئەھۋاللارنى نەقىل ئېلىپ، ھۇجۇم قىلىشى، كونا ئەنئەنە بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۆز خاتالىقلىرىنى تۈزىتىش ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ بۈگۈنكى جىنايىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئۇششۇقلۇقى ۋە كۆكەرمىلىكى» ئىكەن.

تېڭ بىياۋ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى ‹ئۇششۇقلۇق قىلىش› ياكى ‹كۆكەرمىلىك قىلىش› دەپ ئاتىساق تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. سىز خىتاينى ياخشى قىلمىدى دەپ تەنقىد قىلغىنىڭىزدا، ئۇ‹سەن ئۆزۈڭمۇ ياخشى قىلمىغانغۇ؟ شۇڭا سېنىڭ مېنى تەنقىد قىلىش سالاھىتىڭ يوق› دەپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ خىل ‹ئۇششۇقلۇق ۋە كۆكەرمىلىك› خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز قوللىنىپ كېلىۋاتقان تەشۋىقات ھۇجۇملىرىنىڭ بىرى. خىتاي بۇنى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارانىڭ خىتايدا كۆرۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە بولغان تەنقىدلىرىگە بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› مەسىلىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا قوللىنىپ كەلمەكتە. بۇنى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا، سەۋەب كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى دېسەكمۇ بولىدۇ».

تېڭ بىياۋ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ، بۇ خىل قىلمىشلىرىنى ئىنتايىن بىمەنە ۋە كۈلكىلىك دەپ تەسۋىرلىدى.

تېڭ بىياۋ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ قوللانغان ئىبارىلىرى ۋە ۋاسىتىلىرى ئىنتايىن بىمەنە ۋە كۈلكىلىك. مەسىلەن، ئامېرىكانى سوراق قىلىپ، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىڭلاردىكى مەۋجۇت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تىلغا ئالمايسىلەر؟ دەيدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئامېرىكادا مۇستەقىل ۋە ئەركىن سۆزلەيدىغان تاراتقۇلار بار. ئامېرىكادا يەنە كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈم يولغا قويۇلغان. شۇڭا ئەگەر ھۆكۈمەت ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلىيالمىسا، ياكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە مەسىلە كۆرۈلسە، بۇلار كۆپ تەرەپلىمە خەۋەر قىلىنىپ تەنقىدلىنىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ تەكشۈرۈپ دوكلات ئېلان قىلىدۇ، تەنقىدلەيدۇ. ئوخشىمىغان پارتىيەلەر ئارىسىدىمۇ بىر بىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. قارا تەنلىكلەرنى كەمسىتىش خاھىشلىرى، ساقچىلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ئەھۋاللىرى، گۇۋەنتانامو مەسىلىسى دېگەنگە ئوخشاش پاسسىپ ئەھۋاللارغا نىسبەتەن، تاراتقۇلار ئىلگىرى كۆپلەپ خەۋەر قىلىپ تەنقىدلىگەنىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇلارنى ئېتىراپ قىلىپ، تۈزەتكەنىدى. ئەمما خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ يەردە بۇلارنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىپ «ئۇششۇقلۇق» ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا.»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۆتمۈشىدىكى بەزى ۋەقەلەرنى تۈتىۋېلىپ، خىتاينىڭ بۈگۈنكى جىنايىتىنى ئاقلىشى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە بولۇپ، ئۇ ھەيران قالارلىق ئەھۋال ئەمەس ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى ھەر قايسى تارىخى دەۋرلىرىدە، يۈز بەرگەن ئەھۋاللاردىن ساۋاق ئېلىپ، ئۆزىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كەلگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، دەل ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، ئامېرىكا يېقىندا ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى كۆپلىگەن ئىشەنچلىك مەنبەلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان نوپۇزلۇق ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ دوكلاتنى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ سىياسىتىنى ماختىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان نومۇسسىزلارچە ئۇششۇقلۇقىنىڭ تەكرارلىنىشى دېيىشكە بولىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى دۇنيادىكى198 دۆلەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك مەلۇمات بېرىلگەن. دوكلاتنىڭ خىتايغا ۋە ئۇيغۇر رايونىغا مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمىدە، خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى قەبىھ باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى پاكىت بىلەن كۆرسىتىلگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېنمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يەنىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 12-ئاپرېل دوكلات ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، مەخسۇس خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى تەنقىدلەپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا كۆپچىلىكى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. خوڭكوڭدا نېگىزلىك ئەركىنلىك ۋە ئاپتونومىيەنى يوق قىلدى. تىبەتتە سىستېمىلىق باستۇرۇش ئېلىپ باردى»، دېگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. دوكلاتتا ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەم دىنىي گۇرۇھلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەنىكەن.

دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، «نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋاملىشىۋاتقان بۇ خىل جىنايەتلەر خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ قاماش، بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش، تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىش، باسقۇنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك، دىنىي-ئېتىقاد، ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە يۆتكىلىش ئەركىنلىكىنى قوپاللىق بىلەن چەكلەش» قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.