خىتاي ئىشچىلار: «شىنجاڭدا خۇددى تۈرمىگە سولانغاندەك ياشايدىكەنمىز»
2019.04.29

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش»، «مۇقىملىقىنى ساقلاش» نامىدىكى يوقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى رايوندا تەسىس قىلىنغان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى، بىخەتەرلىك كامېرالىرى ۋە قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلىرىدە ئەكىس ئېتىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ئاساسلىق تەقىب نىشانى قىلىنغان ئىدى.
ھالبۇكى، 29-ئاپرېل «زىمىستان» تورىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدا خۇددى تۈرمىگە سولانغاندەك ياشايدىكەنمىز» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايلارنىڭمۇ رايوندىكى بۇ خىل تەقىپ سىياسەتلىرىنىڭ ئاسارىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
مەزكۇر ماقالە ئۇيغۇر دىيارىدا ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىۋاتقان خىتايلارنىڭ رايوندا كۆرگەن قورقۇنچلۇق مەنزىرىلىرى ۋە ئۇچرىغان توسالغۇلىرى ئاساسىدا يېزىلغان. ماقالىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئورۋېلچە نازارەت سىستېمىسى، چېكىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، دائىرىلەرنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا نىكاھلىنىش تەشۋىقاتى قاتارلىقلار تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.
ماقالە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەيدىغان بىر خىتاي ئايالنىڭ قول تېلېفونغا مەجبۇرىي قاچىلانغان يۇمشاق دېتال ئەپلىرى ھەققىدە قىلغان شىكايىتى ئارقىلىق راۋاجلانغان. ئۇ سۆزىدە «مەن تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خادىمدىن بۇ دېتالنىڭ ئادەمنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنى بىلىپ تۇرۇش ئىقتىدارى بارمۇ-يوق دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا ۋارقىراپ قالايمىقان گەپلەرنى سورىماسلىقىمنى، ئەگەر يەنە ئاشۇنداق گەپلەرنى قىلسام، مېنى سولاپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى،» دېگەن.
مەزكۇر خىتاي ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلغاندا ساقچىلار يۇقىرىقى يۇمشاق دېتالنى ئۇلارنىڭ تېلېفونىدىن ئۆچۈرۈۋېتىدىكەن، بۇنىڭدىكى مەقسەت خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر رايوندا بولىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئىكەن.
ماقالىدىكى دىققەتنى تارتىدىغان نۇقتىلاردىن بىرى ئۇيغۇر دىيارىدا خىزمەت قىلغان يەنە بىر خىتاينىڭ ئاپتوموبىلىغا بېنزىن قاچىلاش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىسىدۇر. ئۇ بۇنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان: «ئاپتوموبىلغا بېنزىن قاچىلاش جەريانى كىملىكنى تەكشۈرتۈش-كۆزنى سىكانېرلاش-رەسىمگە چۈشۈش دېگەن تەرتىپ بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىملىكىڭىز ئىسپاتلانغاندىن كېيىن ئاندىن ماي قاچىلاش پونكىتىغا كىرەلەيسىز. ئادەتتە كىچىك دۇكانلاردىن تاماكا سېتىۋالسىڭىزمۇ چوقۇم كىملىكىڭىزنى تەكشۈرتۈشىڭىز كېرەك.»
يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئارا ئۆز-ئارا تويلىشىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا تەكىتلىنىۋاتقىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي ئەرلەرنى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن نىكاھلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىشتىن ئىبارەت. ماقالىدە مۇشۇ نۇقتىدىن سۆز قىلغان خىتاي ئىشچىلارنىڭ بايانلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.
ماقالىدە بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەركىزى-ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلغان بىر خىتاي ئىشچىنىڭ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: «ھۆكۈمەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەنزۇلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن نۇرغۇن سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. مەسىلەن، بىر خەنزۇ ئەر شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىشقا ۋە ئۇيغۇر قىزى بىلەن نىكاھلىنىشقا قوشۇلسىلا ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا تۇرالغۇ ئۆي ۋە زور سوممىلىق پۇل بېرىدۇ. ئەمما يەنە نۇرغۇن خەنزۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ‹قايتا تەربىيلەش لاگېرى› غا قامىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتتى.»
بۇ خىتاي ئىشچى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن: «شىنجاڭ ھازىر چوڭ بىر تۈرمىگە ئايلاندى. كىشىلەر بۇ جايدا بىرەر ئېغىز گەپنى قورقماي دېيەلمەيدۇ ھەم سورىيالمايدۇ. بىلمەي سوراپ قالغانلارنى پالاكەت باسىدۇ. ئەگەر سىز تۇتقۇن قىلىنغان بولسىڭىز، قانچىلىك ۋاقتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىڭىزنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى خىزمىتىڭىزنى تېزدىن تۈگىتىپ، يۇرتىڭىزغا قايتىپ كەتكىنىڭىز تۈزۈك. «
خىتاي ئىشچىلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىزمەت ۋە باشقا ياخشى شارائىتلارنى تاشلاپ كېتىش ھەققىدە «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تۇتقان باشقۇرۇش سىستېمىسى ئۇ يەردە ياشىغان ھەرقانداق ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ، ئەلۋەتتە، خەنزۇلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. بۇنىڭدىن بۇرۇن خەنزۇلار ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىشنى خالىغان بولسا، مانا ئەمدىلىكتە ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا كېتىش ياكى كۆچۈش ھادىسىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ. دۇنيا بۇنىڭدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايدۇ. مېنىڭچە، خەنزۇ پۇقرالىرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن كېتىش ئارزۇسى ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.»
ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان چەتئەللىك مۇخبىرلار ئېلان قىلغان زىيارەت خاتىرىلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەنگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار نوپۇسى بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ساقچى ئاپتوموبىللىرى ۋە تولۇق قۇراللانغان ھەربىيلەرنىڭ كوچىلارنى داۋاملىق چارلاپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى.
مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدە خىزمەت قىلغان بىر خىتاي ئايال رايوندىكى شۇ خىل ۋەزىيەت ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كوچىلاردا ساقچى گۈدۈكى داۋاملىق ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن، كوچىنى چارلايدىغان ساقچىلار ئاپتوماتىك قۇراللار بىلەن قوراللانغان ئىكەن، بەزىلىرى دوبۇلغا كىيىپ، تۆمۈر كالتەك كۆتۈرىدىكەن. بۇ يەردىكى ئەڭ ھەيران قالارلىق بىر نۇقتا كوچىلاردىكى ساقچىلارنىڭ سانى يەرلىك پۇقرالارنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
مەزكۇر خىتاي ئايال سۆزى داۋامىدا يەنە نۇقتىلىق قىلىپ، «شىنجاڭدا خۇددى تۈرمىگە سولانغاندەك ياشايدىكەنمىز، مەن خىزمىتىمنى تېزدىن تۈگىتىپ چاققانراق يۇرتۇمغا كېتىۋېلىشنى ئويلايمەن،» دېگەن.
ئۇنداقتا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمەت بەرپا قىلىپ بەرگەن ياخشى سىياسەتلەرنى تاشلاپ يۇرتىغا كېتىش ئەندىزىسى كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن قانداق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ؟ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «گەرچە خىتاي ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇيغۇر دىيارىدىن كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا خىتاي ئەسكەرلىرىنى، ساقچىلارنى ۋە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن خىتايلارنى يۇقىرى سوممىلىق مائاش ھەم تەمىناتلار بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى ئويلايدۇ. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىمەكتە، شۇ ئارقىلىق خىتايلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسنى شالاڭلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما مېنىڭچە، بۈگۈنكىدەك دەۋردە ئۇنداق ئېغىر سىياسەتلەر بىلەن ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. بۇ بىزنىڭ زېمىنىمىز، خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى تارقاقلاشتۇرۇپ، تۇپرىقىمىزدىن ھەممە ئۇيغۇرنى يوق قىلىۋېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس.»