ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئەركىن سودا سىناق رايونى» ۋە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ 2024-يىللىق ۋەزىيىتى
2023.12.29
غەرب مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ 2023-يىلدىكى چۆكۈشى ۋە 2024-يىلدىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغاندا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ موتورى ھېسابلانغان ئۆي-مۈلۈك سودىسىنىڭ زاۋال تېپىشى، خەلقنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ تېزدىن تۆۋەنلىشى، ئىشسىزلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى، ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تىجارىتىنىڭ چېكىنىشى ۋە خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىنىڭ بەربات بولۇشى قاتارلىق بەش نۇقتىنى مۇھىم ئامىللار قاتارىدا تىلغا ئېلىشماقتا.
BBC ئېلان قىلغان «2024-يىلدىكى خىتاي ئىقتىسادى: ئىشەنچ قانداق غايىب بولدى؟ قايتىدىن قانداق بەرپا قىلىش كېرەك؟» ناملىق ماقالىدە بايان قىلىشىچە، يۇقىرىقى بەش ئامىل ئىچىدىكى خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىنىڭ بەربات بولۇشى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ھازىرقى سىياسىتى 2024-يىلىدىكى خىتاي ئىقتىسادىنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىدىغان ئاساسىي ئامىل ئىكەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ھازىرقى سىياسىتىدە «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ قېلىش ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۆڭۈل بۆلۈشتىنمۇ مۇھىم» بولۇپ قالماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە سودا ساھەسىدىكى خىتاي بايلىرىدىن تارتىپ ئاددىي خىتاي پۇقرالىرىغىچە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىدىن بارغانسېرى ئۈمىدسىزلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۈمىدسىزلىك كىشىلەردە كوممۇنىستىك پارتىيەگە ۋە خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئېغىر دەرىجىدىكى ئىشەنچسىزلىكنى پەيدا قىلغان. بۇ ئىشەنچسىزلىك بولسا، خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە بىۋاسىتە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن ھەمدە ئۇنى قىسقا مۇددەتتە ئۆزگەرتىش كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ قولىدىن كەلمەيدىكەن.
بىراق، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن دەپ قاراۋاتقان مۇشۇنداق بىر چاغدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە قورغاستا «ئەركىن سودا سىناق رايونى» بەرپا قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىشقا ئۇرۇنماقتىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاش، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك يولغا قويغان «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» غا ئوخشاش تۈرلۈك قانۇنلارنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا «ئەركىن سودا سىناق رايونلىرى» نى بەرپا قىلىپ، بۇ ساھەدىكى «بۈيۈك ئىلگىرىلەش» لەردىن سۆز ئېچىشقا باشلىماقتىكەن.
بۇ خىل قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ «ئەركىن سودا سىناق رايونى» بەرپا قىلىشى ھەرگىزمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلمايدىكەن، بەلكى ئۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش بىلەن بىرگە، ۋەيران بولۇۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشنى تۈپ نىشان قىلغان ئىكەن. نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ ئوخشاش قاراشنى ئىپادە قىلدى.
«2024-يىلىدىكى خىتاي ئىقتىسادى: ئىشەنچ قانداق غايىب بولدى؟ قايتىدىن قانداق بەرپا قىلىش كېرەك؟» ناملىق ماقالىدا ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تېخى يېقىندىلا ئۆتكۈزگەن ئىقتىسادىي خىزمەتلەر توغرىسىدىكى يىغىندا، ئەزەلدىن ئىشلىتىپ باقمىغان بەزى سۆز-ئىبارىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈلاتلارنى ئىپادە قىلىپ ئۆتكەن. مەسىلەن، «ئىشەنچ يوق»، «نەتىجىلەر تەلەپكە لايىق ئەمەس»، «ئىجتىمائىي مۆلچەرلەر زەئىپ »، «دۆلەت ئىچىدىكى ئوبوروتتا توسالغۇلار مەۋجۇت » دېگەندەك.
-2024يىلىدىكى خىتاي ئىقتىسادىنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىدىغان ئاساسىي ئامىللار يالغۇز خىتاي خەلقىنىڭ ھاكىمىيەتكە قارىتا ئىشەنچىسىنىڭ يوقىلىشى بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن، بەلكى تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، غەرب ئەللىرىمۇ خىتايغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتماقتا ئىكەن. 2023-يىلىدىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشقا باشلىغان ۋە نۇرغۇنلىرى مەبلەغ سېلىشتىن ۋاز كەچكەن. غەرب ئەللىرى پۇقرالىرىنىڭ خىتاي تاۋارلىرىغا بولغان ئېھتىياجى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.