خىتاي ھۆكۈمىتى «15-ئاپرېل دۆلەت بىخەتەرلىك تەربىيە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن «جاسۇسلار بىزدىن قانچىلىك يىراقتا؟» دېگەن تېمىدا جاسۇسلۇققا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. بۇ تەشۋىقاتتا مەيلى ساياھەتچى، زىيارەتچى ياكى تىجارەتچى بولسۇن، ئومۇمەن خىتايغا كەلگەن چەتئەللىكنىڭ ھەممىسىنى جاسۇس دەپ قاراپ، قاتتىق ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن ھەمدە بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ قانۇن بىلەن جازالىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.
بۇ تەشۋىقاتتا چەتئەلنىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ ئادەتتە توردىن پايدىلىنىپ دوست ئىزدەش، بازار تەكشۈرۈش، مۇخبىرلىق قىلىش، ئىلمىي زىيارەت ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، خىتايدىكى مۇھىم ئىدارە ۋە كارخانىلاردا ئىشلەيدىغانلاردىن مەخپىيەتلىك ئوغرىلايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل-مال ۋە سەتەڭلەر ھىيلىسى ئىشلىتىدىغانلىقى، گاھىدا ئالداش ۋە قورقۇتۇش ۋاسىتىلىرىنىمۇ قوللىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئاندىن خىتاي پۇقرالىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن، چەتئەلگە ئىش بېجىرىش ئۈچۈن چىققاندا چەتئەللىكلەر بىلەن ئارتۇق پاراڭلاشماسلىق، ئۇلارنىڭ پۇلى ۋە سەتەڭلىرىگە ئالدانماسلىق، توردا دوست تاپماسلىق، ئۇلار رەسىمگە چۈشۈپ ئەۋەتىڭ دېگەن جايلاردا رەسىمگە چۈشمەسلىك قاتارلىق نۇقتىلار كۆرسىتىلگەن.
بۇ تەشۋىقاتتا يەنە، خىتاي پۇقرالىرى ئەگەر چەتئەل جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقىنى سەزگەن، ئەمما ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بولسا، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە ساقچىخانىلارغا دەرھال ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكى، ئەگەر پۇل-مالنىڭ ۋە سەتەڭلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچراپ، ئۇلار ئۈچۈن ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرسا «جاسۇسلۇق جىنايىتى»، «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى» بويىچە قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ جاسۇسلۇققا قارشى ھەرىكىتىگە ياردەم بەرگەنلەر، چەتئەل جاسۇسلىرىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلەر، ھەتتا ئۇلاردىن ئۇچۇر ئوغرىلاپ بەرگەنلەرگە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنغان.
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن «دۆلەت خەۋپسىزلىكى» نامىدا جاسۇسلۇق قىلىدىغانلىقى، قالايمىقان ئادەم تۇتۇپ ئۇلارغا جىنايەت ئارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ خەۋپسىزلىكىدۇر. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاينىڭ بىر پارتىيەلىك مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغانلارغىمۇ ‹دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان سالغان› دەپ جىنايەت بېكىتىدۇ. ‹دۆلەت مەخپىيەتلىكى» دېگەنمۇ قانۇن ئېنىقلىمىسى ياكى ئىجرائات جەھەتتىن ناھايىتى مۈجمەل، كەڭ دائىرىلىك ئۇقۇم. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بەزىدە ئادەتتىكى بىرەر ئۇچۇر ياكى ماتېرىيالنىمۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكى دەپ بېكىتىپ، ئۇ ئادەمنى جازالاش مەقسىتىگە يېتىدۇ. بۇ تەشۋىقاتتا كۆرسىتىلگەن رەسىم ۋە دېلو مىساللىرىمۇ خىتاينىڭ ئۆز قىلمىشلىرىنى ئاقلاش، ئاتالمىش ‹جاسۇسلۇق جىنايىتى› ۋە ‹دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى›گە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ».
تېڭ بياۋ ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق «جاسۇسلۇققا قارشى تەشۋىقات» ىنىڭ كېلەر ئايدا ئۇيغۇر رايونىغا بارماقچى بولغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىشنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى يالغان كۆرۈنۈش ياساپ، بۇ خىل زىيارەتلەرنى كونترول قىلىشقا ئۇستا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا بولسۇن ياكى باشقا جايلاردا بولسۇن، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى رەت قىلىپ كەلدى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا يول قويغان بولسا، چوقۇم ھەممىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇلار بارىدىغان يەر، كۆرۈشىدىغان ئادەملەرنى ئالدىن بېكىتىدۇ. بۇ تەشۋىقاتتا ئېلان قىلىنغان دېلو مىساللىرى ھەقىقىي ئەھۋالنى يەتكۈزمەكچى بولغانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدۇ، يەنى كىمكى ئەگەر ب د ت ئۆمىكى ياكى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە راستىنى دېسە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان ياكى جاسۇسلۇق قىلغان ھېسابلىنىپ تۈرمىگە كىرىشى مۇمكىن».
خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە جاسۇسلۇققا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارغان بىلەن دۆلەت سىرتىدا، بولۇپمۇ ئامېرىكادا ھەممە ساھەدە جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ مەسىلىگە بولغان ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ بارماقتا ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى مەخسۇس خىتاي ئىشلىرى ئىشخانىسى قۇرۇپ، خىتاي جاسۇسلىرىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىللىيام بۇرنس (William J. Burns) 14-ئاپرېل كۈنى جورجىيا تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبىمىز. ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) كۆپ جەھەتتىن سىناققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ نىيىتى يامان، كۈچى زور. خىتاي ئىقتىسادىي كۈچتىن تارتىپ ھەربىي كۈچكىچە، ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىپ تور دۇنياسىغىچە بىزدىن ئېشىپ كېتىشكە تىرىشماقتا. ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا خىتاي خاككېرلىرى 150دىن ئارتۇق ئامېرىكا شىركىتىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىدى. خىتاي يەنە يادرو ئوق بېشىنى 1000 دانىغا يەتكۈزمەكچى. خىتاي بىر مىليوندىن ئارتۇق پۇقراسىنى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا قامىدى. نۇرغۇن دۆلەتلەرنى قەرزگە بوغۇپ قويدى. بۇ يىل 1-ئايدا بىز مەخسۇس خىتايغا قارىتىلغان يېڭى خىزمەت مەركىزى تەسىس قىلدۇق، بۇ بىزنىڭ خىتاي بىلەن ئۇزۇن مۇددەت رىقابەتلىشىشىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ».
ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ خىتاينىڭ چەتئەلدىكى جاسۇسلۇق تەشۋىقاتىنىڭ تولىمۇ بىمەنە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھېچكىمنىڭ خىتاينى تەكشۈرۈپ باققىنى يوق، خىتاي جاسۇسلىرى ياكى ئۇلارنىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ باققىنى يوق. ئۇلار ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ جاسۇسلۇق قىلىدۇ، پىتنە پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن، ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنى تەنقىدلىسەڭ ئاسىيالىقلارغا بولغان ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىسەن دەيدۇ، بۇ بىمەنە بىر گەپ، ئەمما ئۇلار مۇشۇنداق دەپ يۈرۈپ ئامېرىكىنىڭ بەزى جايلىرىدا قوللاشقا ئېرىشتى. گەرچە ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتى كۈلكىلىك بولسىمۇ، بەزىدە ناھايىتى ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشىدۇ».
تېڭ بىياۋ ئەپەندى خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەتئەللەرگە سىڭىپ كىرىشى، جۈملىدىن سودا مەخپىيەتلىكى، ھەربىي مەخپىيەتلىك ئوغرىلاشتەك جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى بارغانچە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى. خىتاينىڭ سىڭىپ كىرىش ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپىنچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، شۇنداقلا سودا جەمئىيىتى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، كۇڭزى ئىنستىتۇتى نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇلارغا قارىتا ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈش، ئەگەر خىتاينىڭ بىرلىك سەپ بۆلۈمى ۋە خىتاي ئەلچىخانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان قىلمىشلار بايقالسا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش كېرەك».
گوردون چاڭ ئەپەندى ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە قاتتىق قول بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكا دائىم خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى جاسۇسلىرىنى قوغلاپ چىقىرىدۇ، لېكىن ئۇلار ئەسلىدە خىتاي جاسۇسلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى مەنچە خىتاي كونسولخانىلىرىنى تاقاش. ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 2020-يىلى خىتاينىڭ خيۇستوندىكى كونسولخانىسىنى تاقاپ ياخشى قىلغانىدى، ئەمما مەنچە قالغان تۆت كونسولخانىنىمۇ تاقاش كېرەك. خىتاينىڭ ۋاشنگىتوندىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانىنىمۇ ئازايتىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ سانىمۇ ئازىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى بانكىلىرى ۋە شىركەتلىرىنىمۇ تاقاش، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇپ خىتاي ئۈچۈن گەپ قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك. بىز كوممۇنسىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادىكى ۋاكالەتچىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغاندىلا، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ۋە باشقا نومۇسسىز قىلمىشلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايمىز».
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ چەتئەللەرگە قارىتىلغان ئەڭ چوڭ، ئەڭ پائالىيەتچان ئىستىخبارات ئورگىنى بولۇپ، ئاخبارات توپلاش ۋە ئانالىز قىلىش، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش، سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەيدىكەن، خىتاي ئىچىدىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقىمۇ قاتنىشىدىكەن.
