بىر ئاي ئىچىدە ئىككى نەپەر خىتاي جاسۇسنىڭ ئەيىبلىنىشى ۋە خىتاينىڭ جاسۇسلۇققا مەجبۇرلاش تاكتىكىلىرى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.08.29
tangyuanjun-xitay-jasus-1024 8-ئاينىڭ 22-كۈنى نيۇ-يوركتا تۇرۇشلۇق تاڭ يۈەنجۈن ئىسىملىك بىر خىتاي «دېموكراتىيەچى»، 2018-يىلدىن 2023-يىلغىچە خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە جاسۇسى بولۇپ ئىشلىگەنلىك جىنايىتى بىلەن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى.
Photo: RFA

8-ئاينىڭ 22-كۈنى نيۇ-يوركتا تۇرۇشلۇق تاڭ يۈەنجۈن ئىسىملىك بىر خىتاي «دېموكراتىيەچى»، 2018-يىلدىن 2023-يىلغىچە خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە جاسۇسى بولۇپ ئىشلىگەنلىك جىنايىتى بىلەن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى. 67 ياشلىق تاڭ يۈەنجۈن 2024-يىل 8-ئاي ئىچىدە ئامېرىكادا خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن 2-خىتاي دېموكراتىيەچىسى بولۇپ، 6-ئاۋغۇست كۈنى نيۇ-يوركنىڭ بروكلىن سوتىدا ئامېرىكادىكى خىتاي دېموكراتىيە تەشكىلاتلىرىدىن بىرى «خۇ ياۋباڭ ۋە جاۋ زىياڭ فوندى جەمئىيىتى» نىڭ باش كاتىپى ۋاڭ شۇجۈن خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.

8-ئاينىڭ ئىچىدىلا ئامېرىكادىكى خىتاي دېموكراتىيەچىلىرى ئارىسىدا ئىككى كىشىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىشى، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچى تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەرنى قاتتىق چۆچۈتكەن. بولۇپمۇ تاڭ يۈەنجۈننىڭ 21-ئاۋغۇست ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، 22-ئاۋغۇست كۈنى جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىشى، ئۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىدا ئىشلەيدىغان بۇرۇنقى ئايالى جېن سالېن ۋە ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلۇقى بولغان بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرىنى ئەنسىرەتكەن ۋە چۆچۈتكەن.

تاڭ يۈەنجۈننىڭ بۇرۇنقى ئايالى جېن سالېن، 27-ئاۋغۇست رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، تېخى بۇ يىل 6-ئايدا ئاجراشقان سابىق ئېرى تاڭ يۈەنجۈن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ ئۇنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى، گەرچە تاڭ يۈەنجۈننى ئەيىبلەش ھۆججىتىدە ئۆزىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىدىن ئۇنىڭ مائاشلىق ھالدا ئۆيدە دەم ئېلىشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، ئۇ ئىشلەتكەن كومپيۇتېر قاتارلىق خىزمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن،

تاڭ يۈەنجۈننى يېقىندىن بىلىدىغان خىتاي پائالىيەتچىلىرىدىن كانادادىكى شېڭ شۆ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاڭ يۈەنجۈنگە ئوخشاش ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر پائالىيەتچىنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسىغا ئايلىنىشى گەرچە نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى ئۆكتىچىلەردىن جاسۇس تاللاشتا ھەر خىل پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدىكەن.

 شېڭ شۆ مۇنداق دېدى: «تاڭ يۈەنجۈننىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇ، 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىيەنى تەلەپ قىلىش نامايىشىنىڭ ئاكتىپ يېتەكچىلىرىدىن ئىدى. ئەينى چاغدا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 8 يىللىق تۈرمە ھاياتىدىن كېيىن، ئۇ پۈتكۈل خىتاينى ئايلىنىپ چىقىپمۇ خىزمەت تاپالمىغان. كېيىن ئۇ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، تەيۋەن ئارقىلىق ئامېرىكاغا كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. ئەلۋەتتە ئۇ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەلمىگەن، بىلىشىمچە، ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ ئىنىسى ئۆلۈپ كەتكەن، ئانىسىمۇ ئاغرىق ئىكەن. خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى مانا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىش بەدىلىگە ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەپ بېرىشكە كۆندۈرگەن. بۇ قىلمىش ئەلۋەتتە كىشىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ۋە غەزەپلەندۈرىدۇ.»

شېڭ شۆ سۆزىنى داۋام قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى خىتايغا قارشى ئۆكتىچىلەردىن جاسۇس تاللاشتا بارلىق پۇرسەت ۋە ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە مەن دېموكراتىك ھەرىكەتلەر سېپىدە ئىشلەۋاتقىنىمغا 35 يىل بولدى. ھەقىقەتەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان نۇرغۇنلىغان بۇزغۇنچىلىقلىرىنى كۆردۈم. يەنى ئارىغا زىددىيەت سېلىش، بۆلگۈنچىلىك قىلىش، پارچىلىۋېتىش، سېتىۋېلىش، سېسىتىش، قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرىغا شاھىت بولدۇم. ئۇلار ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلاندى. ئەلۋەتتە ئادەتتىكى كىشىلەر بۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىز پۈتۈنلەي پىدائىيلارچە ئېلىپ بېرىلىدىغان، تاپاۋىتى يوق خىزمەت. خىتاينىڭ يۇرتتا قالغان، تۇغقانلىرىمىزغا قىلغان بىۋاسىتە تەھدىتلىرىمۇ كۈچلۈك. بۇ سەۋەبلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر ئارىمىزدىن ئايرىلدى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەدە قىلغان مەنپەئەت ۋە پۇرسەتلەر تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلغان. ئۆز تەشكىلاتىغا خىيانەت قىلىپ جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇر قالغان پائالىيەتچىلەرمۇ بار. مەن بۇ خىل كىشىلەرنى ۋىجدانىنى يوقاتقان، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۆلگەن كىشىلەر دەپ قارايمەن.»

ئامېرىكانىڭ چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى خىتايغا قارشى ئۆكتىچىلەرنى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى گەرچە كۆپ خىل بولسىمۇ، ئەمما مەلۇم مەنپەئەت ۋەدە قىلىش ياكى ۋەتەندە قالغان تۇغقانلىرى ئارقىلىق تەھدىت سېلىش خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ كۆپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇسۇللار ھېسابلىنىدىكەن.

تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: «ئادەتتە ئىككى ئۇسۇل ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىرى مەنپەئەت بېرىش يولى ئارقىلىق كىشىلەرنى جاسۇسلۇققا سېلىش، يەنە بىرى يەنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلىنىۋاتقان ۋاسىتە بولسا تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىدۇر. بۇنىڭدا ئۆكتىچى پائالىيەتچىلەرنىڭ يۇرتىدا قالغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، تەھدىت سېلىش. بۇنىڭدا ئەگەر بۇ كىشىلەر چەت ئەللەردە خىتايغا قارشى تەنقىد ۋە ئەيىبلەشلەردە بولغىنىدا، خىتاي كومپارتىيەسى ھەر خىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىدا قالغان ئائىلە ئەزالىرىغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ، ياكى تەھدىت سالىدۇ. ھازىر بۇ ئەھۋاللار ئىنتايىن ئومۇملاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنە مۇشۇنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ چەت ئەللەردىكى ئۆكتىچىلەرگە تۈرلۈك شەرتلەرنى قويۇپ، ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن ئۇچۇر توپلاشقا ۋە جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇر قىلماقتا.»

تېڭ بياۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاراتقان چەكلىمىلىرى ۋە بۇزغۇنچىلىقى تېخىمۇ ئېغىر ئىكەن.

تېڭ بياۋ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىش ئىشلىرى جىددىي دىققەت قوزغاۋاتقان بولۇپ، يۇرتىغا قايتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل سوئال-سوراقلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە مەجبۇرلىنىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلشات ھەسەنمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل تەشكىلاتلىرى ئارىسىغىمۇ، خىتاي جاسۇسلىرىنى كىرگۈزۈش قىلمىشلىرى بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

شېڭ شۆ خانىم بولسا، نۆۋەتتە چەت ئەللەردىكى خىتايغا قارشى تەشكىلاتلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پائالىيەتلىرى ئاشكارا پائالىيەتلەر بولغىنى ئۈچۈن، كۆپىنچە تەشكىلاتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇچۇر يەتكۈزگەن گۇماندارلارغا ئېتىبارسىز قاراش ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

شېڭ شۆنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەمما چەت ئەللەردە تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغۇچىلارنىڭ زىيىنى پەقەت تەشكىلاتلار بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن، ئاقىۋەت شۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە شىركەتلەرگىمۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق ئەھۋاللارنى دەرھال شۇ دۆلەتلەردىكى قانۇن ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىش زۆرۈر ئىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايغا قارشى ئۆكتىچى تەشكىلاتلار ئىچىدە خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىۋاتقانلىقى گۇمان قىلىنغان كىشىلەر بايقالغان ئەھۋالدا، ئۇلارنى شۇ دۆلەتلەردىكى قانۇن ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىش ھازىرچە قوللانغىلى بولىدىغان بىردىن بىر قانۇنىي يول ئىكەن.

تېڭ بياۋنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي جاسۇس گۇماندارلىرىنى بايقىغان ھامان شۇ دۆلەتلەردىكى قانۇن ئورگانلىرىغا خەۋەر قىلغاندا، بۇنىڭ كېلىپ چىقىدىغان زىياننى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈرۈشتە بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.