10-ئاينىڭ 1- كۈنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق پارات ئۆتكۈزدى.
خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پاراتقا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى، خىتاي قۇراللىق ساقچى قىسىملىرى ۋە خەلق ئاممىسى نامىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.
خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى قاتارلىق خىتايدىكى ئەڭ ئالىي 3 ھوقۇقىنىڭ ساھىبى بولغان شى جىنپىڭ پاراتتا سۆز قىلغان ۋە پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
شى جىنپىڭ 1949-يىلى قۇرۇلغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى ئاجىز بىر دۆلەتتىن ھازىر كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۈگۈنكى خىتاي دۆلىتىنى ھەرقانداق بىر كۈچنىڭ «بوزەك قىلالمايدىغانلىقى» نى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «70 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە يولداش ماۋ زېدۇڭ بۇ يەردە دۇنياغا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىغانىدى، خىتاي خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى. بۇ بىر ئۇلۇغ ۋەقە، يېقىنقى 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت خىتاينىڭ نامرات، ئاجىز، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتى. بۈگۈنكى كۈندە سوتسىيالىستىك خىتاي دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى، ھېچقانداق كۈچ بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئورنىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھېچقانداق كۈچ خىتاي خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.»
شى جىنپىڭ نۇتۇقىدا يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتايدىكى مۇتلەق رەھبەرلىك ئورنىنى، سوتسىيالىزىم تۈزۈمىنىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ۋە دۆلەت بىرلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە بىز خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خىتايچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي يۆنىلىشى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.
بىر نەچچە كۈندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىدا مەزكۇر پاراتتا خىتاينىڭ 70 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادي مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ھەربىي قۇدرىتىنى نامايان قىلىنغانلىقى مەدھىيەلەنمەكتە. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پاراتتا قىلغان سۆزلىرىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇتلەق رەخبەرلىكىنى ھىمايە قىلىش شۇنداقلا پاراتتتا نامايەن قىلىنغان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ قۇدرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇش ئاساسىي تېما قىلىندى.
ئەمما غەرپ دۆلەتلىرىدىكى مۇستەقىل تاراتقۇلاردا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرلەنگەن ھەشەمەتلىك پارات ھەققىدە ئانالىزچىلارنىڭ ئوخشىمىغان مۇلاھىزىلىرى ئېلان قىلىنماقتا.
«خىتاي ئىستىراتىگىيەسى تەتقىقاتى» ناملىق پەسىللىك ژۇرنالنىڭ باشلىقى، سىياسىي ئانالىزچى لى ۋېيدوڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاينىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن پاراتىنى ئۆتكەن ئەسىردىكى مۇستەبىت تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردىن گىتلېر باشچىلىقىدىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، يەنى 30-يىللاردا بېرلىندا ئۆتكۈزگۈن پاراتىغا ۋە ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا ئۆتكۈزگەن پاراتىغا ئوخشىتىش مۇمكىن ئىكەن.
لى ۋېيدوڭ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ پاراتتىن ئالغان تەسىراتىم مۇستەبىت ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەيۋە كۆرسىتىشى بولدى. مەزكۇر پاراتنى كۆزەتكىنىمىزدە ئەڭ دىققەتنى قوزغايدىغىنى ھوقۇقنى قولىغا مەركەزلەشتۈرگەن بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ زورلۇقىنى نامايەن قىلىشىدۇر. 1930-يىللاردا سىنغا ئېلىنغان گىتلېرنىڭ پاراتى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىملاردىن ‹ئىرادىنىڭ غەلبىسى› دە مۇشۇنداق كۆرۈنۈشلەر ئۇچرايدۇ. پۈتكۈل پارات جەريانىدا مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنىڭ ياكى بىر قىزىل ئىمپېرىيەنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكى نامايەن قىلىنغان. »
ئۇ خىتاينىڭ ھەربىي پاراتتا ھەر خىل قۇراللارنى كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھەيۋىسىنى نامايەن قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دەيدۇ: «قۇراللىق پاراتتىن ئۆتۈش خىتاينىڭ خەلقئارادا 2- دەرىجىدىكى ھەربىي كۈچكە ئىگە دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتكەنلىكىنى نامايەن قىلدى دەپ قارايمەن. چۈنكى 1- ئورۇندا يەنىلا ئامېرىكا تۇرىدۇ. ھەربىي كۈچتە 2-ئورۇندىكى دۆلەتلەردىن ھازىر رۇسىيە، ئەنگىلىيە، ئىسرائىلىيە، ياپونىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ دائىرىگە كىرىدۇ. قارىغاندا، خىتاي ھازىر ياپونىيە بىلەن تەڭلەشكەندەك، ئەنگىلىيەدىن ئېشىپ كەتكەندەك كۆرۈنىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر تەھدىت دەپ قاراشقا بولىدۇ.»
لى ۋېيدوڭ ئەپەندى يەنە پاراتتا شەخسكە چوقۇنۇش ئىدىيەسىنىڭ گەۋدىلىك نامايەن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دەيدۇ: «رەئىس سەھنىسىدە يېقىنقى يىللاردىكى خىتاي دۆلەت رەئىسىلىرىدىن جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، شى جىنپىڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقانقىنىدا نامايىشچى ئامما خىتاي كوپمپارتىيەسى تارىخىدىكى دۆلەت رەخبەرلىرىدىن ماۋ زېدوڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، شى جىنپىڭ قاتارلىق 5 كىشىنىڭ رەسىمىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈزۈندىلىرى يېزىلغان چوڭ تاختىنى كۆتۈرۈپ مەدھىيە شوئارلىرىنى توۋلاپ پاراتتىن ئۆتتى. تىرىك ئادەملەرنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ پاراتتىن ئۆتۈش ئەمەلىيەتتە ھازىر خەلقئارادا پەقەت شىمالىي كورىيەدىلا مەۋجۇت. ئىلگىرى كۇبا ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردىلا مەۋجۇت ئىدى. بۇ خىل شەخسكە چوقۇنۇش روھىنى نامايەن قىلىش ۋە سەھنىدىكى 3 نەپەر ھايات رەھبەرنىڭ رەسىمىنى تەڭ كۆتۈرۈپ مېڭىش ناھىيىتى سەزگۈر مەسىلە.»
تۈركىيە ھاجى تەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا بۇ خىل زور كۆلەملىك پاراتلار ئادەتتە ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈش ئادەتكە ئايلانغان. شۇنداقلا بۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن قالغان شىمالىي كورىيە قاتارلىق سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى دىيىشكە بولىدىكەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پاراتلار بىلەن خىتايدىكى پاراتنىڭ پەرقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى پاراتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدىمۇ پىكىر بايان قىلدى.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بايانىدا شى جىنپىڭ تەختكە چىققان 7 يىلدا 5 قېتىم پارات ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ بۇ خىل پارات ئارقىلىق خىتاينىڭ كۈچىنى نامايەن قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇ قەدەر قۇدرەتلىك ئەمەسلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بايانىدا خىتايدا 6 ئاي تەييارلىق قىلىنىپ، زور مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پاراتنىڭ خىتاينىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بىلەن سودا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەن، خوڭكوڭدا نارازىلىق نامايىشى داۋاملىشىۋاتقان، 2 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى مۇنازىرە بولۇۋاتقان بىر چاغدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە شى جىڭپىڭنىڭ بۇ خىل پارات ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا نامايەن قىلىش، ئۆز خەلقىدە خىتاي سۆيگۈسىنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۇنيادا جىددىي دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقان خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتى، خىتايدىكى بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئىقتىسادىي تەرەقىيات، مۇھىت بۇلغۇنىشى، غەرپ دۆلەتلىرى بىلەن سودا ۋە قىممەت قارىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، بۇ مەقسەتكە يېتىشىنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.