چاپچال ناھىيەسىنىڭ ئىلى دەرياسى بويىدىكى بىر توقايلىقى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەن ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان
2024.03.25
ئىلى دەرياسى بويىدىكى توقايلىقلار تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەن جەلپكار بىر سەيلىگاھ بولۇپلا قالماستىن، دەريا ۋادىسىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى كەلكۈن ۋە بوراندىن قوغداش قاتارلىق، ئېكولوگىيەلىك روللىرى بىلەنمۇ قىممەتلىك بىر بايلىقتۇر. ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ توقايلىقلار، 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. بۇنىڭغا ئاساسلىق ئاھالىلەردىن كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ لاگېردا بولۇشى ۋە بۇ توقايلىقنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە سېتىۋېتىلىشى سەۋەب بولغان.
يېقىندا چاپچاللىق بىر مۇھاجىرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئىلى دەرياسى بويىدىكى توقايلىقلارنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بىئارام بولغان تۇرسۇنجان ئىسىملىك چاپچاللىق بىر ئاھالە، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ بۇ توقايلىقلارنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ جەرياندا، بۇ توقايلىقلارنىڭ بۈگۈنگىچە قوغدىلىشىدا دۆلەتنىڭ «قوغداش» سىياسەتلىرىدىن باشقا، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئەجدادمۇ-ئەجداد قوغدىشى، پەرۋىش قىلىشى نەتىجىسىدە ساقلىنىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. بۇ كىشى ئۆز تەلىپىنى دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلمىغان ۋە ھەتتا مەدھىيەلىگەن ئاساستا چىرايلىقچە چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، گۇماندىن خالىي بولالمىغان. ساقچىلار ئۇنىڭغا «ھەددىنى بىلىش» تەربىيەسى بېرىپ ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويغان ۋە تەكرار بۇ تېمىدا ئېغىز ئاچسا نېمە كۆن كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن لاگېردىكى قوشنىلىرىنى ئەسلىتىپ قويغان.
بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەنە شۇ تۇرسۇنجان ئىسىملىك ئاھالىنى سوراق قىلغان ۋە ئۇنىڭغا تەھدىت سالغان كەنت ساقچىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرسۇنجانغا سالغان تەھدىتىنى ئاقلاپ مۇنداق دەيدۇ:
«مەركەزنىڭ سىياسىتى ياخشى، دېھقانلارغا تېرىلغۇ يەرلەر ئۈچۈن قوشۇمچە ياردەم پۇل بېرىلىۋاتىدۇ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي بېرىلىۋاتىدۇ».
مەزكۇر ساقچى خادىمى ئۆز قىلمىشىنى ئاقلاش داۋامىدا، چاپچالدا 10 مىڭ مو توقايلىقنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە، يىللاردىن بېرى ئاھالىلەردە شىكايەت بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاھالىلەردىن بىرى، بۇ توقايلىقلارنىڭ قوغدىلىشىدا، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ چوڭ ئەجرى بارلىقىنى بىر قىسىم پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ توقايلىق، 2017-يىلىدىن كېيىن ئاساسەن دېگۈدەك مۇداپىئەسىز قالغان. كۆز ئالدىدىلا مەنپەئەتنى كۆزلىگەن يەرلىك دائىرىلەر، بۇ توقايلىقنى خىتاي شىركەتلىرىگە ساتقان. شىركەتلەر دەسلەپكى يىللاردا ئورمان تىكىش ۋە زىرائەت تېرىش بىلەن ئۆزلىرى سالغان مەبلەغنى تېز ئۈندۈرۈشنىڭ كويىغا ئۆتكەن، ئەمما ئۇنىڭ مۇھىتقا، جۈملىدىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرى بىلەن كارى بولمىغان.
مەزكۇر كەنت ساقچىسى توقايلىقلارنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە سېتىشنىڭ يېقىنقى 4 يىلدا يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى ۋە ئۆز تەۋەلىكىدىكى 400 موچە توقايلىقنىڭ تېخى يېقىندىلا خىتاي كۆچمەنلىرىگە سېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
توقايلىقلارنى كۆچمەنلەرگە سېتىشنىڭ يامان ئىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن بۇ خادىم، تۇرسۇنجانغا تەھدىت سېلىشتا ئۆزىنىڭ خاتا قىلمىغانلىقىنى، چۈنكى ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى تەرەپتە تۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلى دەرياسى بويىدىكى توقايلىقلار 2000-يىللاردىن باشلاپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. توقايلىقلارنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىنىڭ يارىتىش ئېھتىمالى بولغان ئىقتىسادىي قىممىتىنى پەرەز قىلغان خىتاي شىركەتلىرى، رايوندىكى ھەر سىياسىي ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىدە، بولۇپمۇ قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنلىرىنىڭ ئارقىسىدا تۇغۇلغان ھەر بىر پۇرسەتتە، بۇ توقايلىقلاردىن پارچىلارنى سېتىۋالغان. نەتىجىدە 2017-يىلىدىن كېيىن، بۇ توقايلىقلار ئاساسەن دېگۈدەك خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن.
مەزكۇر ساقچى خادىمى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن توقايلىقلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ بۇزۇلغانلىقى ۋە كۈپ قىسمىنىڭ بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى يوشۇرمىدى
يۇقىرىدا، ئىلى دەرياسى بويىدىكى بىر توقايلىقنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.