دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 100 نەپەر نوپۇزلۇق خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قورقۇتۇپ ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنىڭ دۇنيا ۋە خىتاي خەلقىنى خەتەرگە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي خەلقى ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى خىتاينىڭ دوستلىرى، نۆۋەتتىكى دۇنياۋى كرىزىس سىلەر كۆپىنچىڭلار يىللاردىن بېرى قوللاپ ۋە چىداپ كەلگەن رېجىم تەرىپىدىن پەيدا قىلىندى.»
ئوچۇق خەتتە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن مۇستەقىل تەتقىقاتچى پروفېسسور شۇ جارۇڭنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، دۇنياۋى ۋابانىڭ مەنبەسى خۇبېي ۋۇخەندىكى خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باستۇرۇپ قويۇلغانلىقى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا يۇقۇم خەتىرىنى تۆۋەن قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.
خەتتە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەممەيلەننى خەتەرگە ئىتتەرگەنلىكى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسەتلىرىنى قارار قويۇق قوللاشقا بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇددىئاسى ۋە ھۆكۈمەتكە قاراشلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ بىر پارتىيەلىك بۇ دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى تەنقىدسىز تەستىقلاشلىرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا، بىز خىتايدا ‹بىرەسمىي› دەپ قارىلىدىغانلارنىڭ ساداسىغا ئېتىبار بېرىلىشىدە رول ئوينىيالايمىز. بۇ ھۆكۈمەتكە باغلانمىغان تەتقىقاتچىلار، دوختۇرلار، سانائەتچىلەر، پۇقرالار، مۇخبىرلار، خەلقپەرۋەر ئادۋوكاتلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قورقۇتۇپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك. سىلەرمۇ ھەم شۇنداق.»
ئۇلار خېتىدە يەنە خىتاي كومپارتىيەسى جىمىقتۇرغان بىر قىسىم دوختۇر، ئادۋوكات ۋە پروفېسسورلارنىڭ نامىنى تىلغان ئېلىپ «ئۇلارنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق خىتاي ئۈچۈن ئۆز ھۆرلۈكى ۋە ھاياتىنى تەقدىم ئەتكەن شېھىتلار» ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
خەتكە دۇنيادىكى نوپۇزلۇق پروفېسسور، دىنىي زات، تەتقىقاتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى قاتارىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقاتچىسى رەھىمە مەخمۇتمۇ ئىمزا قويغان.
ئىمزالىق ئوچۇق خەت 12-ئاپرېل زىمىستان تورىدا ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە ئىككى خىل تىلدا ئېلان قىلىنغان.