7-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى كوممۇنىستىك پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقاندا، چەت ئەللەردە خىتاينىڭ 100 يىللىق قانلىق تارىخىنى ئەيىبەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
1-ئىيۇل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى كوممۇنىستىك پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى دەبدەبە بىلەن خاتىرىلەۋاتقاندا، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، خىتاي دېموكراتلىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە مۇسۇلمان جامائىتى تۈرلۈك يىغىلىش ۋە مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كومپارتىيەنىڭ 100 يىللىق قانلىق تارىخىنى ئەيىبلىدى.
1-ئىيۇل كۈنى د ئۇ ق بېرلىندىكى تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى، تىبەتلىكلەر ۋە خىتاي دېموكراتلىرى بىلەن بىرگە خىتاينىڭ بېرلىندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، خىتايدا ھازىنىڭ سىمۋولى بولغان ئاق گۈلچەمبىرەكنى ئەلچىخانا دەرۋازىسى ئالدىغا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

بۇ پائالىيەتتىن كېيىن تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى بىلەن د ئۇ ق نىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار، خوڭكوڭلۇقلار، خىتاي دېموكراتلىرى «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ھېچقانداق سەۋەب يوق» ناملىق تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا «7-ئاينىڭ 1-كۈنى كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيەنىڭ ماتەم كۈنىدۇر. بۇ كۈنى بىز خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرىپىدىن ئېغىر زۇلۇملارغا ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان بارلىق خەلقلەرگە ماتەم بىلدۈرىمىز» دېگەن ۋە خىتاينىڭ قانلىق تارىخنى يوشۇرۇپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئاپەت بولغان كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە ھېچقانداق ئاساسى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزنى قىسقىچە مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.
1-ئىيۇل كۈنى ئەنگىلىيە پايتەختى لوندۇندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. لوندۇندىكى بۇ پائالىيەتنى بىرىتانىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق 40 قا يېقىن تەشكىلات ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىرقىسىم يەرلىك مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى قاتناشقان.
نامايىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلغان تەشۋىقات ئۈزۈندىلىرىدە شۇنداق يېزىلغان: «زالىم تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ 100 يىللىقىغا ئورتاق قارشى تۇرايلى! خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1921-يىلى 1-ئىيۇل قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى 1949-يىلى خىتايدا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغۇچە قان دەرياسىدا ئاققان پارتىيەدۇر. ئۇ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بۇيان، بۇ بىپايان تۇپراقنى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن 2016-يىلىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىگە ئائىت بارلىق ئۆزگۈچىلىكلىرى ئۈستىدىن ئاق تېررورلۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەن، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى يولغا قويغان. بۇ مەقسەدلىرىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن، 2017-يىلىدىن باشلاپ جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قاماپ، ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشلىدى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۈگۈن ئۆزىنىڭ قانلىق تارىخىنى يوشۇرۇپ 100 يىللىقىنى قۇتلۇقلىماقتا. 50 مىليوندىن ئارتۇق خىتاي خەلقىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، شەرقىي تۈركىستاندا يەنە مىليونلىغان مۇسۇلمان خەلقلەرنى قەتلى قىلغان 90 مىليون ئەزاسى بولغان بۇ پارتىيە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تېررورلۇق تەشكىلاتتۇر. ئىنسانىيەت ئالىمى ئۈچۈن زور ئاپەت بولغان بۇ پارتىيەگە قارشى تۇرۇش، ھەربىر ئىنساننىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. بىز سىزنىڭمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇپ دىننىڭ، دېموكراتىيەنىڭ، ئىنسانلىقنىڭ، ئەركىنلىكنىڭ دۈشمىنى بولغان بۇ پارتىيەگە قارشى بىر كىشىلىك ئاۋازىڭىزنى چىقىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!»
د ئۇ ق لوندۇن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە خانىم بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، لوندۇندىكى بۇ پائالىيەتنى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
1-ئىيۇل كۈنى د ئۇ ق يەنە تىبەتلەر، موڭغۇللار، خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر ۋە دېموكراتىك خىتايلار بىلەن بىرلىكتە «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقى: تەبرىكلەيدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى بىر ئەسىرلىك زۇلۇم» دېگەن تېمىدا تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسىرلىك قانلىق تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتكەن. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندى قاتناشقان. ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىر ئەسىرلىك جىنايەتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.