خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق قانلىق تارىخى توغرىلىق كۆتۈرۈلگەن دۇنياۋىي چوقانلار
2021.07.01
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى زور كۆلەملىك مۇراسىم بىلەن داغدۇغىلىق ھالدا خاتىرىلىدى. ئايلار ئاۋۋال باشلانغان تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىدە خىتاي كومپارتىيەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شانلىق تارىخ يارىتىپ، مىليونلىغان خەلقنى بەخت-سائادەتكە يېتەكلىگەنلىكى» نى كۈچەپ تەشۋىق قىلدى.
شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، خوڭكوڭدىكى ۋەدىسىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ دېموكراتىيەسىنى ۋەيران قىلغان، يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت دۆلىتى سىستېمىسىنى خىتايدىن ھالقىتىپ چەت ئەللەرگە كېڭەيتىۋاتقان ۋە شۇنىڭدەك بىر قاتار سىياسەتلىرى بىلەن دۇنيانىڭ مەۋجۇت دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدىكى سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادىكى غەرب ئەللىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە كەلگەن بۇ 100 يىللىق خاتىرە كۈنى چەت ئەللەردىمۇ كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.
ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى كۆزەتكۈچىسى گوردون چاڭ يېقىندىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسى قوزغىغان «100 يىللىق شانلىق مۇساپە» نامىدىكى تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىگە ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ قارشى پىكرىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدىمۇ خىتاينىڭ بۇ سەپسەتىسىنى ئەيىبلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى 100 يىللىق كوممۇنىزم خىتايدىكى خەلقلەر ۋە شۇنداقلا دۇنيا خەلقى ئۈچۈن بىر تراگىدىيە ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا زور تەھدىت. ئۇ ئامېرىكا ئۈچۈن ۋە دېموكراتىيە-ئىنسان ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر زور تەھدىتكە ئايلاندى.»
دەرۋەقە، خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە، ئامېرىكانىڭ ھەرئىككى پارتىيەدىن بولغان دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىلدىن بۇيان ئۆز پۇقرالىرىغا قاراتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلەش ھەققىدە بىر قارار لايىھەسى تونۇشتۇرغان ئىدى. 25-ئىيۇن كۈنى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گاللاگېر باشچىلىقىدا تونۇشتۇرۇلغان قاراردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1930-يىللاردىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا يۈرگۈزگەن 30 دىن ئارتۇق جىنايىتى شەرھىيلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى گەۋدىلىكلىرى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ۋە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا مىليونلارچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە تۇتقۇن قىلىنىشى، تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇشى، ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گاللاگېر ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكېل ماككول قارار لايىھەسى ھەققىدىكى باياناتلىرىدا «ۋەھىمە ۋە زۇلۇم گېنىغا سىڭىپ كەتكەن خىتاي كومپارتىيەسى 100 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئۆزىنىڭ زىيانلىق ھەرىكەتلىرىنى قانۇنىيلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئەسىرىمىزدىكى دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنىڭ ئەڭ زور كۈشەندىسى ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە،» دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «كور ئانالىتىك تەتقىقات ئورنى» نىڭ مەسئۇلى دوكتور ئاندرېس كور بۈگۈن ئېلخەت ئارقىلىق رادىيومىزغا بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا، «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇش يولىدىكى توغرا بىر قەدەم» دەپ باھالىدى.
ئۇ رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقىنى ئەيىبلەيدىغان بۇ قارار لايىھەسىنى ئامېرىكا خەلقىنى ۋە دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇش يولىدىكى توغرا بىر قەدەم دەپ قارايمەن. شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي بىزگە دوست ئەمەس، ئۇ دېموكراتىيەنىڭ دۈشمىنى.»
ئۇ شۇنداقلا يەنە خىتاي كومپارتىيەسى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان تەشۋىقاتلارنىڭمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە كۈنى خىتاي خەلقى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، 100 يىللىق باستۇرۇش ۋە نامراتلىق تارىخىدۇر. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز خەلقىگە ئەمەلىيەتتە تەڭداشلىرى ھېسابلىنىدىغان ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە تەيۋەنچىلىك تەرەققىيات ۋە تېنچىلىق ئېلىپ كېلەلمىدى. ئۇ ئەكسىچە ئۇرۇش ۋە يېتەرسىز تەرەققىيات ئېلىپ كەلدى.»
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ئۆز باياناتىدا «بۇ يۈز يىل تەبرىكلەيدىغان يۈز يىل ئەمەس ئەكسىچە ئۇ پارتىيىنىڭ رەھىمسىز ھاكىمىيىتى ئاستىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئون مىليونلىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ۋە بۇ كومپارتىيە سادىر قىلغان قەبىھ قىلمىشلارنى ئەسلەيدىغان پەيت» دېگەن بولۇپ، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ «تەبرىكلىگۈدەك ئىش يوق» خەشتەگى ئېچىلدى. نۇرغۇن دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئامېرىكانىڭ ب د ت دە تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى نىككىي ھېيلىي قاتارلىق سىياسەتچىلىرى مۇشۇ خەشتەگ ئاستىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تارىخىنىڭ زۇلمەتلىك ۋە قانلىق تارىخ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى. نىككىي ھېيلىي خانىم بولسا تىۋىتتىر ئۇچۇرىدا بۇ كۈندە خىتايدا لاگىرلارغا قامالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئەسلىدى.
بۈگۈن شۇنداقلا ئامېرىكادىكى ھەرقايسى نوپۇزلۇق خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغان نۇرغۇن مۇلاھىزە ماقالىلىرىدىمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تارىخى چوڭقۇر ئانالىز قىلىندى. بۇ ئانالىزلاردا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يەنىمۇ زوراۋان، يەنىمۇ مۇستەبىت ۋە يەنىمۇ خەتەرلىك ھالەتكە كەلگەنلىكى تەكىتلەندى.
30-ئىيۇن كۈنى «ۋول-سىترىت ژورنىلى» گېزىتى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقى-خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاشقۇن مىللەتچىلىك تەشەببۇسى يەر شارىۋى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن زور تەھدىت» ناملىق بىر تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلدى.
ماقالىدا مۇنداق دىيىلگەن: «خىتاي كومپارتىيىسى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ساليوتلار بىلەن ۋە مىللەتچىلىك قىزغىنلىقى بىلەن 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ، ئەمما بۇ خۇشال بولىدىغان ۋاقىت ئەمەس. بۇ پارتىيە ھاكىمىيەتتىكى كونتروللۇقىنى تۆمۈر تاپانلار بىلەن ساقلاپ قالدى، ئۇ ھازىر يەر شارى ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيەگە ئاساسلىق تەھدىت بولۇپ شەكىللەندى»
ماقالىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۇنىڭ قاتىللىق تارىخى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ تۇرۇپ، ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە مىليونلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان سىياسەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان ۋە مۇنداق دىيىلگەن: «بۇ پارتىيەنىڭ كونترول قىلىش ئۇسۇلى قورقۇنچ سېلىشتۇر. شى جىنپىڭ دەۋرىدە ھۆكۈمەتنىڭ باشقىچە پىكىرلەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك تۆۋەنلىدى. ئۇ نازارەت قىلىش قورالىدىن پايدىلىنىپ، پارتىيە سېپىگە خىرىس قىلىدىغان ھەر قانداق قارشى ئاۋازلارنى بوغدى. . . ئۇنىڭ يېڭى ‹ئىجتىمائىي-ئىناۋەت› سىستېمىسى ئورۋېلچە كونترول سېستىمىىسنىڭ بىر ئۆرنىكىدۇر. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتا تەربىيىلەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك لاگىرلىرىغا قامىشى، خوڭكوڭغا بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىشى بۇ پارتىيىنىڭ ئۆز خەلقىدىن قانچىلىك قورقىدىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارانىڭ تەنقىدىگە ئېرەڭسىمەيدىغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.»
گوردون چاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مانا بۇ مىساللار ئامېرىكا نەچچە ئون يىلدىن بېرى يۈرگۈزگەن خىتاي بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇنى يەرشارى سېستىمىسغا باشلاپ كىرىشتىن ئىبارەت سىياسەتنىڭ پۈتۈنلەي خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا بۇنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، دېدى.
«مەنچە، بۇ بىز ئۈچۈن بىزنىڭ ھازىرغىچە خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىمىزنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق ئۇنى يەر شارىۋىي سىستېمىغا ماسلاشتۇرىمىز، دەيدىغان سىياسىتىمىزنىڭ خاتالىقىنى تونۇيدىغان ياخشى پۇرسەت بولۇشى كېرەك. ئامېرىكا ئەمدى خىتاي كومپارتىيەسىگە خاتىمە بېرىدىغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشى كېرەك.»
«ۋول-سىترىت ژورنىلى» نىڭ تەھرىرات ماقالىسىدا ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ قانچىلىك تەھدىت بولىدىغانلىقى، خىتاي كوممۇنىزىمى ۋە ئۇنىڭ ئاشقۇن مىللەتچىلىكىنىڭ بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئۆزىنى قانداق ئىپادىلەيدىغانلىقىغا باغلىق ئىكەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «خىتاينىڭ دۇنياغا تەھدىتى كوممۇنىزم بىلەن مىللەتچىلىكنىڭ بىرلەشمىسىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا ئۆزىنى قانداق ئىپادىلەيدىغانلىقىغا باغلىق. بىراق ئالامەتلەر ياخشى ئەمەس. مەسىلەن، ئۇنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان چېگرا توقۇنۇشى، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنى ئىگىلىۋېلىشى، نامرات دۆلەتلەرنى قەرزگە بوغۇپ تۇرىدىغان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلىشى دېگەندەك. كىشىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغىنى، كومپارتىيە پارتىيە ئۆزىنىڭ بۇ مۇتلەق كونترول سىستېمىىسنى ئەركىن جەمئىيەتكە ئېكسپورت قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.»
1-ئىيۇل كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى زور كۆلەملىك بىر پائالىيەت بىلەن ئۆزىنىڭ 100 يىللىقىنى تەنتەنە قىلىۋاتقاندا كۆزەتكۈچىلەر خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ قانداق بىر يوسۇندا ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقان ۋە مۇنازىرە قىلىۋاتقان مىنۇتلاردا بولسا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گۇگۇڭ خان سارىيى ئالدىدا قىلغان 1 بىر سائەتلىك نۇتۇقىدا تۆۋەندىكىدەك ئىبارىلەرنى قوللانغان: «خىتاي خەلقى ھېچقانداق چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ بىزنى بوزەك قىلىشىغا، زۇلۇم قىلىشىغا ۋە قۇل قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. جۈرئەت قىلغانلارنىڭ بېشى يېرىلىپ، قېنى 1 مىليارد 400 مىليون خىتاي خەلقىنىڭ گۆشى ۋە قېنى بىلەن ياسالغان سەددىچىن سېپىلى ئالدىدا ئاقىدۇ. . .»