15-ئىيۇل باشلانغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ھەر تۈرلۈك ئانالىزلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. 15-ئىيۇل «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» ئېلان قىلغان «خىتايدىكى مەسىلىلەرنىڭ تىزىملىكى ئۇزۇن» ناملىق ماقالىدە؛ «ئەينەك» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئاجىزلاشماقتا، كومپارتىيە ئىسلاھاتنى مۇزاكىرە قىلماقچى» ناملىق ماقالىدا؛ شۇنداقلا BBC ئېلان قىلغان «خىتاي كومپارتىيەسى 3-ئومۇمىي يىغىندىن ئىلگىرى ئىقتىسادىي چۆكۈشنىڭ دەردىنى تارتتى» قاتارلىق ماقالىلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى 2024-يىلى 6-ئايغا كەلگەندە ئاران 4.7 پىرسەنت يۈكسىلىپ، 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنى خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ئەڭ قاتتىق «مەسىلىلەر» گە دۇچ كېلىۋاتقان بىر زاماندا چاقىرىلغان.
ماقالىلەردە بايان قىلىنغان پىكىرلەرگە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزلارغا ئاساسەن، خىتاي نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر «مەسىلىلەر» نى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
1. خىتاي ئىچكى جەھەتتە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ تۆۋەنلىشى؛ ئۆي-مۈلۈك سودىسىنىڭ خارابلىشىشى؛ خەلقنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ ئاجىزلىشىشى؛ ئىشسىزلىقنىڭ زور دەرىجىدە كۈچىيىشى؛ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كېتىشى؛ بانكىلارنىڭ ئۆلۈك ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى ۋە خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىكىدەك بىر قاتار كىرىزىسلارغا پاتماقتا ئىكەن.
2. خىتاي تاشقى جەھەتتە رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوللىشى؛ تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشى؛ رۇسىيە، شىمالىي كورېيە، ئىران قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ دۇنيا تىنچلىقىغا خەۋپ شەكىللەندۈرۈشى؛ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تايانغان كۈنتاختا، توكلۇق ئاپتوموبىللارنى دۇنيا بازارلىرىغا تۆكمە قىلىپ غەرب سانائىتى ساھەسىگە خىرىس قىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن تۈرلۈك جازا ۋە چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.
مەسىلەن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تايانغان توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا ئېغىر تاموژنا بېجى قويماقتا ئىكەن ھەمدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تايانغان كۈنتاختا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن. غەرب شىركەتلىرى يەنە خىتايغا سالىدىغان مەبلەغلىرىنى ئازلاتماقتىكەن ياكى پۈتۈنلەي توختاتماقتا ئىكەن. خىتايغا تايىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى ئالدىمىزدىكى يىللاردا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىدىكەن. بۇلار كەلگۈسىدە خىتاي ئىقتىسادىغا تېخىمۇ ئېغىر زەربىلەر ئېلىپ كېلىدىغان ئامىللار ھېسابلىنىدىكەن.
يۇقىرىقى «مەسىلىلەر» شى جىنپىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان، شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىنى رەت قىلىش جاسارىتى بولمىغان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 370 نەپەر ۋەكىلى قاتنىشىۋاتقان بۇ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ھەل بولۇشى ياكى بۇ يىغىندىن دۇنيا ۋە خىتاي خەلقى كۈتكەندەك بىر ئىجابىي جاۋابنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى شۈبھىلىك ئىكەن.
تۈركىيەدىكى ھاجەتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىقتىسادىي ساھەگە ئائىت بەزى يېڭىلىقلار چىقسىمۇ، دۇنيا كۈتكەندەك ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشكە مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئىجابىي قارارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ناتايىن ئىكەن. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ دىكتاتورلۇق تۈزۈمى ۋە بۇ دىكتاتور ھاكىمىيەتنىڭ باسقان خاتا قەدەملىرى خىتاينى ئېغىر كىرىزىسكە پاتۇرغان بولۇپ، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىمۇ خىتاينىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئۈمىدلىرىنى ئۈزگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي مۇستەملىكىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ چىقىش يولى پەقەتلا مۇستەقىللىق بولۇپ، خىتايدىن قانداقتۇر باشقىچە بىر ئۈمىدلەرنى كۈتۈش، ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن.
خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنى مۇھىم قارارلار ئېلان قىلىنىدىغان يىغىن بولۇپ، 1978-يىلى دىڭ شاۋپىڭ «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» قارارىنى 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان. «بىر پەرزەنتلىك بولۇش» تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشمۇ 2013-يىلىدىكى 3-ئومۇمىي يىغىندا ئېلان قىلىنغان. بىراق، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ، بولۇپمۇ زور دەرىجىدە ئىشسىز قېلىۋاتقان خىتاي ياشلىرىنىڭ نۆۋەتتە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى ئىش پۇرسىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك مەسىلىسى بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىمقى 3-ئومۇمىي يىغىندىن بۇ جەھەتتە ياخشى بىر قارارنىڭ چىقماي قېلىشىدىن ئەندىشىلەنمەكتە ئىكەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ يىغىن پەقەتلا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەييار قىلىپ قويغان قارارلىرىنى تەستىقتىن ئۆتكۈزىدىغان بىر يىغىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.