ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئائىلىسىدىكىلەر لاگېرغا تۇتۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.08.17
xitay-konsulxanisi-istanbul.jpg لاگېر شاھىتلىرى ۋە جازا لاگېرى قۇربانلىرىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق يېقىنلىرى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا. 2020-يىلى 14-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.
RFA/Erkin Tarim

14-ئاۋغۇست كۈنى لاگېر شاھىتلىرى ۋە جازا لاگېرى قۇربانلىرىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق يېقىنلىرى تەشكىللىنىپ، خىتاينىڭ ئىستانبۇل سارىيەر رايونىدىكى كونسۇخانىسىغا ئىلتىماس سۇنماقچى بولغان، ئەمما خىتاي كونسۇلخانىسى بۇ ياشلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ يازغان ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمىغان. مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازا لاگېرلىرىغا، تۈرمىلەرگە سولانغان ئىز-دېرىكى يوقالغان كىشىلەرنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىنلىرى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ فوتو-سۇرەتلىرى بېسىلغان مايكىلارنى كىيگەن ھالدا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ۋە جازا لاگېرلىرىدىكى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىلتىماسنى سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كونسۇلخانىسى ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى ئالغىلى ئۇنىمىغان.

پائالىيەتكە 11 نەپەر ئۇيغۇر ياش قاتناشقان بولۇپ، بۇلارغا ۋاكالىتەن جەۋلان شىرمەمەت مەتبۇئات باياناتى ئوقۇپ ئۆتكەن. جەۋلان شىرمەمەتنىڭ قورغاس ناھىيەلىك سودا-سانائەت بىرلەشمىسىدە 30 يىل خىزمەت قىلغان، بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن ئانىسى سۈرىيە تۇرسۇن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «خىتاي دۆلىتىنىڭ مائارىپىنى كۆزگە ئىلماسلىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 5 يىل كېسىۋېتىلگەن ئىكەن. جەۋلان شىرمەمەت خىتاي كونسۇلخانىسىغا ئىلتىماس سۇنۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىر خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا. بىز بۇ يەرگە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇ يەرگە كەلدۇق. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ‹گېرمانىيە ئاۋازى› راديوسىنىڭمۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ‹ئۇيغۇرلار بىزگە كەلسۇن، ئىلتىماس بەرسۇن، ھەل قىلىپ بېرەيلى› دېگەن ئىدى. بىز بۇ باياناتىغا ئاساسەن ھەممىمىز ئايرىم ئىلتىماس يېزىپ كەلدۇق. تور ئارقىلىق ئىلتىماس بېرەيلى دېسەك، قوبۇل قىلمىغان ئىدى، شۇڭا بۈگۈن ئۆزىمىز ئىلتىماسلىرىمىزنى ئېلىپ كەلسەك، ئۇلار يەنە قوبۇل قىلمىدى.»

خىتاي كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمىغان ھېلىھەم خىتاي ۋەتەندىشى بولغان بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار: «ھەي، دۇنيا دۆلەتلىرى، ھەي تۈرك جامائەتچىلىكى، خىتاينىڭ يالغان گەپلىرىگە ئىشەنمەڭلار! ، ھەي خىتاي، ئاتا-ئانىمىزنى قويۇپ بەر!» دەپ شوئار توۋلىغان ھالدا كونسۇلخانا ئالدىدىن ئايرىلدى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان جەۋلان شىرمەمەت باشلىق ئۇيغۇر ياشلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يېقىنلىرى جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىگە تاشلانغان 11 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسىغا ئىلتىماس بېرىش ئۈچۈن بارغانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ ئىلتىماسلىرىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

جەۋلان خىتاي كونسۇلخانىسىغا بەرمەكچى بولغان ئىلتىماسلىرىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن راديومىز ئارقىلىق خىتايغا دېمەكچى بولغانلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېيىشتى:

-مېنىڭ ئىسمىم مىرزا ئەخمەت، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن گۇناھسىز بولغان قېرىندىشىمنى، كۈيۈئوغلىمىزنى ۋە 4 دوستۇمنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

-مېنىڭ ئىسمىم ئابدۇخالىق ئەزىز، مەن ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى دادام ئەزىز ناسىرنى 8 يىل، ئانام ئامىنە ئابدۇلباقىنى 5 يىل كېسىۋېتىپتۇ. ئىنىم ئابدۇلباقى ئەزىز نەدە؟ كىم بېقىۋاتىدۇ، ئۇنىمۇ بىلمەيمەن. خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئاتام بىلەن ئاپامنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

-مەن گۈلئايشە، مېنىڭ ئائىلەمدىن ئۈچ كىشىنى، چوڭ سىڭلىمنى، كىچىك سىڭلىمنى ۋە ئاپامنى 25 يىل، 19 يىل ۋە 15 يىلدىن كېسىۋەتتى، ئۇلار بىگۇناھ. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىمنى ۋە ئاپامنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

-مېنىڭ ئىسمىم مەغپىرەت، مەن ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن. مېنىڭ ئاكام رەشىت ئابلىمىت 2017-يىلى خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تاغام زاھىر ئابدۇللاھ 2016-يىلى خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن ئىكەن. ئۇلار تىجارەتچى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىدىنتۇتۇپ كېتىلگەن بىگۇناھ تۇغقانلىرىمنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

-مېنىڭ ئىسمىم ئالىمجان، مەن تۈركىيە ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتىمەن. ئائىلەمدىن 7 ئادەمنى خىتاي جازا لاگېرىغا سولاپتىكەن، ھازىرغىچە ئىز-دېرەكى يوق. بۇلارنى خىتايدىن سوراي دەپ كونسۇلخانىغا كەلگەن ئىدىم.

-مېنىڭ دادام توختى ئەمەت، ئاپام ئاينۇرخان قاسىم، چوڭ ئاكام ئەمەتجان توختى، كىچىك ئاكام مەمەتجان توختى، چوڭ سىڭلىم ئايگۈل توختى، كىچىك سىڭلىم ئارزۇگۈل توختى، چوڭ سىڭلىمنىڭ ئېرى تۇرغۇن ئەيسا، كىچىك سىڭلىمنىڭ يولدىشى ۋە مېنىڭ ئايالىم پەرىدە ياسىن، ئوغلۇم ئابدۇلەزىز، قىزىم نادىرە، چوڭ ئاكامنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ بولۇپ، 13 كىشى ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتتى. بۇلاردىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىدىم. بۈگۈن ئۇلارنى سۈرۈشتە قىلىپ خىتاي كونسۇلخانىسىغا ئىلتىماس سۇنغان بولساممۇ، ئۇلار ئىلتىماسىمنى ئالمىدى.

مېنىڭ دادام 2017-يىلى 5-ئايدا جازا لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلدى. ھازىرگىچە خەۋەر يوق، مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىگۇناھ دادامنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

-مەن مەدىنە ھىلالىدىن، تۈرك ۋەتەندىشى بولغان سىڭلىم مەۋلۇدە ھىلالىدىننى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

-مېنىڭ ئىسمىم ئامىنە، 2016-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، مېنىڭ ئائىلەمدىن چوڭ ئاكام ئابدۇسوپۇر ئېلى، كىچىك ئاكام ئابدۇشۈكۈر ئېلى ۋە ئاچام پاتىمە قاتارلىقلارنى خىتاي جازا لاگېرىغا ئېلىپ كەتكەن ئىكەن. ھازىرگىچە بۇلاردىن ۋە بۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىدىم. بۈگۈن سۈرۈشتە قىلىپ ئىلتىماس بېرەي دەپ بارسام، خىتاي ئىلتىماسىمنىمۇ ئالمىدى، بىگۇناھ ئىنسانلارنى خىتاينىڭ دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

-مەن مەلىكەزادە ھەبىبۇل، بىزنىڭ ئائىلىدىن ھازىر 5 كىشى لاگېردا. ئاتام ھەبىبۇل ھازىر 80 ياشتا. پېنسىيەگە چىققان ساقچى. ئاچام مىھرىئاي ھەبىبۇلمۇ دۆلەت ساقچىسى ئىدى. ئاكام ئالىم ھابىبۇل تۇرپاندا تۈرمىدە ئىشلەيتتى. ئاكام مەمەت ھەبىبۇلمۇ لاگېردا. بەشىنچى قېرىندىشىم باھارگۈل ھەبىبۇل، ئۇمۇ دۆلەت كادىرى ئىدى. بىزنىڭ ئائىلىدىن 5 كىشى تۈرمە ۋە لاگېرلاردا ياتماقتا.

ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىسىنىڭ تېلېۋىزىيەلەردە بەرگەن باياناتلىرىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى بولسا خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئىلتىماس قىلسا، ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقى» نى ئېيتىپ ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر ياشلار ئىلتىماس يېزىپ ئاپارسا، ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمىغان. بۇنى ئانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ سىياسىي مەدەنىيىتىدە يالغانچىلىقنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ ماھىيىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدە ئۆيىدىكىلىرىنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقان بۇ ياشلار 22-ئىيۇل كۈنى ئاكت ت ۋ تېلېۋىزيەسىگە چىقىپ ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تراگېدىيەسىنى ئاڭلاتقان ئىدى. 27-ئىيۇل كۈنى بولسا ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.