خىتاي تاراتقۇلىرى 17- ئاۋغۇست كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى بىرلىكتە ئېلان قىلغان«14- بەش يىللىق مەدەنىيەت پىلانى» ھەققىدە خەۋەر بەردى.
خىتاي تاراتقۇلىرى خەۋەرلىرىدە «شى جىنپىڭ دەۋرىدە پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە ۋە مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئۇلۇغ جۇڭخۇا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تەشەببۇسىنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ روھىغا سىڭدۈرۈش ھەتتا دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىش» دېگەنلەر تەكىتلەنگەن.
خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 17-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە بەرگەن مەخسۇس خەۋىرىدە «14- بەش يىللىق مەدەنىيەت پىلانى» ھەققىدە:« 14- بەش يىللىق مەدەنىيەت تەرەققىيات پىلانىدىكى نىشان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدىيەسىنى نۇرلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۆلەتنى ئائىلە دەپ بىلىش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىش، خەلق ئارىسىدىكى ئۆزئارا قوشۇلۇش يېقىنلىشىشنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، خىتايچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش» دەپ مەزكۇر پىلاننىڭ تۈپ نىشانىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
خىتاينىڭ مەزكۇر مەدەنىيەت پىلانىدىكى يۇقىرىقى نۇقتىلار ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكادىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ئانالىزچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ پىلاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى .
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى خىتاينىڭ سىياسىتىدە خۇددى مەزكۇر پىلاندا كۆرسىتىلگىنىدەك، جاھانگىر دۆلەت بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا شەرت ھازىرلاشقا كىرىشكەن. پىلاندا تىلغا ئېلىنغان «ئۇلۇغ جۇڭخۇا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تەشەببۇسىنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ روھىغا سىڭدۈرۈش ھەتتا دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىش» دېگەن ئىبارىلەر خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە مەقسىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر كىملىكىنى، ئۇيغۇر تارىخىنى يوقىتىشنىمۇ نىشانى قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئاتالمىش «14- بەش يىللىق مەدەنىيەت پىلانى» ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ پىلاننىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۆز مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنى پۈتۈنلەي خىتايلاششتۇرۇپ « بىر مىللەت بىر دۆلەت مودېلى»دىكى خىتاي دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئىكەن.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان«14- بەش يىللىق مەدەنىيەت پىلانى» ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان «چوڭ خىتايچىلىق تەشۋىقاتى» نى ئۈزلۈكسىز تەشۋىق قىلىپ كەلگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك مەزكۇر پىلان شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر پىلاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش»، «مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدىكى « مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» سىياسىتىنى پۈتكۈل دۆلىتىگە كېڭەيتىپ ئاخىرقى ھېسابتا «بىر خىتاي مەدەنىيىتى» دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇش ئىكەن.