دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇبارەك رامازان ئېيى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ھالبۇكى، مۇشۇنداق بىر پەيتتە ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلاردەك ئەركىن، ھۆر ھالدا رامازانلىق ئىبادەتلىرىنى قىلىشى چەكلەنگەن. يىللاردىن بۇيان رامازان ئايلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇشلىرىنى كۈچەيتىدىغان مەزگىلى بولۇپ كەلمەكتە.
مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ يىللىق رامازاندا خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.
ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تەتقىقاتچى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خىتاينىڭ مېلىنى سېتىۋېلىش بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەم قىلغانلىق بىلەن باراۋەر ئىكەن. چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئىقتىسادىي تەرەپتىن قانچە كۈچلەنگەنسېرى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۆزىگە دۈشمەن دەپ قارىغانلارغا قارىتا تېخىمۇ زور باستۇرۇش ئېلىپ بارالايدىكەن.»
زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش تەشەببۇسىنى پەقەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئارىسىدا كېڭەيتىش ئېھتىماللىقى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە دۇنيادا ئۇيغۇرلارنى قوللاش پىكىر ئېقىمىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسلىرىمۇ كۈچەيمەكتىكەن. ئۇلارنىڭ رامازاندا خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى ئېلان قىلىشى بولسا خىتاي ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىق ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەپتىن يەنىمۇ كۈچلىنىشىگە ھەسسە قوشماسلىقنى مەقسەت قىلىدىكەن.
زۇبەيرە خانىم يەنە «ھەر بىر شەخس، ھېچ بولمىسا بۇنى قىلالايدۇ. خىتاي ماللىرىنىڭ ئورنىغا باشقا دۆلەتلەر ئىشلىگەن ماللارنى سېتىۋالسا تامامەن بولىدۇ،» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.
زۇبەيرە خانىم يەنە خىتايدا ئىشلەنگەن ھەر قانداق مالنى سېتىۋالماسلىقنى ئالدى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا باشلاش كېرەكلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئائىلىسىدە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋالغاندا خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماسلىق پىرىنسىپى بىلەن ياشىشى لازىملىقىنى، بۇ تەشەببۇسنى ئۆزىدىن باشقا يەنە قولۇم-قوشنا، تونۇش-بىلىش، خىزمەتداش، ساۋاقداش ۋە باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇلار بۇ چاقىرىق ئارقىلىق ئىككىنچى قەدەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىپ، مۇناسىپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.
ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان «سادا ۋە نەزەر» تەشكىلاتىمۇ بۇ يىل ئاپرېلدىن باشلاپ «خىتايدىن پەرھىز تۇتۇش» تېمىسىدا ھەرىكەت قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكادىكى ۋە دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى خىتاينىڭ ماللىرىنى سېتىۋالماسلىق ۋە ئىشلەتمەسلىك ئارقىلىق دۇنيادا مۇسۇلمانلارنى ئەڭ ئېغىر باستۇرۇۋاتقان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە ئەمىلى ھەرىكەت ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈشنى پىلانلىغان.
بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئىمام ئابدۇلمالىك مۇجاھىد تەشكىلاتنىڭ بۇ تۈردىكى دەۋەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكا مىقياسىدا ئوخشىمىغان ئىشتاتتىكى مەسچىت-جامەلەردە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە زور قوللاشقا ئېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ۋاشىنگتوندا 3 كۈن داۋام قىلغان شىمالىي ئامېرىكا مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى چەمبىرىكىنىڭ يىللىق فېستىۋالىدا سادا ۋە نەزەر تەشكىلاتى 5 مىڭ پارچە «خىتايدىن پەرھىز تۇتۇش» تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقاتقان ئىكەن.
ئابدۇلمالىك مۇجاھىد ئەپەندى پۈتۈن دۇكانلارنى خىتاي ماللىرى قاپلىغان بىر شارائىتتا ئامېرىكىدا خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماسلىق پرىنسىپىغا رىئايە قىلىپ ياشاش ئانچە ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ:
«خىتاي ماللىرىنى رەت قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى خىتاي مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى چەكلەۋاتىدۇ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمايۋاتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، نېمە ئۈچۈن بىز ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىمىز، نېمىشقا بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ كۈچلىنىشتە ھەسسە قوشىمىز؟ بىز ئەركىن دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ خىتاينى رەت قىلىش، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش ئەركىنلىكىمىز بار. خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ئۇنچە تەس ئەمەس، پەقەت مال سېتىۋالغاندا ‹خىتايدا ئىشلەنگەن› بۇيۇملارنى سېتىۋالمىساقلا، ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەتلەردە ئىشلەنگەن ماللارنى تاللىساقلا كۇپايە.»
ئابدۇلمالىك ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورناتقان تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان 2019-يىللىق رامازاندا خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىپ چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
«ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا -خىتاي ئىقتىسادى ھەمكارلىقلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ خىتاي ماللىرى ئامېرىكا بازىرىنى مونوپول قىلىشقا باشلىغان. ھازىر خىتاي ئامېرىكا ئىستېمال بازىرىدىن يىلىغا 4 يۈز مىليارد دوللارلىق پايدا ئالىدىكەن. ھېچ بولمىغاندا بىز خىتايدىكى ئۆزىنى قوغداش ئىمكانىيىتى بولمىغان، باستۇرۇلۇۋاتقان، ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ئازغىنە بولسىمۇ ياردەم قىلالايمىز ھەم قوللىشىمىزنى ئىپادىلىگەن بولىمىز. مانا بۇ بىز قىلالايدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت. بىز ھەممىمىز بىرلىشىپ قارشى تۇرالىساقلا خىتاي ئۆزىنىڭ زۇلۇملىرىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ.»
«خىتايدا ئىشلەنگەن» دەپ يېزىلغان ماللار نۆۋەتتە باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى بىلەن بارغانچە دۇنيا بازارلىرىنى ئىگىلەۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قامىشىدەك قىلمىشى نۆۋەتتە دۇنيانىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا. خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ياكى خىتاي ئىقتىسادىنى قوللىماسلىق قاتارلىق ئاممىۋى ھەرىكەتلەرمۇ يېقىندىن بۇيان خەلقئارادا كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتىدىكى بىر زور ئاممىۋى دولقۇنغا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.
0:00 / 0:00