پروفېسسور ئالېكساندېر گۆرلاخ شى جىنپىڭنى زالىم پادىشاھ لېئوپولىد 2 گە ئوخشاتقان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.07.16
alexander-gorlach.jpg «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىي سىياسىتىنىڭ ئەينى زاماندىكى بېلگىيە پادىشاھى لېئوپولىد 2 نىڭ زالىملىقىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن پروفېسسور ئالېكساندېر ماتياس گۆرلاخ (Alexander Mathias Görlach) ئەپەندى.
alexandergoerlach.com

ئالېكساندېر گۆرلاخنىڭ «لېئوپولىد 2 ۋە شى جىنپىڭ» ناملىق ماقالىسى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قىزىق تېما سۈپىتىدە تارقالدى.

پروفېسسور ئالېكساندېر ماتياس گۆرلاخ (Alexander Mathias Görlach) يېقىندا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «لېئوپولىد2 ۋە شى جىنپىڭ» ناملىق ماقالىسىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىي سىياسىتىنىڭ ئەينى زاماندىكى بېلگىيە پادىشاھى لېئوپولىد 2 نىڭ زالىملىقىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھازىر ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ياشاۋاتقان پروفېسسور ئالېكساندېر ماتياس گۆرلاخنىڭ «لېئوپولىد 2 ۋە شى جىنپىڭ» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گېرمانىيەدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلاردا بۈگۈنگە قەدەر كۆچۈرۈپ تارقىتىلىپ، قىزغىن بەس-مۇنازىرىلەرگە سەۋەبچى بولۇپ كەلگەن.

12-ئىيۇل «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ خىتايچە قانىلى «لېئوپولىد 2 ۋە شى جىنپىڭ» ناملىق ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. مەزكۇر راديونىڭ گېرمانچە قانىلى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ئەسەرنى «پادىشاھ لېئوپولد 2 ۋە شى جىنپىڭ: بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا مۇستەبىت ۋە زالىمدۇر» دېگەن تېما ئاستىدا ئېلان قىلغان ئىدى.

پروفېسسور ئالېكساندېر ماتياس گۆرلاخ ماقالىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە «ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن لېئوپولد 2 گە ئوخشاش ئۆتمۈشتىكى زالىم پادىشاھلاردىن ھېساب سورايدۇ-يۇ، شى جىنپىڭغا ئوخشاش بۈگۈنكى زالىملاردىن ھېساب سورىمايدۇ؟» دېگەن قاراشتا ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: «نۆۋەتتە، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كىشىلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى مۇستەبىتلەر ۋە ئىرىقچىلاردىن قانداق ھېساب سوراۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. ئەمما كۈنىمىزدىكى ئاشۇنداق قىلمىشقا ئىگە زالىملارغا قارىتا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلار يوق دېيەرلىك.»

ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «بېلگىيە پادىشاھى لېئوپولىد 2 ئەنە شۇنداق تەلۋە، زوراۋان ۋە قانخور مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئەڭ ۋەھشىيلىرىنىڭ ئۈلگىسى ئىدى. بۇ سابىق پادىشاھ ئىشغال قىلىۋالغان كونگو دۆلىتىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي تۈرمىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان، ئۇ يەردە ئىنسانلار ئېكىسپىلاتاتسىيەگە، خورلاشلارغا، ھاقارەتلەرگە ئۇچرايتى. يوسېپ كونراد ئۆزىنىڭ ‹قارا يۈرەك› ناملىق رومانىدا بۇ پادىشاھنىڭ غالجىرلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن. بۈگۈن ھېچكىم بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھېچقانداق بىر خاتىرىلەشكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىدىن گۇمانلانمايدۇ».

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر باستۇرۇشلار ھەققىدە تۈرلۈك مەنبەلەردىن نەقىللەر بېرىلگەن بۇ ماقالە مۇنداق داۋاملىشىدۇ: «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى ئېغىر زۇلۇم ۋە قىسىشلارغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىكى بېسىمنى يەنىمۇ بىر بالداق ئارتۇردى. بېيجىڭ 18 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان ئاياللار ئۈستىدىن مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، چەكلەش نىسپىتىنى 14 پىرسەنتتىن 34 پىرسەنتكىچە يەتكۈزدى. مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى تىزگىنلەپ، خىتايلارنىڭ نوپۇسىنى كۆپەيتىپ، خىتايلارنى نوپۇس ئەۋزەللىكىگە ئېرىشتۈردى.»

ماقالىنىڭ «تارىخنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ سەھىپىسى» دېگەن بۆلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز قېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «بۇ كىشىلەرگە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ دەۋردە ھايات قالغان يېگانە ‹بىباھا جانلىقلار› نى ئەسلىتىدۇ. بۇ يۈز بېرىۋاتقانلار ئەركىن دۇنيانىڭ خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانى شى جىنپىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشى لازىم ئىدى. تاشقى دۇنيا شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مىليونلىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولدى. ‹نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى› بۇ مۇستەبىت شى جىنپىڭنىڭ ‹ئۇيغۇرلارغا ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلىشقا بولمايدۇ› دېگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئىلگىرى تىبەتلەرگە قىلغانغا ئوخشاش خىتاي ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەتنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاي بۇ مىللەتنىڭ زېمىنىنى خىتاينىڭ تۇپرىقى دەپ ئاتايدۇ. تارىخىي رېئاللىق قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ سۆيىدىغان چېركاۋلىرى، مەسچىتلىرى چېقىۋېتىلسە، ئۇلارنىڭ تىللىرى بوغۇلسا، ئۇيغۇرلارنىڭ سادىق مۇسۇلمان ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە خىتايلار يەرلەشتۈرۈلسە، بۇ دېمەك، كىشىلىك ھوقۇق ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنماقتا، دېگەنلىكتۇر.»

ماقالىنىڭ «خوڭكوڭ تۈگەشتى» ناملىق بۆلىكىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىر ھەپتە ئىلگىرى ‹يېڭى زۇرۈكلىكلەر گېزىتى› بىر دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا بېيجىڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، رايوندىكى تەسىرىنى سىرتقا كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلاتتا يەنە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن خىتاينىڭ كېيىنكى قەدەمدە ئامېرىكاغا، ياپونىيەگە، ياۋروپاغا كېڭىيىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ پۈتۈن دۇنيانى بوي سۇندۇرۇشنى قارار قىلغان.»

ئىتالىيەدىكى «دۆلەت ھالقىغان رادىكال پارتىيە» نىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى ۋە «دۇنيانى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كومىتېتى» - ماركو پانىللانىڭ ئەزاسى لائۇرا خارت خانىمنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا  ئېلان قىلىنغان «لېئوپولىد 2 ۋە شى جىنپىڭ» ناملىق بۇ ماقالە ئىتالىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ تارقىتىلىپ غۇلغۇلا قوزغىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئالدىنقى ھەپتە ئىتالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بىرقانچە كۈندىن كېيىنلا بۇ ماقالىنىڭ بەزى مۇھىم ئاخبارات قاناللىرىدا ئىتالىيانچە بېسىلغان نۇسخىسىنى ئوقۇدۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەقىقەتەن ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ. بۇ ئەسەرنىڭ بولۇپمۇ دېموكراتىيە ۋە غەرب قىممەت قارىشىنىڭ قوغدۇغۇچىلىرى بولغان ئىنسانلارغا قارىتا قىلغان خىتاپلىرى ناھايىتى تەسىرلىك بوپتۇ. يەنى ئەگەر سىلەر شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زالىملىقىغا سۈكۈت قىلساڭلار، بۇ كۈن ئەتىسى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بېشىغا كەلگەندەك، ئۆگۈنى سىلەرنىڭمۇ بېشىڭلارغا كېلىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپتۇ. مەن بۇ خىتاپنى بەك ياقتۇردۇم.»

«لېئوپولىد 2 ۋە شى جىنپىڭ» ناملىق ماقالىنىڭ «دۇنيا خىتايدىن قورقماقتا» ناملىق بۆلىكىدە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان شۇ قەدەر ئېغىر پاجىئەلەرگە جاۋابەن گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ تۈزۈك بىر سادا چىقارمايۋاتقانلىقى قاتتىق تەنقىد قىلىنىپ يەنە شۇلار تىلغا ئېلىنىدۇ: «خۇددى ئۆتمۈشتىكى بېلگىيەگە ئوخشاش، بۈگۈنكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگۈدەك جازا تەدبىرلىرىگە دۇچ كەلمىدى. بۇ نۇقتىدىن شى جىنپىڭنى لېئوپولىد 2 گە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئىلگىرى بېيجىڭنىڭ قىلمىشلىرىدىن رازى بولمىغان بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدىكى ۋەكىللىرىگە ئۇلارنىڭ دۆلىتىنىڭ ‹يېڭى يىپەك يولى› غا بېقىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى. ئۇلار ھاقارەتلەندى، ھەتتا دۆلىتىگە قايتۇرۇۋېتىلدى. بېيجىڭغا ئاچچىغلىغانلارنىڭ ھېچ بىرى ياخشىلىققا ئېرىشەلمىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتايدىن قورقۇش كەيپىياتى پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى، گېرمانىيەمۇ ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە.»

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى تەسىرلىك رەۋىشتە يورۇتۇپ بەرگەن مەزكۇر ماقالىگە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندىمۇ ياخشى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بۇنداق نوپۇزلۇق ئەربابلار تەرىپىدىن بايان قىلىنىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭ تەسىرى يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشلىرىنىڭ تەسىرىدىن ياخشى بولىدۇ.»

«لېئوپولىد 2 ۋە شى جىنپىڭ» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاخىرى مۇنداق سۆز-جۈملىلەر بىلەن تاماملىنىدۇ: «گېرمانىيەدە خىتايدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھادىسىلەر دۆلەتنىڭ خىتاي سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمىدى. بىز ئۆتمۈشتىكى مۇستەبىتلەر، زالىملار ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغۇچى جاللاتلاردىن ھېساب سوراشقا شۇ قەدەر ئېتىبار بەرگەنگە ئوخشاش، دەۋرىمىزدىكىلىرىگىمۇ ئېتىبار بېرىشىمىز، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ ھازىرمۇ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشىمىز، كۆرمەسكە سېلىۋالماسلىقىمىز، مىليونلىغان ئىنساننىڭ ھاياتىنىڭ بەربات بولۇۋاتقانلىقىنى، بىزنىڭ بارلىق ئەركىنلىكىمىزنىڭ تەھدىتكە يولىقىۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئېلىشىمىز لازىم ئىدى.»

ئالېكساندېر ماتياس گۆرلاچ 1976-يىلى گېرمانىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، لۈنېبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 2016-يىلى ئۆزى قۇرغان «ياۋروپا مۇنازىرە ژۇرنىلى» نىڭ باش مۇھەررىرى، مۇخبىرى، ئوبزورچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئىلگىرى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەخلاق ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلىق كەسىپلىرىدە ئوقۇغان. ھازىر خرۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.