ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرى بىيورۇسىنىڭ ياردەمچى سېكرېتارى داۋىد ستىلۋېل ئەپەندى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا «يوشۇرۇن، مەجبۇرىي ۋە بۇزغۇنچى: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەركىن جەمئىيەتتىكى يامان غەرەزلىك تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش» دېگەن تېمېدا نۇتۇق سۆزلىگەن.
مەزكۇر يىغىنغا ئامارىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىسمۇ قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا مەخسۇس خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دېموكراتىك جەمئىيەتلەرنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش خاراكتېرىگە قانداق جەڭ ئېلان قىلىۋاتقانلىقى مۇھاكىمە قىلىنغان.
داۋىد ستىلۋېل ئەپەندى نۇتقىدا مۇنۇلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن: «خىتاي كومپارتىيەسىگە ئوخشاش يامان غەرەزلىك تەھدىتلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىش ئۈچۈن، پەقەت تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىلا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ جەمئىيەتتىكى ھەر بىر شەخس ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. ئامېرىكادىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاش. بۇ خىلدىكى دۇنياۋى خاراكتېرلىك مۇداپىئە قالقىنى ھاسىل قېلىش قىيىن، ئەمما بۇ بىر ئالىيجاناب ئىش. ئالدى بىلەن بىز خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دېموكراتىك، ئەركىن ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەت بىلەن ياشاش پرىنسىپىمىزغا ئۈنۈملۈك، غەرەزلىك ۋە دۈشمەنلىك بىلەن تەھدىت ئىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.»
مەلۇم بولۇشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىللىق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى «دۇنيا تەرتىپىنىڭ ‹ئەركىنلىك› ۋە ‹مۇستەبىتلىك› ئوتتۇرىسىدىكى گېئو-سىياسىي رىقابەت» تە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆزىتىشنى مەركەز قىلغان ئىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو «خىتاي ھەر كۈنى دىققەت قېلىشقا تېگىشلىك ئاساسلىق تەھدىت،» دەپ تەكىتلىگەن.
ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى خۇۋېر ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، «دېموكراتىيە» ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى لەرىي دايىمەند ئەپەندى بۇ يىغىننى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، داۋىد ستىلۋېل ئەپەندى ئۇتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنىڭ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز نۆۋەتتە پىلانلىق ھەرىكەت قېلىۋاتقان، يامان غەرەزلىك، يوشۇرۇن، مەجبۇرى ۋە بۇزغۇنچى خاراكتېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت بىر خەتەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. ئۇلار پەقەت چىگراسىنىڭ ئىچىدە رەھىمسىزلەرچە مۇستەبىتلىك يۈرگۈزۈپلا قالماستىن بەلكى، يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېموكراتىك جەمئىيەتلەرنىمۇ ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى تەدبىرنى كۈچەيتمەكتە. شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرى بىيورۇسىنىڭ ياردەمچى سېكرېتارى داۋىد ستىلۋېل ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بۇنى ھەممەيلەن بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئورۇنلاشتۇردۇق.»
داۋىد ستىلۋېل ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «بىرىنچىدىن، بىز خىتاينى پەقەت سودا ھەمراھى ياكى بۈيۈك مەدەنىيەتنىڭ ماكانى دەپ ئويلاشنى خالايمىز. ئەمما خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىشانى بولسا مۇقىم، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قېلىشتۇر. ئىككىنچىدىن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىزنىڭ ئادىل سىياسەتلىرىمىزدىن پايدىلاندى. بېيجىڭ بىزنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىمىزغا ئارىلاشتى. ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ھېساب سوراش ۋاقتى كېلىپ، ئۆتۈپ كەتكىلى تۇردى. ئۈچىنچىدىن، بىز دىموكراتلىك ئەللەر بىلەن بىلەن ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى خالايمىز. پەقەت ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ۋە ئەركىنلىك ئاساسىدا ئورتاق ھەرىكەت قىلغاندىلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.»
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى داۋىد ستىلۋېل ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تاكتىكىلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى ‹تىنچ ئۆتۈش› سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، پۈتۈن دۇنيادا‹خىتاي دەۋرى› نى ئەۋج ئالدۇرۇشنى نىشان قېلىۋاتىدۇ ۋە ناھايىتى پىلانلىق ھەرىكەت قېلىۋاتىدۇ.»
داۋىد ستىلۋېل ئەپەندى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «بىرلىك سەپ» خىزمەت ئىسىتراتېگىيەسى بويىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېلېۋىزور ۋە گېزىتلەردە تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇستەقىل خىتاي تىلىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كۆپىنچە ئۆزىنى مۇستەقىل ئاممىۋى تەشكىلاتلار، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مۇنبىرى، «دوستلۇق» جەمئىيىتى، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ياكى ئىلمىي گۇرۇپپىلار دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان ئورۇنلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق تەشۋىقات ئورۇنلىرى ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى ۋە كۇڭزى دەرسخانىلىرى بېيجىڭنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىدىكەن.
داۋىد ستىلۋېل ئەپەندى دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو ئېيتقاندەك، ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشقا دەۋەت قىلغان.
نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئوخشاش پىكىردە بولۇپ، بارلىق مەسىلىنىڭ مەنبەسى خىتاي كومپارتىيەسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
داۋىد ستىلۋېل ئەپەندى نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا «دۇنيادىكى ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى نېمە ئۈچۈن زۆرۈر؟» دېگەن سوئالغا ناھايىتى كەسكىن قىلىپ: «چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن قائىدە بەلگىلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ،» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ يەنە «ئەگەر ئىشەنمىسەڭلار، خوڭكوڭدىكى بىر كىتاب ساتقۇچىدىن، ھۆرمەتلىك دالاي لامادىن، ليۇ شياۋبونىڭ تۇل ئايالى ليۇ شيادىن، ئۇيغۇرلاردىن، تەيۋەننىڭ باتۇر پۇقرالىرىدىن سوراڭ. خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلىرىدىن سوراڭ،» دېگەن.
لەرىي دايىمەند ئەپەندى ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى سەزگۈر بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئەگەر ھەرقايسى دۆلەتلەر ھوشيار تۇرۇپ، خىتاينىڭ ‹بىرلىكسەپ خىزمەت ئىسىتراتېگىيەسى› نى، تۇيدۇرماي ‹تەسىر كۆرسىتىش تاكتىكىلىرى› نى تونۇپ يەتمىسە، ئۆزلىرىنىڭ دىموكراتىيەسىنىڭ، ئەركىنلىكىنىڭ قولىدىن كېتىۋاتقانلىقىغا، خىتايدىكى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئاسىيا قىتئەسىگە ۋە دۇنياغا ھاكىم بولۇۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. مېنىڭچە، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان كىشىلەر بۇنداق بولۇشىنى خالىمايدۇ. ئامېرىكادىمۇ كېلەر يىلى يانۋاردا كىم ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا، بۇ نۇقتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
سىياسىي ئانالىزچىلار «دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىشى، ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ تەھدىتكە قانداق تاقابىل تۇرالىشىغا باغلىق،» دەپ قاراشماقتىكەن.
0:00 / 0:00