خىتاي ئىمپېرىيە بولۇش يولىغا قاراپ مېڭىۋاتامدۇ ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش يىمىرىلىش يولىغىمۇ؟

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.12.29
شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالى: مىللەتچىلىك كوممۇنىست خىتاي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ۋە ئېكرانغا چىقىرىلغان سۈرىتى. 2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AP

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەت قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى سەۋەبلىك 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۇندىن كېيىن كانادا، ئاۋستىرالىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ ئوخشاش قارار ئېلان قىلىشى ۋە بۇ سەپكە باشقا دىموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قېتىلىشى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ 23-دىكابىر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىمزالىشى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئارقىسىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارىنى ئالماشتۇرۇشى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

داڭلىق ئاخبارات قاناللىرىدىن abc قانىلى يىقىندا «خىتاي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنى تەتقىق قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش تەقدىردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈچ ساۋاقنى يەكۈنلىگەن» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى سۈپىتىدە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى ھەققىدە نەچچە مىڭلىغان مۇتەخەسسىسلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە خىتاينىڭ بۇ تەتقىقاتلاردىن ئۈچ تۈرلۈك ساۋاق ئالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە ئۈچ تۈرلۈك ساۋاقنى مۇنداق شەرھىيلىگەن. بىرىنچىسى، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ غەربنى پۈتۈنلەي چەتكە قاققانلىقى سەۋەبلىك ئىقتىسادىي كىرىزىسقا پاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە» كاپىتالىزىمنى قوبۇل قىلغان. ئىككىنچىسى، ئەينى ۋاقىتتا گورباچېف سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئاشكارا بولۇش ۋە خەلق ئارىسىدا پىكىر ئەركىنلىكىنى يولغا قويغان؛ سوۋىت ئىتتىپاقىنڭ ئۇزۇن يىل سىر ھالەتتە تۇتقان دۆلەت مەخپىيەتلىكلىرىنى خەلققە ئاشكارىلىغان؛ خىتاي سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى خەلقنىڭ مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئويغانغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا خەلق ئېرىشەلەيدىغان بارلىق ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان. ئۈچىنچىسى، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت، نەچچە يۈزلىگەن ئوخشىمىغان مىللەت، تىل ۋە مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولغان بولۇپ، 1980-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا كەلگەندە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئۇلارغا قارىتا مۇتلەق ھالەتتىكى مەركىزىي كونتروللۇقىنى بوشاتقان. خىتاي كومپارتىيەسى بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ. ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنگە بولغان كونتروللۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

ماقالىدە يەنە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىش ئالدىدىكى ئەھۋالى بىلەن خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ ئۇنچە چوڭ ئەمەسلىكى، لېكىن «كومپارتىيە ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى شى جىنپىڭ ئۇزۇن مۇددەت ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قالالامدۇ-يوق» دېگەن سوئالغا ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ ھەر خىل جاۋاپ بىرىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكادىكى ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دان بىلۇمېنتخال ئەپەندى ئۆزىنىڭ «خىتاينىڭ قاباھەتلىك چۈشى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا، دۆلەت ئىچىدە چوڭقۇر ئىچكىي مەسىلىلەرگە ۋە پارتىيە ئىچىدە چىرىكلىشىشنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىشىغا دۇچ كەلمەكتە.»

بىلۇمېنتخال ئەپەندى ماقالىسىدا خىتاي «ئاخىرىقى چەككە يەتتى» دەپ قارىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «چىرىشى» 2000-يىللاردا باشلانغان. خىتاي بەزى كەسىپلەرگە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ئارلىشىىشنى چەكلىگەن. كوللېكتىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىگەن، شەخسىي ئىقادكارلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى بوغقان.

بۇ ھەقتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «كىتابتا ئېيتلىغانلارنىڭ يۈز بىرىشى خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلىلەرگە بىرلىكتە قول تىقىشى بىلەن ئەمەلگە ئىشىش مۇمكىنچىلىكى بار، لېكىن بۇنىڭ قىسقا ۋاقىتتا يۈز بىرىشى تەس.»

مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى جاسۇسلۇققا سېلىش، يالغان ئۇچۇر تارقىتىش، ئېكىسپورت قىلىدىغان خىتاي ماللىرىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈش، ھەر قايسى دۆلەتكەردىكى كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىلىم ساھەسىگە تەسىر كۆستىش، تاشقىي سودا-تىجارىتى ئارقىلىق سىياسەتتە ئېتىبار تىكلەشكە ئۇرۇنۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىستىراتىگىيەلىرى شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىتىكى يوللىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە «خىتاي ئىمپېرىيە بولۇش يولىغا قاراپ مېڭىۋاتامدۇ ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش يىمىرىلىش يولىغىمۇ؟» دېگەن بۇ مەسىلە يېقىندىن بۇيان تەتقىقاتچىلار ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزغىن مۇنازىرە تىمىسىغا ئايلانغان.

«ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتىس ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئىقتىسادى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەن ۋاقىتتىكىگە سىلىشتۇرغاندا نەچچە ھەسسە كۈچلۈك. سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئىقتسادنىڭ چېكىنگەنلىكىن كېلىپ چىققان. شۇڭا خىتاينىڭ يىمىرىلىشىدىن سۆز ئىچىش بىر ئاز تەس. لېكىن دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى تېز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ھەممە نەرسىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار. شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقى خىتاي كومپارتىيەسىنى يىقىتىشى مۇمكىن.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي كىرىزىستىن يىمىرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما روسىيەنىڭ پۇتىن ھۆكۈمىتى بۇنى غەربنىڭ تەسىرىدىن دەپ كۆرسەتمەكتە. شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىمۇ غەربنىڭ تەسىرى خىتاينى پارچىلايدۇ، دەپ ئەنسىرىمەكتە. شۇڭا كۈچىنىڭ بارىچە غەربنىڭ خىتايدىكى تەسىرىنى كونترول قىلماقتا. نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكا خىتاينى سەل چاغلاۋاتىدۇ، دەپ قاراۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتىمۇ خىتاي غەرب دۆلەتلىرىنى سەل چاغلاۋاتىدۇ.»

كۆزەتكۈچىلەر، گەرچە ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى ئۇنچە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ۋاشىنگتون خىتاي كوپارتىيەسىنىڭ چىرىكلىك، ئادالەتسىزلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يىپىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سىلىشقا مەجبۇرلايدۇ، دەپ قارىماقتىكەن.

ئاخىرىدا شان روبېرتىس ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۇەنگونىڭ ئورنىغا ما شىڭرۇينى ئالماشتۇرۇپ، كۆرۈنۈشتە سىياسەتتە ئۆزگىرىش قىلغاندەك كۆرۈنىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، دائىم بىر ئۈمىد بار. لېكىن كومپارتىيەنىڭ ئەمەلدارلىرىنى ئالماشتۇرۇشى ئۇلارنىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە بۇ سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرغانلىقنىڭ بىر ئىپادىسى. يەنى بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەت 2017-يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى قانۇنلاشتۇرغانلىقتۇر.»

تارىخىشۇناشلار، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئانالىزچىلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ مىڭىشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»، خوڭكوڭلۇقلارنى باستۇرۇشى قاتارلىق جىنايەتلىرىگە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنىڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.