خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن تارتىپ ۋاز كەچمىگەن ۋە شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بېرى ئەۋج ئالغان خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان «ئىرقى قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لەرگە تۈرتكە بولغانلىقى بىلىنمەكتە. شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتتا خىتاي مىللەتچىلىكى كەلگۈسى خەلقئارا سىياسەتتىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارالماقتا.
ئامېرىكادىكى «دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى خۇ يەنۋېن 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى مەزكۇر ژۇرنالدا «چېكىدىن ئاشقان خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى» نامىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتايدا چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىكنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتايدىكى جاھانگىرلىك ھەرىكىتى خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسى. خىتاي مىللەتچىلىكىنى رادىكال، مۇتەئەسسىپ ۋە ئىسلاھاتچى گۇرۇپپىلاردىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىشقا بولىدۇ. ھەر بىرى خىتايلارنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىدىكى رولى ھەققىدە ئۆزگىچە قاراشقا ئىگە» .
خىتايلار دۇنيادىمۇ نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەتلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان تاڭ ۋە مىڭغا سۇلالىسى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كېڭىيىشىدە، شۇنداقلا خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان دەپ قارىلىدۇ. خىتاينىڭ يېقىنقى 30 نەچچە يىللىق گۈللىنىشىدىن كېيىن كۈچەيگەن خىتاي مىللەتچىلىكى بولسا خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك ۋە زومىگەرلىك ئىدىيەسىنىڭ مەنبەسى دەپ قارالماقتا.

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي بولمىغانلار سۇلالىلەر (ئىمپېراتورلۇقلار) ، بولۇپمۇ موڭغۇللار قۇرغان يۈەن سۇلالىسى ۋە مانجۇلار قۇرغان چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ خىتايلارنىڭ سىياسەت ئېڭى ۋە مەدەنىيەت مىراسىغا قوشقان تۆھپىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ھالبۇكى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر بولسا ئۇلارنى تىلغا ئالمايدىغانلىقى، بىر بولسا ئۇلارنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» گە تەۋە قىلىۋالىدىغانلىقى مەلۇم. تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، خىتايدا 1912-يىلى پادىشاھلىق تۈزۈم ئاخىرلىشىپ، مىللىي (ئۇلۇس) دۆلەت شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئىمپېراتورلۇق دۆلەتلەرگە خاس «زېمىن كېڭەيتىش» ، «باشقا مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇش» ۋە «زومىگەرلىك قىلىش» نىڭ ھازىر خىتاي دۆلىتىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى خىتاي مىللەتچىلىكى قەدىمكى خىتاي ئىمپېراتورلۇقلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە ۋە ئىلھام مەنبەسى قىلغان» .
پېنسىلۋانىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دايكېر (William Duiker) نىڭ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ رولى ۋە تەسىرىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىتاي مىللەتچىلىكىنى تەكىتلەپ، «كۈچلۈك دۆلەت» قۇرۇش ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك مىللەتچىلىك ئىدىيەسى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئاساس قىلىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدىيە مەنبەسى خىتاي مىللەتچىلىكىدۇر. خىتاينى كۆزەتكۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۈگۈن بۇنىڭ كۆپلىگەن مىساللىرىنى كۆرۈۋاتىمىز. كوممۇنىست خىتاي بۇ ئىدىيەسىنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ، خىتاي ئۆزىنىڭ قەدىمكى دىپلوماتىيە ۋە سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ‹زامانىۋى شەكلى› نى جەنۇبىي ئاسىيادا ۋە مەلۇم دەرىجىدە لاتىن ئامېرىكىسىدا ئوتتۇرىغا چىقاردى. خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشىغا ئۇنىڭ سىرتقى دۇنياغا تېخىمۇ كەڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشتەك ئىدىيەسى تۈرتكە بولغان».
خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ۋە يەر شارى تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ قەدىمكى خىتايغا، بولۇپمۇ خەن ئىمپېرىيەسىگە بولغان بولغان قىزىقىشى قايتىدىن قوزغىلىپ، خەن سۇلالىسىدىن «ئىپتىخارلىق» ھېس قىلىدىغانلىقى، خىتايلارنىڭ «بۇرۇنقى كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» ۋە «يېڭىدىن گۈللىنىش» ئارزۇسىنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنماقتا. دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ 1990-يىلىدىن بۇيان، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىن كۈچىيىشكە باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان نەرسىنىڭ دەل كوممۇنىست خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەنپەئەتى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئون نەچچە يىل ئىلگىرى يولغا قويغان «3-ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» ئەمەلىيەتتە ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ يوق قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. ۋىليام دايكېر ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر داۋام قىلىۋاتقان «ئىرقى قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» كە خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ بۇنىڭغا سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىش ۋە ئىبادەت قىلىشنى بىر تەھدىت دەپ قاراۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار تىبەتتىمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس كىملىكىگە قاتتىق زەربە بېرىۋاتىدۇ ۋە ماھىيەتتە ئۇلارنى يوقىتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇۋاتقانلار مانجۇرىيە، موڭغۇلىيە ۋە تىبەتتىمۇ بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پەرقنى ئازايتىشقا ۋە يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ سىياسىتىگە بوي سۇنۇشنى رەت قىلغانلارنى قاتتىق جازالاۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. لېكىن خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى خىتاي مىللەتچىلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» .
جان فىرېند ۋە بىرەدلى سەيىر خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ھەققىدە يازغان تەتقىقات ماقالىسىدە مۇنداق يەكۈنلىگەن: «خىتايدا خىتاينى مەركەز قىلغان خىتاي مىللەتچىلىكى 1990-يىللاردىن باشلاپ كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينى مەركەز قىلغان مەدەنىيەت مۇستەملىكىچىلىكى بارلىققا كەلدى. خىتايدا خىتايلارنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ سىياسەت بەلگىلىنىدۇ. خىتايدا ئاممىۋى ساھەدە خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ تەسىرى بەك چوڭ. خىتاي مىللەتچىلىكى كەلگۈسى خەلقئارا سىياسەتتە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ».