پىراگادا چاقىرىلغان «خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونى» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىن مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشتى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2023.11.25
praga-yighin-1125-eric-shilos-00

ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئېرىك شلۇسېل لېكسىيە سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 25-نويابىر، پىراگا RFA/Hebibulla

praga-yighin-1125-01

ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئۇيغۇرشۇناس گاردنېر بوۋگىڭدوڭ، تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇن ۋە چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچى دوكتور ئاندېرىي كلىمىسلەر بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت، 2023-يىلى 25-نويابىر، پىراگا RFA/Hebibulla

praga-yighin-1125-eric-shilos-00

ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئېرىك شلۇسېل لېكسىيە سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 25-نويابىر، پىراگا RFA/Hebibulla

praga-yighin-1125-02

تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇن ۋە ئۇيغۇرشۇناس گاردنېر بوۋگىڭدوڭ بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى 25-نويابىر، پىراگا RFA/Hebibulla

praga-yighin-1125-eric-shilos-02

ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئېرىك شلۇسېل لېكسىيە سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 25-نويابىر، پىراگا RFA/Hebibulla

praga-yighin-1125-03

تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇن ۋە ئۇيغۇرشۇناس گاردنېر بوۋگىڭدوڭ، ئاندېرىي كىلىمىس ۋە دىلنۇر رەيھانلار بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت،. 2023-يىلى 25-نويابىر، پىراگا RFA/Hebibulla

praga-yighin-1125-04

تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇن دوكلات بېرىۋاتىدۇ. 2023-يىلى 25-نويابىر، پىراگا RFA/Hebibulla

چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا چاقىرىلغان «خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونى» تېمىسىدىكى يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ئالدى بىلەن ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئېرىك شلۇسېل ئەپەندى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ نىزامى: مۇستەملىكىچىلىك ھەققىدە قانداق مۇنازىرە قىلىمىز؟ دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

ئۇ بۇ لېكسىيەدە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تەبىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

مۇستەملىكە تاجاۋۇزچىلىقى ھوقۇق ۋە بايلىق مەنبەسىنى تالىشىش كۈرىشى بولۇپ، بىرىنچىدىن، ئۇ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سۈركىلىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مۇستەملىكىچىلەر يەرلىك خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى رەت قىلىدۇ.

ئىككىنچىدىن، يەرلىك خەلقلەر ئۆزىنىڭ بايلىق مەنبەسى ۋە ھوقۇقىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىشىغا قارشى ھەرىكەتلەر ئېلىپ بارىدۇ ۋە بۇ تاجاۋۇزچى كۈچلەرنىڭ قاتتىق باستۇرۇشلىرىغا ئۇچرايدۇ، تاجاۋۇزچى كۈچلەر ھەر قانداق ۋاقىتتا قاتتىق باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقنى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى يولى دەپ تاللايدۇ.

ئۈچىنچىدىن، تاجاۋۇزچىلار يەرلىك خەلقلەرنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، سوۋېتلار ۋاقتىدىكىدەك مىليونلىغان خەلقنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، مال مۈلكى ۋە سىياسىي ھەق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىدۇ؛ ئارقىدىن قىيىن-قىستاق ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدۇ. بىز ھازىرقى مەۋجۇت شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى يۇقىرىقىلارغا سېلىشتۇرساق ئەھۋالنىڭ يۇقىرىقىدىن تېخىمۇ ئېغىرراق ۋە پەرقلىق شەكىلدە داۋام قىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئېرىك شلۇسېل ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن سۆزگە چىققان، ئاۋسترالىيە موناش ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تەتقىقاتى ئالىي لېكتورى كېۋىن كاررىكو «خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە مۇستەملىكىچىلىكى» دېگەن تېمىدا سۆزلىدى. ئۇ لېكسىيەسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، كىيىم-كېچەكلىرىگىچە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى دەلىللەر بىلەن كۆرسىتىپ، بۇنىڭ تىپىك مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

كېۋىن كاررىكو ئەپەندىنىڭ ئارقىدىن سۆزگە چىققان دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ رەئىسلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى تەبىرى بويىچە توغرا ئاتىلىشى، توغرا تونۇلۇشى كېرەكلىكىنى، يەنى ئۇنىڭ خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسىدىن بىرى، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئاز سانلىقلاشتۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندى بولسا «خىتاينىڭ يېڭى مۇستەملىكىچىلىك ئىستراتېگىيەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تارىخىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىشتىن جۇڭخۇا مىللىتىگىچە» ماۋزۇلۇق دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىنىڭ مۇھىم بىر ئىپادىسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تېڭىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تارىخى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارنى يېڭىدىن خىتاي مىللىتى يەنى جۇڭخۇا مىللىتى نامىدا ياساپ چىقىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى شەرھلىدى.

 ئۇ خىتاينىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كىملىكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس ئۈستۈنلۈكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئاساسلىق رول ئوينىغۇچى مىللەت ئىكەنلىكىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايدىكى ئاساسلىق مىللەتلىك ئورنىنى كىچىكلىتىپ شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك خەلقى ئەمەس، بەلكى كۆچۈپ كەلگەن خەلق، ئۇلار ھېچقاچان مۇستەقىل دۆلەت قۇرمىغان، شىنجاڭ باشتىن ئاخىرى خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان»، دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئەزەلدىن داۋاملاشقان يېتەكچىلىك قىلىش ئورنىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى شەرھلىدى.

ئەنگلىيەدىن كەلگەن دوكتور ئابلىمىت باقى «ئۇيغۇر مائارىپىدىكى خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ ئىپادىسى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۇندى. تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىشىك قۇشچى خانىم «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۇندى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقىغان مەسىلىلەر ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، تۈركىيە، گېرمانىيە ۋە ياپونىيەدىن ئوتتۇزغا يېقىن تەتقىقاتچى، ئالىم قاتناشقاندىن باشقا يەنە چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاكادېمىكلىرى قاتناشتى. بۇ يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر رايونى ۋە مۇستەملىكە تارىخىي ۋە ھازىرقى مۇستەملىكە مەسىلىلىرى ھەققىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلمىي دوكلاتلار بەردى ھەمدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

بۇ پائالىيەتنى چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى، جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات بۆلۈمى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ يىغىن خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى مۇستەملىكە قىلىۋالغانلىقى ۋە بۇ يەردىكى مۇناسىۋەتنىڭ مۇستەملىكە قىلغۇچى بىلەن مۇستەملىكە بولغۇچى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىدىغان، ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.