خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس» لەرنىڭ ئېغىزى بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.12.19
mejburiy-emgek-dehqan-urumchi-1920 ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى» دا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئىنكار قىلىنغان
Photo: RFA

يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى» دا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئىنكار قىلىنغان. مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ «ئامېرىكادىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغان ئۇچۇر» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، شۇنداقلا «بۇ رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن.

«خىتاي گېزىتى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 15-دېكابىر كۈنى بۇ يىغىندا سۆز قىلغان. ئۇ، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنى ئەيىبلەپ، «ئۇلار ھېچقانداق ئاساسسىزلا شىنجاڭدا ‹مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت› دېگەندەك ئاساسسىز سەپسەتەنى ئويدۇرۇپ چىقارغان» دېگەن. ئۇ يەنە «ئىشقا ئورۇنلىشىش—ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 107 گە يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 29 خىتاي شىركىتىنى مەزكۇر قانۇن بويىچە جازالىغانىدى.

مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىشى، خىتاي ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋىسكى بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق سىياسىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتىن نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەل ئىقتىسادىي مەسىلىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك تەشۋىقات قاناللىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ئەزالىرىغا ئايلانغانلىقىنى تاشقى دۇنياغا نامايان قىلىشنى پىلان قىلغان، دەپ قارايمەن.»

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازمۇ بۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، خەلقئارادىكى بىر قىسىم خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ «ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت» دەۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بۇنىڭغا چېتىشلىق دەپ قارىغان كارخانا ۋە شىركەتلەرگە نامۇۋاپىق جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان پاكىتلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇ خەلقئارادىمۇ خېلى دىققەت قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا ئامېرىكاغا ئوخشاش بەزى دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە مەخسۇس قانۇن چىقاردى. ئەلۋەتتە، بۇ خىلدىكى قانۇن-نىزاملار بويىچە بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە خىتاي شىركەتلىرى، جۈملىدىن بەزى دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم شىركەتلەر جازاغا ئۇچرىدى. شۇنىڭدەك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە قاتتىق ئەيىبلىشىگە دۇچار بولدى. بۇ سەۋەبلىك ئىقتىساد ۋە سودا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خىتاي ھازىر غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. شۇڭلاشقا، خىتاي كومپارتىيەسى مۇشۇنداق بىر خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىپ، بىر تەرەپتىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە زورلاپ تاڭماقچى بولۇۋاتىدۇ دەپ قارايمەن.»

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 16-دېكابىر كۈنى ئېچىلغان بۇ يىغىنغا خىتايدىكى ئالاقىدار مىنىستىرلىقلار، 44 دۆلەت، رايون ۋە بىر قىسىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. يىغىندا يەنە «مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇتمۇ؟»، «بۇ سەۋەبتىن جازالانغان شىركەتلەرگە نېمە بولدى؟» دېگەن مەسىلىلەرگە قارىتا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا «قۇياش ئاستىدىكى ئەمگەك» ناملىق فىلىم كۆرسىتىلگەن.

ھېنرىك شاجىۋىسكى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ قانچىلىك ئاساسى بارلىقىدىن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە بولغان چۈشەنچىسىدىن گۇمانلىنىمەن. مىسال سۈپىتىدە ئېيتسام، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن جازالانغان بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قىلمىشلارغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ ئۇلار بۇ جەھەتتە ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە مۇستەقىل ئىقتىسادىي تەپتىش ئېلىپ بارغانمۇ؟ مەن بۇنىڭدىن گۇمانلىنىمەن. شۇڭىمۇ مەن بۇ كىشىلەرنى خىتاينىڭ ھېكايىسىنى تارقاتماقچى بولغان كىشىلەر، دەپ ئويلايمەن.»

تېڭ بياۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزى ئۇچرىغان تەنقىد ۋە ئەيىبلەشلەرگە قارىتا بىر يۈرۈش تاشقى تەشۋىقات ئۇسۇللىرى ھەمدە بىر قىسىم ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆزى ئۈچۈن سۆز قىلدۇرۇش مەقسىتىدە قوللىنىپ كەلگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تاشقى دۇنياغا قارىتا ئىزچىل قوللىنىۋاتقان تەشۋىق قىلىش ئۇسۇلى يالغان سۆزلەش ۋە ھەقىقەتنى يېپىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە زورلاپ تېڭىش ھەمدە ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان. مەلۇم بولغىنىدەك، ھازىرغىچە بۇ خىل رەسمىي تەشكىللەنگەن زىيارەتلەر ناھايىتى كۆپ بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تەكلىپ قىلغان كىشىلەر ئەمەلىيەتتە خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن گەپ قىلىدىغانلاردۇر. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل ۋە كۈچ سەرپ قىلدى. دېمەككى، نۇرغۇن ئاتالمىش مۇتەخەسسىس، ئالىم ياكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەكنى رەت قىلىشقا ياردەم قىلىۋاتىدۇ.»

بۇ تېما بويىچە سۆھبىتىمىزگە داخىل بولغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك، خىتاينىڭ دىپلوماتىك قاناللاردىن باشقا يەنە ھەر خىل تاشقى تەشۋىقات ۋە مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.