يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى دىكتاتورىلىق، ئۆز قوشنىلىرىغا ھەربىي تەھدىت ۋە ئەركىن جەمئىيەت ئۈچۈن زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇق بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن خىتاي تەبىئىي ھالدا دۇنيانىڭ تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ماس ھالدا خەلقئارادا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى بىكار قىلىش چۇقانلىرى بارغانسېرى كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. يەنە بەزىلەر بولسا بۇ مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ چوڭى 1980-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ساھىبخانىلىق قىلغان موسكۋا يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە كۆرۈلگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىشىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى 65 دۆلەت شۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلغان ئىدى. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلى كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى مەزكۇر مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشقا دەۋەت قىلغان ئىدى.
ئامېرىكادا بولسا 2020-يىلىنىڭ بېشىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ساھىبخانىلىق قىلماقچى بولغان ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبيو ۋە رىك سكوتنىڭ باشلامچىلىقىدا بۇنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇش بىلەن زىچ باغلىغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 2020-يىلى مايدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ «شىنجاڭدا مۇسۇلمانلارنى ئېغىر باستۇرۇشقا گىرىپتار قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مۇسابىقىگە ساھىبخانىلىق قىلىش مەسىلىسىنى قايتىدىن ئويلىشىشىمىز لازىم،» دېگەن ئىدى.
غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى بارغانسېرى زور مۇھاكىمىگە يول ئېچىۋاتقاندا، فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 30-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا يازما بايانات يوللاپ، ئۇلارنىڭ «2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى بېيجىڭدا چاقىرىش ئولىمپىك روھىغا خىلاپ ھەرىكەت» دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. شۇ كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتىدە مەزكۇر باياناتنىڭ تولۇق تېكىستى ئېلان قىلىندى. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇ مۇسابىقىگە ساھىبخانىلىق قىلىشنى بېيجىڭغا بېرىشى غەرەزلىك ھالدا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە خىزمەت پىرىنسىپىنى دەپسەندە قىلغانلىق،» دېدى.
دولقۇن ئەيسا بىلەن بولغان بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008-يىلى ۋە 2022-يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە بىردەك دۇنيانىڭ ئەيىبلەشلىرى ۋە قارشىلىقىغا دۇچ كېلىشى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭدا قانداقتۇر تاشقى «دۈشمەن» كۈچلەرنىڭ ھەسەتخورلۇق ياكى «بۇزغۇنچىلىق» قىلىش ئامىلىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدىكى سەۋەبنىڭ بەكمۇ ئاددىي بولغان «ئولىمپىك روھىغا ئېغىر خىلاپ قىلمىشلار ھەمدە دۆلەت ھاكىمىيىتى يار-يۆلەك بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىق ھادىسىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا يازما بايانات يوللاشتىن باشقا خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشتا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى داۋام قىلماقتا ئىكەن.
ئولىمپىك مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ داغدۇغىلىق ۋە ھەيۋەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلارنىڭ بىرى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا 1936-يىلى بېرلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دولقۇن ئەيسا ئەنە شۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەھۇدىيلارنى مىليونلاپ قىرغىن قىلىشنىڭ باشلانغانلىقىنى، نۆۋەتتە بولسا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىقنىڭ ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغانلىقىنى، شۇڭا مۇشۇنداق رېئاللىق ئالدىدا خەلقئارانىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە بولۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاشۇ قىرغىنچىلىققا شېرىك بولغانلىققا باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باك ياكى ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ سوئاللىرىنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتتۇق. ئەمما ئۇلاردىن ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رولى ئاچقۇچلۇق ئورۇندا بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىتىۋىدە بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان سوغۇقچىلىق بۇنىڭغا تېخىمۇ پايدىلىق شارائىتلارنى يارىتىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ جەھەتتە بىر قىسىم پۇقراۋاىي تەشكىلاتلارمۇ ئاكتىپ پا'ئالىيەتلەردە بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. «ھەق بولمىغان يەردە مۇسابىقە بولمايدۇ» تور گۇرۇپپىسى باشلىغان خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى خەلقئارالىق مۇراجىئەتنامىگە 150 مىڭ دانە ئىمزا توپلاش نىشان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا بۇنىڭغا ئىمزا قويغانلار ئاللىقاچان 140 مىڭغا يەتكەن. نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىلەر بارغانسېرى كۆپ سورۇنلاردىن ئورۇن ئالماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00