گېرمانىيەدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا قارشى سادالار كۈچەيمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.08.05
xitay-olimpik-2022-teshwiqat.jpg بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى بېيجىڭدىكى لوڭتان باغچىسى يەرمەنكىسىدە تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 6-فېۋرال، بېيجىڭ.
AP

گېرمانىيە تاراتقۇلىرى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى سادالارنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 3-ئاۋغۇست كۈنى «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا تەنقىد» ناملىق خەۋەرنى، «فوكۇس» تېلېۋىزىيە قانىلى «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى سەۋەبلىك خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن زىددىيەتلەشتى» ناملىق خەۋەرنى، «ئۇنىۋېرسال گېزىت» 4-ئاۋغۇست كۈنى «كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مىخالىسكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى تەنقىدلىدى» ناملىق ماقالىنى، گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو قانىلى «گېرمانىيە ئاۋازى» بولسا «خىتاي بىلەن ئولىمپىك ئىدىيىسى سىغىشالمايدۇ» ناملىق خەۋەرنى ئېلان قىلدى.

بۇ خەۋەر ۋە ماقالىلەردە ئامېرىكادىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيە تارمىقىنىڭ رەئىسى ۋېنسېل مىخالىسكىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى بايانلىرى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، مىخالىسكى سۆزىدە «مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاپ، ئۇلارنى تىلىدىن، مەدەنىيىتىدىن مەجبۇرىي مەھرۇم قىلىۋاتقان دىكتاتور بىر دۆلەت بىلەن ئولىمپىكنىڭ ئىدىيەسى سىغىشالمايدۇ» دېگەن. ئۇ بۇ سۆزنى 2-ئاۋغۇست كۈنى «گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تىلغا ئالغان.

ۋېنسېل مىخالىسكى «بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بىر يېرىم يىل قالغان بۇ كۈنلەردە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بەرمەكتە» دېگەن ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇنداق ۋەزىيەتتىن ساقلىنىشىنى، بەلكى ئۇنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ «رېئاللىق دەل ئەكسىچە بولماقتا» دېگەن.

ۋېنسېل مىخالىسكى سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ غەربىي شىمالىي رايونىدىكى مۇسۇلمان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بارغانسېرى ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى نەزەرگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان.

«خىتاي بىلەن ئولىمپىك ئىدىيەسى سىغىشالمايدۇ» ناملىق خەۋەرنىڭ «ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زۇلۇم» ناملىق بۆلىكىدە ۋېنسېل مىخالىسكىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر بىلەن ئولىمپىك ئىدىيىسى ھەرگىز سىغىشالمايدۇ. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خىتايدەك بۇنداق دىكتاتور دۆلەتتە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزمەسلىك مەسىلىسىنى قايتىدىن ئويلىشىشى لازىم. چۈنكى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇ يەردە داۋام قىلدۇرۇۋاتقان باستۇرۇشلىرى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان».

ۋېنسېل مىخالىسكى يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي تەنقىدكە ئىرەن قىلمايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ماس قەدەمدە باستۇرماقتا. ئەڭ رەھىمسىز ۋاستىلار بىلەن ئۇلارنىڭ تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقاتماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇلار تىلىدىن ۋە مەدەنىيىتىدىن قانچە ئۇزاقلاشسا، شۇنچە ياخشى».

ۋېنسېل مىخالىسكى ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى نەزەرگە ئېلىشىنى پەقەتلا ئارزۇ قىلالايمەن. ئەمما بۇ ھېچ قاچان بولۇپ باقمىغان. گەرچە 2015-يىلى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ بېسىمى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپىنى تۈزۈپ چىققان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىجراسىنى كېيىنگە قالدۇرغان. نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيمەن. لېكىن مەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىقلارغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى بىر ئىش قىلالايدىغان تۇرۇپ، يەنە نېمىشقا سۈكۈت قىلغۇدەكمەن؟»

ۋېنسېل مىخالىسكىنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيەدە داۋاملىق مۇنازىرە تېمىسى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسلەتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، 2008-يىلى 8-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كۆپ قېتىم كۈچلۈك قارشىلىق نامايىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بىر يېرىم يىل ۋاقىت قالغان بۈگۈنكى كۈندە ئولىمپىك كومىتېتىغا ۋە خىتايغا قارشى بۇ سادالار يەنە ھەر تەرەپتىن باش كۆتەرمەكتە.

30-ئىيۇل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا قارىتا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدا چاقىرىش ئولىمپىك روھىغا خىلاپ ھەرىكەت» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «غەربنى خىتايدىن پەرقلەندۈرىدىغان ئاساسىي ئامىللارنىڭ بىرىنىڭ قىممەت قارىشى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قىممەت قارىشىنى قوغداش ئۈچۈن خىتايغا قارشى كەسكىن تەدبىر ئېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭمۇ ئۆز پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقىنى تەكرار تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.