خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ پرېزىدېنتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە پەرۋاسىزلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

0:00 / 0:00

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 28-ئۆكتەبىر رادىيومىزغا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بېيجىڭنى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىلەن مۇكاپاتلىغانلىقىنى ئاقلىدى.

ئۇلار نېمە ئۈچۈن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بايقۇت قىلىنىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، «ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ سىياسىي مەسىلە ئەمەسلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى. ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى پىكىرلىرىنى خىتاي دائىرىلىرىگە يەتكۈزگەن. مەزكۇر خەلقئارا تەنتەربىيە ئورگىنى بۇ سۆزلەرنى 28-ئۆكتەبىر مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابىدا تەكىتلىگەن.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى توماس باخ 24-ئۆكتەبىر ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، تەنتەربىيەنىڭ سىياسەت ئەمەسلىكى، «تەنتەربىيەنىڭ بىتەرەپ تۇرۇشى»، «ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ نامايىش ئۆتكۈزىدىغان بازار بولۇپ قالماسلىقى»، «ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بايقۇت ئىشلىمەيدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. توماس باخنىڭ سۆزى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغان خىتايدەك بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى چىقىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» 27-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە توماس باخنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىپادە بىلدۈرۈپ باقمىغانلىقى، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى قوغدىشى «يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللىغانلىق دەپ قارىلىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى ھانو شەدلېرنىڭ تەكىتلىشىچە، «بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم لاگېرلارغا قامالغان ئەھۋالدا تەنتەربىيە بىتەرەپ تۇرالمايدىكەن.»

ھانو شەدلېر 28-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «تەنتەربىيە ناھايىتى چوڭ تىجارەتكە ئايلاندى. نۇرغۇن ھۆددىگەرلەر، داڭلىق ماركىلار ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى، ھۆددىگەر بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئولىمپىك بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان تۇتقۇن قىلىنغان بىر دىكتاتور دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلسە، تەنتەربىيە بىتەرەپ بولمايدۇ، دەپ قارايمەن.»

لېكىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى باياناتىدا: «ئولىمپىك مۇسابىقىسى سىياسىي مەسىلە ئەمەس. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىر غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر ۋاقىت سىياسىي بىتەرەپلىككە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ. مۇسابىقە بىلەن مۇكاپاتلاش ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىش ساھىپخان دۆلەتكە بېرىلگەن سىياسىي باھا ئەمەس. ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ئەمەس، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ،» دېگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا دۇنيادىكى 160 تەك تەشكىلات خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتىغا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى يىغىلىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ «بېيجىڭنى 2020-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىسى بىلەن مۇكاپاتلاشتەك خاتالىقىنى تۈزىتىشى» نى تەلەپ قىلغان. توماس باخ ھازىرغا قەدەر بۇ خەتكە جاۋاب بەرمىگەن ئىدى.

شۋېتسىيە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى قوللاۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. ئۇلار خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتىغا خەت يازغان 160 تەشكىلاتنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى پېتېر ئېبېرتس 28-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشقا لايىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرد.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە لايىق ئەمەس. لېكىن بۇ مەسىلىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشىغا قارىتا مەندە بىر پىكىر يوق. ئەمما بۇنىڭ قانداق بولۇشىنى تېخىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. نەتىجىدە بۇنىڭ قانداق بولۇشى كۆپچىلىكنىڭ پىكرىگە باغلىق.»

پېتېر ئېبېرتسنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2008-يىللىق بېيجىڭ يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە بولغان ئىشلاردىن كېيىن قىشلىق ئولىمپىكنى قايتا بېيجىڭغا بېرىشى خاتا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسىدە نوقۇل ئۇيغۇرلارلا نەزەردە تۇتۇلمىغان. بۇ يەردە خىتايدىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خىتايدىكى كۆپ سانلىق ئاھالە، جۈملىدىن تىبەتلەر، فالۇنگۇڭچىلار، خرىستىيانلارمۇ كۆزدە تۇتۇلغان. ئەگەر بىز بۇرۇلۇپ خىتاي ساھىبخانىلىق قىلغان 2008-يىللىق يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارىساق، قانداق مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرەلەيمىز. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئولىمپىكنى قايتا بېرىش خاتا بولدى.»

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى «سىياسەت بىلەن مۇسابىقىنىڭ ئايرىم مەسىلە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن پېتېر ئېبېرتس بۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى ھەممە نەرسىنى سىياسىي، دەپ قارايدۇ. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن بولغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگىمۇ شۇنداق قارايدۇ. خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسىدە يالغۇز ئۇيغۇرلارلا كۆزدە تۇتۇلغان ئەمەس. بۇ يەردە يەنە كۆپ سانلىق خىتاي نوپۇسى بار. بۇ باستۇرۇلۇۋاتقان تىبەتلەر، فالۇنگۇڭچىلار، خرىستىيانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

لېكىن «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ 27-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا تەكىتلىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ «سىياسىي بىتەرەپلىكنى تەكىتلىشى بىر پەرۋاسىزلىق» ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا: «باخنىڭ سىياسىي بىتەرەپلىك تەشەببۇسى خىتايدىكى جىددىي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى بىمالال قوبۇل قىلىش، دەپ قارىلىشى كېرەك. ھالبۇكى، بۇ جىنايەتلەرنى بىمالال قوبۇل قىلىش بىتەرەپلىك ئەمەس،» دېيىلگەن.

ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، توماس باخ «ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تىنچلىق ئىشىكىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار پەقەت لاگېرلار تاقالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى ئاخىرلاشقاندا ئاندىن تىنچلىققا ئېرىشىدىكەن.» «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» دىكى ھاننو شەدلېر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى سىياسىي بىتەرەپلىكنىڭ ئارقىسىغا ئۆتىۋالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ئولىملىك كومىتېتى ب د ت نىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتىدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ، لاگېرلارنى تاقاش، مۇسۇلمانلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشنى توختىتىش توغرىسىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى، ئەگەر ئۇلار ئۇنداق قىلمىسا گېرمانىيە، ئامېرىكاغا ئوخشاش دېموكراتىك دۆلەتلەر مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك. لېكىن ئالدى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىتەرەپلىكنىڭ ئارىقىسىغا ئۆتۈۋېلىشنى توختىتىشى لازىم.»

بىراق خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رادىيومىزغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى باھالاش كومىتېتىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى مەسىلىسىدە مۇستەقىل ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەسىلىلەردىكى پىكىرلىرىنى ئويلاشقانلىقى» نى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، «بۇ مەسىلىلەر ھۆكۈمەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە قويۇلغان ۋە قويۇلماقتا» ئىكەن. باياناتتا: «بىزگە ئولىمپىك نىزامنامىسىنىڭ پرىنسىپلىرىغا مۇسابىقە دائىرىسىدە ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بېرىلدى،» دېيىلگەن.