مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي بېقىندىچىلىقنى ئاشۇرۇشتۇر!»
2024.07.02

25-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەر ساھەدىكى دوستلۇق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، «شىنجاڭ مەسىلىسىدە قەتئىي ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋقەسىنى قوللايدىغانلىقىنى، زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشتا ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە، بۇ نۇقتىلار دىققەت قوزغىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 26-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز ۋە پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى شەھىرىدە قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئاقىلبېك جاپپاروف (Akylbek Zhaparov)، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سېرىك جۇمانغارىن (Serik Jumangarin) ۋە تاجىكىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ھاكىم خالىقزادە (Hokim Kholiqzoda) نى ئايرىم-ئايرىم كۈتۈۋالغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «8-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسى» گە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بولغان ئايرىم سۆھبەتلەردە «شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تارىخىي پۇرسەتلىرىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە زور مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «8-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسى» ئېچىلىش ھارپىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدە ئۇلار ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق-دوستلۇق ئالاقىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى، ئورتاق مەنپەئەتلەر، جۈملىدىن «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ بۇندىن كېيىنكى ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى»نىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى (Henryk Szadziewski) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنى داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋېلىشى ھەمدە ئۇلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتتە بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بارغانسېرى قويۇقلىشىۋاتقان ھەر تەرەپلىمە ئالاقىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشىغا زور دەرىجىدە زېمىن ھازىرلايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى دائىم قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى تولىمۇ ناچار. ئۆزئارا ‹قەدىردان دوست› لاردىن بولۇش سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتلەردىكى قارىشى پۈتۈنلەي ئوخشاش. شۇڭا ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە پەرقلىق مەۋقەدە بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ. مېنىڭچە بۇ دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا باشلىغان لاگېر سىياسىتىدىن كېيىن ‹ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىقنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى› نى كۆز-كۆز قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئەمما بۇ ئۇزۇندىن بۇيان ساقلانغان مەسىلە بولۇپ، ئۆكتىچىلەر ۋە دۆلەتكە قارشى چىققۇچىلارنى جازالاشتا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قىممەت قارىشىدا ئەلۋەتتە ئورتاقلىق مەۋجۇت.»
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ۋۇجۇدقا چىقارغان «8-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسى» مۇنداقلا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان پائالىيەت ئەمەس. غايەت زور مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىنغان بۇ پائالىيەتنىڭ ئارقىسىغا كۆپ قىرلىق سىياسىي غەرەزلەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر چالمىدا ئىككى-ئۈچ پاختەكنى ئېتىش» نى كۆزلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«مېنىڭچە ‹8-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسى› ئۆز تەرتىپى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم ئۇنىڭ ۋاقتى دەل خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ قارىلىۋاتقان ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ‹ئۇيغۇر رايوندا مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغان› پەيتىگە توغرا كەلدى. ئەلۋەتتە، بۇنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ‹نورماللاشقانلىقى› نى داۋراڭ قىلىشىدىكى يەنە بىر مىسال دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداقلا ناھايىتى ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ تاشقى سودا ئالاقىسىدە رايونغا بولغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق سىرتقى دۇنيانى بۇ رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ نورماللاشقانلىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشەندۈرۈشنى ئىستەيدۇ.»
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سېرىك جۇمانغارىن سۆھبەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى «ئالتۇن كارىدور» ۋە غەربكە ئېچىۋېتىلىدىغان كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇش، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق سۇپىسىنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، قازاقىستان ۋە تېخىمۇ كۆپ رايونلارنىڭ يېڭى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان. شۇنىڭدەك، خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى «ئالتۇن ئوتتۇز يىل» ىغا داۋاملىق يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا بېقىنىپ كېلىۋاتقان 50 نەچچە دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، جۈملىدىن قازاقىستاننىڭ بۇ قېتىملىق يەرمەنكىدىن ئورۇن ئېلىشى يېگانە ھادىسە ئەمەس. يەنە كېلىپ قازاقىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋام قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتىكى رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن سودا ۋە ئىقتىساد ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇشى تامامەن ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
دىققەت قوزغايدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، «8-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئايرىم سۆھبەتتە، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئاقىلبېك جاپپاروف (Akylbek Zhaparov)، «شىنجاڭ مەسىلىسىدە قەتئىي ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋقەسىنى قوللايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. تاجىكىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ھاكىم خالىقزادە (Hokim Kholiqzoda) «زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، قىرغىزىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان سابىق لېكتورى رەخىمجان ھاپىزوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى تەرەپ بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تارىخىي پۇرسەتلىرىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە زور مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ماھىيەتتە بۇ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ياۋروپاغا سوزۇلغان ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىكىنىڭ مۇھىم پاكىتلىرىدىن بىرى ئىكەن.
قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە سودا-ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى تۈرلۈك ئالاقە تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىنمۇ قويۇقلىشىۋاتقان بىر مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن باشقا يەنە سىياسىي مەيدان ۋە مەۋقەدىمۇ «بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇشى» بىر يېڭى يۈزلىنىش. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىق سىياسەتلىرىگە قارىتا ئۇلار بىلەن بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى دىققەت قوزغايدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى.
قازاقىستاننىڭ « داريو» (Daryo) تورى ۋە قىرغىزىستاننىڭ «مەركىزىي ئاسىيا ۋاقىت» (The Times Central Asia) تورىنىڭ بۇ ئىككى كۈن ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق يەرمەنكە ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن قاتناش، خام ئەشيا ئوبوروتى، دېھقانچىلىق، ساياھەتچىلىك، تۆمۈر يول ئېچىش، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى ۋە بۇ ھەمكارلىقلاردىن مەمنۇن ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ھالبۇكى مەزكۇر سۆھبىتىمىزگە ئىشتىراك قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي بېقىندىچىلىقنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.