خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىشى قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2023.05.19
shi-jinping-ottura-asiya-2.jpg شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ رەپىقىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پرېزىدېنتلىرىنى قارشى ئالدى. 2023-يىلى 18-ماي.
AFP

18-ماي كۈنى خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە باشلانغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستاننىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ ئۇچرىشىشتا ئوتتۇرا ئاسىياغا مەبلەغ سېلىش، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، شۇنداقلا بۇ ئۇچرىشىش «دەۋر بۆلگۈچ ھەمكارلىقنىڭ باشلىنىشى» دەپ مەدھىيەلەنگەن. ھالبۇكى، غەرب تاراتقۇلىرىدىكى ئانالىزلاردا، بۇ «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى سەۋەبلىك پاتقاققا پېتىشى بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىشى» دەپ قارالماقتا.

بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى خىتاينىڭ قوينىغا تېخىمۇ تاشلايدىغان ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.

18-ماي كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن يەنىمۇ يېقىنلىشىشى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە پەردازلاپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئوخشاش شەكىلدە داۋام قىلىشىغا شارائىت يارىتىدىكەن.

ئۇ يەنە بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ شىئەندە ئېچىلىشىنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىدە سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى، كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدا تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگىر شاھىتى ئۆمەر بېكئالى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىشى، خىتاينىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى خەلقلەرگىمۇ ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن.

ئۆمەر بېكئالى، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ جازا لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان ئۆزىگە ئوخشاش كىشىلەرگە ئىگە چىقمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئورنىغا خىتايغا يانتاياق بولۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى يەنە خىتاي بىلەن قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت ۋىزىسىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى، بۇ يەردىكى تىجارەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار جېلىلوۋا ئەسلىدە قازاقىستان پۇقراسى بولۇپ، ئۇ 2017-يىلى تىجارەت بىلەن ئۈرۈمچىگە بارغاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېردا ياتقان. كېيىنچە قويۇپ بېرىلىپ قازاقىستانغا قايتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستان ئۇنىڭغا ئىگە بولمىغان. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي بىلەن قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل يېقىنلىق، بۇ دۆلەتلەردىكى پۇقرالارغا تېخىمۇ ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ، دېدى.

ئۇ يەنە نۆۋەتتە ۋىزىسىز ھالدا قازاقىستاندا كۆپلەپ كېلىۋاتقان خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ بۇ يەردە يەرلىشىپ قېلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان ئاقىۋەتلەر ھەققىدىمۇ توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.