مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ
2023.06.26

خىتاي «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلغان 10 يىل مابەينىدە، ئىقتىسادىي جەھەتتە بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە بەلگىلىك مەنپەئەت يەتكۈزگەن بولسىمۇ، يۇمشاق كۈچ، يەنى خىتاي مەدەنىيىتىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېلىپ كىرىشتە، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنى خىتايغا مايىل قىلىشتا ھېچقانچە ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن.
يېقىندا، «خىتايلاشتۇرۇش» ناملىق تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يۇمشاق كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى» ناملىق ماقالىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ياشاش ئۇسۇلىنىڭ خىتايغا قەتئىي ئوخشىمايدىغانلىقى، ياشلارنىڭ ئاساسەن غەرب ئەللىرىگە قىزىقىدىغانلىقى، خىتاينىڭ گەرچە بۇ دۆلەتلەرگە پۇل ئېلىپ كەلگەن بىلەن، مەدەنىيەت ئېلىپ كېلەلمىگەنلىكى ۋە خەلقنىڭ قەلبىنى مايىل قىلالمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئايدا شىئەندە خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلغان، نۇرغۇن كېلىشىملەر ئىمزالانغان بولسىمۇ، ئۇلار ئاساسەن ئىقتىساد ۋە ساياھەتچىلىك ئىشلىرىغا مەركەزلەشكەن. خىتاينىڭ گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىسى كۈچەيگەن بولسىمۇ، خەلقنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىقى ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرى خىتايغا زور قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدەنىيەت تەسىرى يەنىلا ئاجىز بولۇپ، بۇ رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشمۇ ناھايىتى قىيىن ئىكەن.
ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور شان روبېرتس ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇزۇندىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۇمشاق كۈچ ئىشلىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، قىسمەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىدى. چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيادا تارىختىن قالغان بىر خىتايدىن قورقۇش پىسخىكىسى بار. چۈنكى سوۋېت پارچىلانغاندىن كېيىن خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا قالغان قازاقىستان تارىخنىڭ تەكرارلىنىشىدىن قورقىدۇ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قازاق قەبىلىلىرى بىلەن خىتاي ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. بىلىشىمچە، قازاقىستاندا خېلى بىر مەزگىل خىتايچە ئۆگىنىش داۋاملاشتى، خىتايغا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش تۈرلىرى يولغا قويۇلۇپ، بەلگىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمما مېنىڭچە، ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىدە خىتايدىن قورقۇش يەنىلا ئېغىر».
بۇ ماقالىدە، خۇادۇڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى لۇ گاڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر ماقالىنىڭ مەزمۇنى بېرىلگەن؛ لۇ گاڭ بۇ ماقالىسىدە: «خىتاينىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە غەربىي رايون (مەسىلەن، شىنجاڭ) نىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى غەربىي رايون بىلەن ئۇنىڭغا قوشنا دۆلەتلەرنى بىر گەۋدە دەپ قارىشى، ئىقتىسادتىن باشقا يەنە مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك» دەپ يازغان. لۇ گاڭ بۇ يەردە ئوتتۇرا ئاسىيانى رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ تەسىرىدىن خالىي قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ رايوننى خىتاينىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىگە ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان مەدەنىيەتشۇناس، پروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئېتىقادىدا چوڭ پەرق بارلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي مۇتەخەسسىس لۇ گاڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشتە ئەۋزەل ئورۇندا بولۇپ، ئىقتىساد جەھەتتە رۇسىيەدىن ئۈستۈن تۇرسا، ماكان جەھەتتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن يېقىن. ئەمما لۇ گاڭ، ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەت ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنى خىتايغا مايىل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىپ: «ئەگەر مەدەنىيەتتە ئورتاقلىق بولمىسا، يەرلىك خەلق بىلەن قەلبداش بولغىلى بولمايدۇ؛ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئاددىي تەشۋىقاتلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىر كۆرسەتكىلى بولمايدۇ. ئىستېمال بازىرى يەرلىك خەلققە كۈندىلىك تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشنىڭ، يەنى مەدەنىيەتتە ئورتاقلىق ھاسىل قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. شۇڭا بىز ئوتتۇرا ئاسىيادا چېچىلىپ كەتكەن خىتاي سودىگەرلىرىنى يىغىپ خىتاي بازىرى قۇرۇپ، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىشىمىز، يەرلىك خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ئۇلارنى خىتاينى ياخشى كۆرىدىغان قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.
شان روبېرتس ئەپەندى ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدە بولسىمۇ، رۇسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي تەڭپۇڭلۇق ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا بارغانسىېرى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈۋاتقانلىقى ۋە بۇ رايوندىكى تەسىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان بۇ ۋەزىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەدىن قورقۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنمەيۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز. شۇڭا كۆپلىگەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن غەرب ئەللىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىر تەرەپتىن ئۇلار خىتاينى قوشنا، ئىقتىسادىي جەھەتتە يۆلەنچۈك دەپ قارىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ تەسىرىدىن قورقىدۇ. شۇڭا ئۇلار غەرب دۇنياسىغا—ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا تىرىشىۋاتىدۇ».
قازاقىستاندا ياشاۋاتقان گىئو-ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى پروفېسسور شەرىپجان نادىروف ئەپەندى خىتاينىڭ گەرچە ئىقتىسادتا پايدا يەتكۈزگەن بىلەن، يېڭى تېخنىكا، سانائەت ۋە سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېلىپ كېلەلمىگەنلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھازىرمۇ رۇسىيە ۋە غەرب مەدەنىيىتىگە يېقىن ئىكەنلىكىنى، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىز تارتىش ئاساسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
لۇ گاڭ يەنە قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستاندىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئامېرىكاچە مائارىپنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، رۇس تىلىدىن باشقا ئىنگلىز تىلىنى دەرسلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، ياشلارنىڭ ۋە سەر خىللارنىڭ فېسبوك، تىۋىتتېر قوللىنىدىغانلىقىنى، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىشتە بەكمۇ ئارقىدا قالغانلىقىنى، بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتىنى ئىشقا سېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ھالبۇكى، شەرىپجان نادىروف ئەپەندى قازاقىستاندا خىتايچە ئۆگىنىۋاتقان ۋە خىتايدا ئوقۇۋاتقان ياشلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
لۇ گاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى مەدەنىيەت بىلەن ئەل قىلىش تەكلىپى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان. خىتاي ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى تەكىتلەۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» مۇ ئەسلىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىش شوئارى بولۇپ، 2009-يىل يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» بۇ شوئارنىڭ ساختا پەردىسىنى يىرتىپ تاشلىغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى ۋاقىتلاردا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» دېگەن گەپنى بازارغا سالدى. خىتايغا سىڭىشنى رەت قىلغان ئۇيغۇرلارنى تۈركۈملەپ لاگېرلارغا سولاپ يوقاتتى، سىرتتا قالغانلارنى خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىدى. مانا بۇنىڭدىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، خىتايغا مايىل قىلىشتىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانلىقىنى ۋە ئاخىردا ئەڭ قەبىھ ئۇسۇلدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يولىغا ماڭغانلىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇيغۇرلار بىلەن كىملىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە قېرىنداش بولغان، ئەمما مۇستەقىل دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنى خىتايغا مايىل قىلىش ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە بويسۇندۇرۇش مۇمكىنمۇ؟
پروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىشى، تەقىب ئاستىغا ئېلىشى، قاماپ قويۇشى ئۇلارنىڭ ‹ئاق-قارا مەدەنىيىتى› ئۈستىگە قۇرۇلغان. خىتاينىڭ تارىختىن بېرى يۈرگۈزۈپ زۇلۇم ۋە سۈرگۈن سىياسىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبىدە ساقايماس جاراھەت قالدۇرغان تۇرسا، مەركىزىي ئاسىياغا يۇمشاق كۈچ ئىشلىتىشى قانچىلىك ئۈنۈم بېرىدۇ؟ بۇ رايوندا ھازىر تۈركچىلىك ئېقىمى كۈچىيىۋاتىدۇ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئەقىدىسى يەنىلا كۈچلۈك» دېدى.