قەشقەردىن پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىغىچە سوزۇلغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئون يىلدىن ئاشقان «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولۇپ، يىللاردىن بېرى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خىتاينىڭ كۈتكىنىدەك بولمايۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي پاكىستاندىكى گۋادار پورتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى دېڭىز سودا يولى ئېچىپ، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە مال سېتىش، بۇ رايونلاردىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنى كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك جايلاردا ھەربىي بازا قۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلەشمەكچى بولۇۋاتقانلىقى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقانىدى.
خىتاينىڭ «قەرز تۇزىقى» دەپ ئاتالغان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ پاكىستاندا ئوڭۇشلۇق داۋاملاشمىغانلىقى، يەرلىك خەلقنىڭ گۋادار پورتى قۇرۇلۇشىغا قارشى نامايىشلىرى، خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى، ئەڭ مۇھىمى كوۋىد يۇقۇمىدىن كېيىن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى، خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىقلار «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشىنى ئاقسىتىپ قويغان سەۋەبلەر دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، پاكىستان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن.
سىنگاپوردا چىقىدىغان «دېڭىز بوغۇزى گېزىتى» تورىنىڭ 2-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدە، پاكىستان باش مىنىستىرى شەھباز شەرىفنىڭ 6-ئاينىڭ 4-كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقى، خىتاي بىلەن «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
«ئەلجەزىرە قانىلى» 3-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، پاكىستاننىڭ خىتايغا بولغان موھتاجلىقىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، «پاكىستان ھازىر پۇل پاخاللىقى ۋە قەرز كىرىزىسى بىلەن بوغۇشۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئىقتىسادىي كاساتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي تۈرلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئېھتىياجلىق. ئۇ بولسىمۇ 2015-يىل باشلانغان، 62 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان ‹خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى› دۇر» دېيىلگەن.
«خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» (CGTN) 5-ئىيۇن كۈنى تارقاتقان خەۋەرگە قارىغاندا، شەھباز شەرىف شۇ كۈنى شېنجېندا ئېچىلغان، خىتاي ۋە پاكىستان كارخانىچىلىرى توپلانغان «خىتاي-پاكىستان سودا مۇنبىرى» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» نىڭ خىتاي بىلەن پاكىستانغا زور مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، پاكىستاندىكى گۋادار پورتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىنى مەدھىيەلىگەن، شۇنداقلا خىتاي كارخانىچىلىرىنى پاكىستانغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان.
شەھباز شەرىف بۇ قېتىم خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش، خەۋپسىزلىك ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش، ئېنېرگىيە، پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ ساھەلىرىدە خىتاي بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىش توغرۇلۇق سۆھبەتلەشكەن.
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى قەيسەر مىجىت پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەمەلىيەتتە پاكىستان ھازىر خىتاينىڭ بېقىندى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالدى» دېدى.
«ياپونىيە رادىيو شىركىتى» (NHK)نىڭ 6-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شەھباز شەرىفنىڭ خىتايدىكى 5 كۈنلۈك زىيارىتى ئاساسلىقى 2-باسقۇچلۇق «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشىنى قايتا باشلىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش پاكىستاندىكى گۋادار پورتى بىلەن تۆمۈر يولنى ئاساس قىلغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بولۇپ، خىتاي بۇ قۇرۇلۇشقا 60 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن؛ قەشقەردىن پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىغىچە سوزۇلغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغىلا 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان. ھالبۇكى پاكىستاندىكى سىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلغان خىتاي، بۇ قۇرۇلۇشقا داۋاملىق مەبلەغ سېلىشتىن يالتىيىپ قالغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پاكىستاندا خىتاي پۇقرالىرىنى نىشان قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۆپ يۈز بەردى. پاكىستان تەرەپ بۇ ھۇجۇملارنى ئىسلام تېررورچىلىرى بىلەن خىتايغا ئۆچ بۆلگۈنچىلەرنىڭ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى».
شەھباز شەرىف «خىتاي-پاكىستان سودا مۇنبىرى» دە قىلغان سۆزىدە، پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى بارلىق كۈچى بىلەن قوغدايدىغانلىقىنى، بۇنداق ھۇجۇملارنىڭ يۈز بېرىشىگە ئەمدى يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋىسكىي (Henryk Szadziewski) «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە خىتاينىڭ چەت ئەللەرگە مەبلەغ سېلىشى ئاستىلاپ قالدى، چۈنكى بۇ مەبلەغگە ئاجرىتىلغان پۇل كۆپەيگەنچە خىتاينىڭ ئۆز ئىقتىسادىغا زىيان بولدى. خىتاي تەرەپتىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ‹خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى› غا بۇرۇنقىدەك قىزغىنلىقى قالمىدى. پاكىستان تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئۇلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا پاتتى. يەنە كېلىپ، پاكىستان بىلەن شېرىكلىشىدىغان دۆلەتلەر ئاز، چۈنكى پاكىستانغا مەبلەغ سېلىشنىڭ خەتىرى بار. پاكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىم ئەمەس، بەلۇجىستاندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە. خىتاي ئۆزى قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقاندا، بۇنداق چوڭ تۈرگە مەبلەغ سېلىشنى بۇرۇنقىدەك خالىمايدۇ».
«ئەلجەزىرە قانىلى» تورى 3-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە، «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» نىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مەسىلىلەر ۋە كەلگۈسى خىرىسلار كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «تەنقىدچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ گېئو-سىياسىي تەسىرىنى كېڭەيتىش قورالىدۇر. ئۇ، پاكىستاندەك نامرات دۆلەتلەرنى قەرز پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويدى. پاكىستاندا، گۋادار پورتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەمدە ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە سانائەت تەرەققىياتىدا مەلۇم نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولسىمۇ، پاكىستاندا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك كىرىزىسلىرى تۈپەيلىدىن «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولمىدى، ھەتتا توختاپ قالدى. ئەمدىلىكتە پۇلى كەملەپ قالغان پاكىستان، بولۇپمۇ ھازىرقى ھۆكۈمەت بۇ قۇرۇلۇشنى قايتا ئىلگىرى سۈرمەكچى؛ گۋادار پورتى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئالتۇن تاجىدۇر. خىتاينىڭ غەربىدىكى قەشقەر شەھىرى بىلەن گۋادار پورتىغىچە بولغان 2000 كىلومېتىر يولنى تۇتاشتۇرۇش نىشان قىلىنغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» چوقۇم پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىقتىسادىي ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما بۇلار تېخى ئەمەلگە ئاشقىنى يوق. «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» نىڭ پاكىستاندا 2 مىليون ئىش ئورنى ۋە سودا پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا كۆرە، نۆۋەتتە ئارانلا 250 مىڭ ئىش ئورنى يارىتىلغان».
مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستاننىڭ تاشقى قەرزى ئېغىرلاپ كەتكەن. ھازىرقى باش مىنىستىر شەھباز شەرىفنىڭ ئاكىسى ناۋاز شەرىف 2013-يىل پاكىستاننىڭ باش مىنىستىرى بولغاندا پاكىستان، 60 مىليارد دوللارغا يېقىن قەرزگە بوغۇلغان بولسا، بۈگۈن 124 مىليارد دوللار قەرزگە بوغۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە خىتايغا تۆلەيدىغان قەرزى 30 مىليارد دوللارغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 20 مىليارد دوللار قەرزنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالغان. 2018-يىلدىن بۇيان، پاكىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نەچچە ئون خىتاي ئىشچىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن. بەلۇجىستان قوراللىق كۈچلىرى خىتاينىڭ گۋادار پورتىغا مەبلەغ سېلىش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش باھانىسى بىلەن، بۇ رايوندىن بايلىق بۇلايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانىنى خىتاي ئىشچىلىرىغا قاراتقان. خىتاينى داۋاملىق مەبلەغ سېلىشتىن توسۇپ قويۇۋاتقان ئەڭ مۇھىم سەۋەب پاكىستاننىڭ تىنچسىزلىقى ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پاكىستان ھۆكۈمىتى «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» غا مەسئۇل ئەمەلدارىنى تولا ئالماشتۇرغاچقا، خىتاي بۇنىڭدىنمۇ خاتىرجەم بولالمىغان.
دوكتور قەيسەر مىجىت، «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» نىڭ 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىشىش-داۋاملاشماسلىقى خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ قەشقەرنى مۇھىم سودا ۋە ساياھەت رايونى قىلىپ ئېچىشى، جۈملىدىن قەشقەردە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشى قاتارلىقلار «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» نى قايتا ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. دوكتور قەيسەر مىجىت بۇنىڭ قىسمەن شۇنداق ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ يەنە ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى مەنپەئەتىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەرنى سودا-ساياھەت مەركىزى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھېنرىك شاجىۋىسكىي، قەشقەرنىڭ سودا-ساياھەت مەركىزى قىلىنىشىدا، خىتاينىڭ ئاساسەن دۆلەت ئىچىدىكى ئەھۋالنى چىقىش قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «قەشقەرگە مەبلەغ سېلىش، ئۇ جايدا ئەركىن سودا رايونى ۋە قاتناش مەركىزى قۇرۇش توغرۇلۇق نۇرغۇن گەپلەر بولدى؛ بۇنىڭدا خىتاينىڭ ئويلىغانلىرى بار، چۈنكى جەنۇبتا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، خىتاي ئۇ جايلارنى كونترول قىلماقچى. خىتاي قەشقەرنى ئىككىنچى شېنجېن قىلماقچىدى، ئەمما بۇ تېخى ئەمەلگە ئاشمىدى. مېنىڭچە، خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرى قەشقەرگە ئالاھىدە قىزىقىپ كەتمەيدۇ. خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدىمۇ ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۇت: قۇرۇلۇش پىلانىنى ھۆكۈمەت بېكىتكەن، ئەمما سالغان مەبلەغ قانچىلىك پايدا بېرىدۇ، ئېنىق ئەمەس. ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىسى دائىم ئەمەلىيەتتىن ھالقىغان بولىدۇ. مېنىڭچە، خىتاي بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، بىر ياقتىن تەبىئىي بايلىقلارغا ئېرىشمەكچى، يەنە بىر ياقتىن تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى. ئەمما ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ‹خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى› ھەققىدە گەپ قىلغان ۋاقىتتا، بىز ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارىشىمىز كېرەك».
