ژورنالىست بېرتىل لىنتنېر: «شى جىنپىڭنىڭ ‹بۈيۈك خىتاي› پىلانى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئېرىتىپ تۈگىتىش سىياسىتىدۇر»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.12.04
ژورنالىست بېرتىل لىنتنېر: «شى جىنپىڭنىڭ ‹بۈيۈك خىتاي› پىلانى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئېرىتىپ تۈگىتىش سىياسىتىدۇر» شىۋىتسىيەلىك يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست بېرتىل لىنتېنېر(Bértil Lintner).
wikiwand.com

شىۋىتسىيەلىك يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست بېرتىل لىنتېنېر(Bértil Lintner) 1953-يىلى شىۋىتسىيەدە تۇغۇلغان. بېرتىل لىنتنېر خىتاي، ھىندىستان، بېرما قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋەدىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىچكىي ۋە تاشقىي سىياسىتى ھەققىدىكى يازمىلىرى بىلەن خەلقئارادا تونۇلغان خىتايشۇناس مۇتەخەسىسلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر نەشر قىلدۇرغان «غەزەپ: بېرمانىڭ كۈرىشى» (1989)، «بېرما قوزغىلىڭى» (1994)، «خىتاي-ھىندىستان ئۇرۇشى: سوقۇلۇش» (2018) قاتارلىق كىتابلىرى ئاسىيا ۋەزىيىتى تەتقىقاتىدىكى تەسىرى چوڭ بولغان كىتابلاردىن ھىسابلىنىدىكەن.

يېقىندا ئۇنىڭ «ئاسىيا ۋاقتى» گېزىتىدە ئېنگىلىز تىلىدا ئېلان قىلغان «شى جىنپىڭنىڭ ‹بۈيۈك خىتاي› پىلانى» ناملىق ماقالىسىدە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «خىتاي چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» شوئارى بىلەن خىتاي بېسىۋالغان زىمىنلاردىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان «جوڭخۇا مىللىتى بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»، يەنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

مەزكۇر ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن چەت ئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى، خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ۋە «بېيجىڭ باھارى» ژورلىنىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ماقالە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خەلقلەرگە يۈرگۈزگەن سىياسىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاپتور بېرتىل لىنتنېر ماقالىسىدە ئالدى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار زېمىنىدا بەرپا قىلىنغان «كەسپىي تەربىيىلەش مەركلەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلار ھەققىدە توختالغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ‹نامراتلىقنى تۈگىتىش› ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى. بۇلارنى قۇرۇشتىكى مەقسەت يەرلىك كىشىلەرگە يېڭى كەسپىي ماھارەتلەرنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئىكەن»

ئاپتور بېرتىل لىنتېنېر بۇ خىل لاگېرلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلۇپ سىناق قىلىنغاندىن كېيىن، نۆۋەتتە تىبەتلەر رايونىغا كېڭەيتىشكە باشلىغانلىقى ۋە بۇ لاگېرلارنى قۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ بۇ خەلقلەرنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى تەسىس قىلىشتىكى مەقسىدى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «شىنجاڭنىڭ غەربىدە تەسىس قىلىنغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار قامالغان لاگېرلارنىڭ داڭقى چىققاندىن كېيىن، بۇ خىل ‹كەسپىي تەربىيەلەش پروگراممىسى› يېقىندا تىبەتكە كېڭەيتىلدى. ئەمما خىتاينىڭ تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى رەسمىي سىياسىتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ بۇلارنى قۇرۇشتىكى مەقسىتى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ‹يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى› نى تەربىيەلەشلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى بېيجىڭ بۇ خەلقلەرنى ‹قالاق› دەپ ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئىكەن. قاتتىق ھەربىي ئۇسۇلدىكى باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان بۇ خىل ئاتالمىش ‹كەسپى تەربىيىلەش› نىڭ مەقسىتى بۇ جايغا يىغىۋېلىنغان تۇتقۇنلارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش، ئۇلارنىڭ خىتاي تىلى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، خىتاي قانۇنىنى ئۆگىتىش ئىكەن.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ژورنالىست بېرتىل لىنتېنېرنىڭ بۇ ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۇقىرىقى قاراشلار گەرچە كېچىكىپ دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنى يوقىتىشتەك سىياسىي مەقسىتى پاكىتلار ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىكەن.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ «بىر خىتاي» قۇرۇش پىلانى، يەنى خىتاي مىللىتىنى ئاساس قىلغان «مىللىي دۆلەت» قۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا رادىكال ۋاستىلەر ئارقىلىق ئېلىپ سىناق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ ماقالىسىدە بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇنداق بايانلارنى بەرگەن: «رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدا تەخمىنەن 12 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بار، ئۇلار ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. تەخمىنەن 6 مىليون موڭغۇل ئىچىكىي موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا، 6 مىليون 500 مىڭ تىبەت تىبەت ئاپتونوم رايونى، چىڭخەي، يۈننەن، سىچۈەن ۋە گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردە ياشايدۇ. شى جىنپىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر رايونىدا ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› نى قۇرۇپ، بۇ رايونلاردىكى خەلقلەرنى ‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش› ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ خىتاي دۆلىتىنى خىتاي تىللىق ‹بىر مىللەتلىك دۆلەت› كە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا. خىتايدىكى 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسنىڭ 92 پىرسەنتىنى خىتايلار تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ‹جوڭخۇا مىللىتى› دەپ ئاتالغان «پان-خىتاي كىملىكى› نى تەشۋىق قىلماقتا. ھالبۇكى، ماندارىن تىلى، يەنى ئىلگىرى ‹پۇتۇڭخۇا› دەپ ئاتالغان بۇ تىل ھازىر «گويۈ»، يەنى ‹دۆلەت تىلى› غا ئايلاندى.»

خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكادىكى «بېيجىڭ باھارى» ژورلىنىنىڭ باش مۇھەررى خۇ پىڭ ئەپەندىمۇ ژورنالىست بېرتىل لىنتنېرنىڭ ماقالىسى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان 1949-يىلدىن باشلاپلا، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق بېسىۋېلىنغان زېمىنلاردىكى خەلقلەرگە قارىتا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن. ئەمما ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە خىتاي كومپارتىيەسى ماۋزىدوڭ دەۋرىدىن بۇيان تەشۋىق قىلىنىپ كېلىۋاتقان‹خىتاي كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، 56 مىللەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى ھۆرمەت قىلىنىدۇ› دېگەن تەشۋىقاتىنى چۆرۈپ تاشلىغان. ئۇلار خىتاي دۆلىتىنىڭ پارچىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ‹جوڭخۇا مىللىتى بىرلىك ئېڭى› نامىدىكى چوڭ خىتايچىلىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن. بولۇپمۇ زېمىنى بېسىۋېلىنغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق قاتارلىق خەلقلەرگە قارىتا پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، بىر مىللەتلىك، يەنى ‹پان-خىتاي مىللىي دۆلىتى› بەرپا قىلىش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان.

ئاپتور بېرتىل لىنتنېر ماقالىسىدە يەنە شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يەرلىك خەلقلەرنىڭ تىل-مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمدىلىكتە تىبەت، موڭغۇل، كورىيان، جۇاڭزۇ، يىزۇ قاتارلىق خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرگىمۇ كۆچۈرۈپ ئىشتىلىشكە باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كەسپىي لاگېرلاردا ئۇيغۇرلار گۇناھكار بولۇۋاتىدۇ، ئۇلار خىتاينىڭ قەمەرىيە يېڭى يىلىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ، ئۇلار ئىسلام دىنى ئېتىقادىغا قارشى ھالدا چوشقا گۆشى يېيىشكە ۋە ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلانماقتا.

ھازىر بېيجىڭنىڭ دىققىتى كۆپىنچە بۇددىست تىبەتلەرگە قارىتىلدى. ئۇنىڭ سىياسىتىدە تىبەتلەر چوقۇم خىتاي چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەك؛ تىبەتلەر چىڭخەي-تىبەت ئېگىزلىكىدىكى ئەنئەنىۋى يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. رەسمىي ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، لاگېرلاردىكى تىبەت ‹تۇتقۇن ئىشچىلىرى› ئۆزلىرىنىڭ ‹قالاقلىقى› نى ئىسلاھ قىلىشقا ۋە ئۆز ئالدىغا ئايرىم مىللىي سالاھىيەتكە ئىگە بولۇش ئۇقۇمىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. ھازىر بۇ سىياسەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە رايوندىكى ‹قوش تىل مائارىپى› نىڭ ئورنىنى پەقەتلا ‹گويۈ›، يەنى ‹دۆلەت تىلى› دا ئوقۇتۇلىدىغان مەكتەپلەر ئىگىلىمەكتە.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە بېرتىل لىنتنېرگە ئوخشاش چەت ئەللىك ئانالىزچىلار ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «پان-خىتاي مىللىي دۆلىتى» قۇرۇشتەك فاشىزىملىق سىياسىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشى، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.