مۇلاھىزىچىلەر: خىتاينىڭ قەتلىئام كۈلتۈرى ئىنسانىيەتكە ئاپەتتۇر
24-ئاۋغۇست، ۋاشىنگتون «ئەركىن مەشئەل» تورىدا «ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قەتلىئام كۈلتۈرىگە زەربە بەرمەكتە» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.
-
مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-09-01 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
24-ئاۋغۇست، ۋاشىنگتون «ئەركىن مەشئەل» تورىدا «ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قەتلىئام كۈلتۈرىگە زەربە بەرمەكتە» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاينىڭ قەتلىئام تۈسىنى ئالغان نوپۇس سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازلىتىپ يوق قىلىش جىنايىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر ماقالىدە نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، ئاقسارايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار مۇنداق دېگەن: «دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش تەدبىرى قوللىنىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە نوپۇسىنى ئازلىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلدى». ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى جون ئۇللىيوت (John Ullyot) مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىۋېتىش، ھامىلە قالسا مەجبۇرىي ئالدۇرۇۋېتىش، ئۇلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىش، جىنسىي جەھەتتىن خورلاش، خىتايلارغا تېگىشكە زورلاش، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدە قونۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكالىق كارخانىچىلار تەتقىقات ئورنى بىرلىشىپ چىقارغان بىر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇغۇلۇشقا ئاز قالغان بالىنى چۈشۈرۈۋېتىش ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرى، شۇنداقلا خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت، نوپۇس تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنى چېكىندۈرۈۋاتقانلىقى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن. ئامېرىكالىق كارخانىچىلار تەتقىقات ئورنى تەتقىقاتچىسى نىكۇلاس ئەبېرستاد (Nicholas Eberstadt) نىڭ سۆز بويىچە ئېيتقاندا بۇنىڭ «كوممۇنىست خىتاي ئېلىپ كەلگەن قەتلىئام كۈلتۈرىنىڭ مۇكەممەل ئىپادىلىنىشى» ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتايدا پىلاندىن ئېشىپ كەتكەن بوۋاقلارنى، بولۇپمۇ قىز بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈش ئېغىر بولغاچقا نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقى مەۋجۇت ئىكەن؛ ھالبۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن نوپۇس قىرغىنچىلىقى بۇنىڭغا ئوخشىمايدىكەن. ئامېرىكالىق كارخانىچىلار تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى لىيمەن ستون (Lyman Stone) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق پەقەت ھەرىكەتلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كەينىدىكى شۇم نىيەتتۇر. ئۇيغۇر رايونىدا بولۇۋاتقان ئىشلار باشقا يەردىكىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ رايوندىكى قىرغىنچىلىق تېز سۈرئەتتە داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇۋاتقان نەرسە خىتايدىكى قەتلىئام كۈلتۈرىدۇر. بۇنداق پاجىئە خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە تارىختىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان».
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لىيمەن ستون ئەپەندى خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي تارىختا بىر قانچە قېتىم پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەن. ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە خىتايدا كۆپ بالىلىق بولۇشقا ئىلھام بېرىلگەن. ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ كۆپ بولۇشى خىتايدا نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش ۋە بىر بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولغان. ھازىر خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، بىردىن كۆپ بالىلىق بولۇشقا يول قويدى، ئەممە بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئەمەس، بەلكى خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان».
ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كاتولىك دىنى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋىليام ساندېرس (William Saunders) مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، قانۇنىي ھوقۇقى، ھەتتا پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنىمۇ تارتىۋېلىپ، ھاياتلىقنى گۈللەندۈرۈش مەدەنىيىتىدىن ئايرىلدى. ھالبۇكى ئۇ ھوقۇقلار ئىپتىدائىي تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە كۆرە ئېيتقاندىمۇ ھەر قانداق جەمئىيەت ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ. ئەگەر خىتاي بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنكار قىلسا ئۇ چاغدا قەتلىئام كۈلتۈرى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ». 2015-يىل خىتاي گەرچە بىر بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، ئائىلە بويىچە نوپۇس تىزگىنلەشنى ئەزەلدىن بوشاشتۇرۇپ قويمىغان. لىيمەن ستوننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا بۇ «مۇستەبىتلىكنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان يامان غەرىزى ۋە رەھىمسىزلىكى ئىكەن».
لىمەن ستون ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتايلار پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىلگەن دەپ قارايدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئېتنىك قىرغىنچىلىققا ئۇچرىمىدى دەپ ئويلايدىكەن. ئۇ خىتايدىكى قەتلىئام كۈلتۈرى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاڭسىزلىق، ۋەھشىيلىك، ئۆزىدىن باشقىسىنى ياشىغىلى قويماسلىقتەك ئىرقىي زۇلۇمنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىر بالىلىق بولۇش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەنىۋى كرىزىس خىتايلارنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن نوپۇس قىرغىنچىلىقىنى ئېتنىك قىرغىنچىلىق دەپ قارىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پۈتۈن دۇنيا خىتاينىڭ بىر بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى. چۈنكى ئۇنىڭدا خىتايلارنىڭ ئوغۇل تۇغۇلسا ھايات قويۇپ، قىز تۇغۇلسا يوق قىلىۋېتىدىغان قورقۇنچلۇق قىلمىشى، يەنى جىنسىي قىرغىنچىلىقى مەۋجۇت. خىتاينىڭ بىر بالىلىق بولۇش سىياسىتىگە يوشۇرۇنغان يەنە بىر غەرىزى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يوق قىلىۋېتىش ياكى خىتايلاشتۇرۇش. خىتاي ئۆزىنىڭ مەركىزىي ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇشقا ھەر زامان ئۇرۇنۇپ كەلدى».
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن خىتاينىڭ قەتلىئام كۈلتۈرىنى تارىخ ۋە سىياسەت نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ، خىتايدىكى ئادەم ئۆلتۈرۈش، قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان بارلىق سىياسىي ھەرىكەتلەر ۋە باستۇرۇشلارنىڭ ئەنە شۇ قەتلىئام كۈلتۈرىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجلىنىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ بۈگۈن خىتاينىڭ ناتسىستلار ۋە بولشىۋېكلار قوللانغان كونا ئۇسۇل بويىچە ئۇيغۇرلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا ئەگەر كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى يوقاتمىسا، بۇ ياۋۇز، قەبىھ كۈچنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئاپەت بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.