20-قۇرۇلتايدا «خىتاي چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان «شى جىنپىڭ گۇرۇھى» شەكىللەنگەن
2022.10.27

20-قۇرۇلتايدا شى جىنپىڭ گۇرۇھىنىڭ ئادەملىرى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ بېشىغا چىققان بولۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيوروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى بولۇپ «سايلانغان» لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنلىرى ئىكەن.
«ئامېرىكا ئاۋازى» تورى 25-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيوروسىغا كىرگەن 7 دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل: ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شى جىنپىڭنىڭ ئادەملىرى» ناملىق ماقالىدە بۇ ئالتە ئادەمنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۆستۈرۈلۈش سەۋەبى تەھلىل قىلىنغان.
بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ كەلگۈسى باش مىنىستىرى بولىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان لى چياڭ شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولۇپ، بۇ يىل شاڭخەيدە «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، شاڭخەينى ئىككى ئايدىن ئارتۇق قامال قىلىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ كېسەللىك ۋە ئاچلىقتىن ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان. شاڭخەيلىكلەرنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان بۇ ئەمەلدار شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتىنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆستۈرۈلگەن.
كېيىنكى قاراردا سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى بولىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان ۋاڭ خۇنىڭ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي نەزەرىيەچىسى بولۇپ، جياڭ زېمىن دەۋرىدىكى «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيەسى»، خۇ جىنتاۋ دەۋرىدىكى «ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى»، شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى «يېڭى دەۋردىكى خىتايچە سوتسىيالىزم» نىڭ ئىدىيە ئاساسىنى يارىتىپ بەرگەن كىشى ئىكەن.
بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولغان سەي چى بېيجىڭدىكى «تۆۋەن كىرىملىك، تۆۋەن سەۋىيەلىك ئاھالىلەر» نى قوغلاپ چىقارغان ئەمەلدار بولۇپ، ئىلگىرى شى جىنپىڭنىڭ قول ئاستىدا سادىقلىق بىلەن ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆستۈرۈلگەن.
بۇ قۇرۇلتايدا خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيورۇسىنىڭ ئەزاسى بولغان جاڭ يوشىيا، خې ۋېيدۇڭ قاتارلىقلار شى جىنپىڭنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن ھەربىي ئەمەلدارلار ئىكەن. «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» نىڭ 26-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن خې ۋېيدۇڭ شەرقىي خىتاي ھەربىي رايوننىڭ باش قوماندانى بولۇپ، مەزكۇر ھەربىي رايوندا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەنگە ئەڭ يېقىن ھەربىي كۈچى جايلاشقانىكەن. شەرقىي دېڭىزدا جەڭ قىلىش ۋە تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشتا مول تەجرىبىگە ئىگە خې ۋېيدۇڭنىڭ بىراقلا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئۆستۈرۈلۈشى، شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن بۇ 6 دائىمىي ھەيئەت ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسەن شى جىنپىڭ بىر قوللۇق ئۆستۈرگەن سادىق ئەمەلدارلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ بۇرۇنقى ئەمەلدار ۋاڭ ياڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ يېڭى شەكىللەنگەن رەھبەرلىك گۇرۇھى «خىتاي چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان مۇكەممەل ئىتتىپاق» دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، «شى جىنپىڭ ئالىي قاتلامدىكىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ لى چياڭ ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ سەي چى تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ ئىبارىلەر شى جىنپىڭ گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ئىخچام ئىپادىلەپ بەرگەن بولۇپ، تىۋېتتېردا ئەڭ كۆپ ھەمبەھىرلەنگەن.
ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 24-ئۆكتەبىر كۈنى تىۋېت يوللاپ، شى جىنپىڭنىڭ مۇتلەق ھوقۇق ئىگىلىشىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ھەقىقىي تەھدىت بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭنىڭ بارلىق ھوقۇقنى ئىگىلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، ئۇ تولىمۇ ۋەھشىي بىر كوممۇنىست دىكتاتور. مانا بۇ ھەقىقىي تەھدىت، شۇڭا بىزنىڭ ئارمىيەمىز بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك».
«زېمىستان» تورىنىڭ دىرېكتورى ماركو رېسپىنتى (Marco Respinti) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قۇرۇلتايدىن كېيىن، شى جىنپىڭنىڭ تولۇق مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «20-قۇرۇلتايدىن كېيىن شى جىنپىڭ ماۋ زېدۇڭدىن كېيىنكى ئەڭ ھوقۇقدار بىرىگە ئايلاندى. ئۇ دېڭ شياۋپىڭ تۈزۈپ بەرگەن 10 يىللىق باش سېكرىتار بولۇش چەكلىمىسىنى بۇزۇپ، ئۆمۈرلۈك ۋەزىپىگە ئولتۇردى. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىدىكى باشقا گۇرۇھ ئادەملىرىدىن تۆتىنى سىياسىي بيرودىن چىقىرىۋەتتى، ھازىر ئۇنىڭ رىقابەتچىسى يوق. كەلگۈسى 5 يىلدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئادەملىرى. ئۇ كامېرانىڭ ئالدىدا خۇ جىنتاۋنى ئاخىرىقى يىغىندىن چىقىرىۋەتتى، بۇ ئارقىلىق خىتايغا ئۆزىنىڭ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ داۋاملىق ھۆكۈمرانلىق قىلىشى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن بىر شۇم خەۋەر. ئۇ يەنە جاھانگىرلىك غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنى داۋام قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھوقۇقى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك چوڭىيىپ كەتتى. بۇ، دۇنيا ئۈچۈن بىر تەھدىت».
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور (Anders Corr) رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا، شى جىنپىڭنىڭ داۋاملىق ھاكىممۇتلەق سىياسەت يۈرگۈزۈشىنىڭ خەتىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ تەقىپ-نازارەت تېخنىكىسىنى قوللىنىش، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ۋە ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇش ئارقىلىق، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان، جۈملىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىدىغان ئەشەددىي مۇستەبىت بىر دۆلەتكە ئايلاندۇردى. ئېچىنارلىقى شۇكى، پۈتۈن دۇنيا شى جىنپىڭنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە يول قويۇپ، ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ ھوقۇقدار ئادەمگە ئايلاندۇردى. ئەگەر دۇنيا خىتايغا ئىقتىسادىي ئىمبارگو قويۇش، چېگرا بېجىنى ئۆستۈرۈش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى قانچە ئۇزۇن داۋاملاشتۇرسا، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ، دۇنياغا خوجا بولۇش مەقسىتىگە يېتىشىنى توسۇپ قېلىشى شۇنچە تەس بولىدۇ».
دوكتور ئەركىن ئەكرەم شى جىنپىڭ باش بولۇپ قۇرۇپ چىققان بۇ رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.