رابىيە قادىر: «خىتاي سودا سارايلىرىمىزنى چېقىۋېتەلەيدۇ، ئەمما ئۇ سارايلارنى تىكلىگەن روھىمىزنى سۇندۇرالمايدۇ»
2024.12.12
2009-يىلى پېچەت سېلىنىپ تىجارەتتىن توختىتىلغان «رابىيە قادىر سودا سارىيى» نىڭ ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەندە چېقىلىشى جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بىز چېقىلىش سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. كۆپىنچە خادىملار سوئاللىرىمىزغا نەق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى. رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ ماڭلاي تەرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ مېۋىسى بولغان بۇ بىنانىڭ چېقىلىشىدىن كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى، ئەمما چۈشكۈنلەشمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى ھەمدە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك كىشىنىڭ ھەققىگە چاڭ سالغۇچىلارنىڭ جازاسىز قالمايدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار بىر خادىم، بىنانىڭ شەھەر قۇرۇلۇش پىلانى سەۋەبلىك چېقىلغانلىق ئېھتىمالىنى تىلغا ئالدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمى، رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ چېقىلىش سەۋەبىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشى ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 3 ئورگاندىن تەستىق ئېلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
مەزكۇر سودا ساراينىڭ چېقىلىشى ھەققىدە دەسلەپتە ئۇچۇر ئالغان زۇمرەت داۋۇت خانىممۇ، مەزكۇر ساراينىڭ چېقىلىشىغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رابىيە خانىمغا قارىتا داۋام قىلىپ كەلگەن ئەيىبلەش ۋە تەنقىدلەر سەۋەبلىك، كىشىلەرنىڭ ساراينىڭ چېقىلىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا پېتىنالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رابىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بىنانى چېقىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىگە بىر مەيدان كۈچ (ھەيۋە) كۆرسەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە «رابىيە قادىر» دېگەن نامنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنغان. رابىيە قادىر خانىم زوراۋانلىق كۈچىگە تايىنىپ سودا سارايلارنى چېقىۋەتكىلى بولىدىغانلىقى، ئەمما بىنانى بارلىققا كەلتۈرگەن ئۇيغۇرلاردىكى سودا ئېڭى، ئىگىلىك تىكلەش ئىرادىسى ۋە كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھىنى يوقىتالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رابىيە قادىر خانىم رادىيومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، خەلقئارا جامائەتكە خىتاب قىلىپ، «خەلقئارا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھەقلەر ئەھدىنامىسى» بويىچە، خىتاينىڭ، ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى غەيرىي ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە روناق تېپىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ ئەھدىنامىگە دەۋرلەردىن بېرى ئىزچىل خىلاپلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلەتتى. ئۇ يەنە خەلقئارا جامائەتتىن مەزكۇر سودا سارىيىنىڭ تارتىۋېلىنىشى ۋە چېقىلىشى، شۇنداقلا تۈرمىلەردە جازا ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر سودا-كارخانىچىلارنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.