خىتاي بىلەن رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئامېرىكا ئۈچۈن «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» تىن نەچچە ھەسسە مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەن (2)

0:00 / 0:00

«ئەرەب باھارى» ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان، بولۇپمۇ ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى (ISIS) قۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا شەرق يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش ۋە تېررورلۇق پاتقىقىغا پاتقاندا، تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 2014-يىل 8‏-ئايدا ئىككى تەرەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دىيالوگىنى باشلىغان. دىيالوگدا خىتاي تەرەپ «شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە تېررورچى دەپ مۇئامىلە قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.

2014-يىل خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئېلان قىلغان. مەزكۇر قانۇن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما خىتاينى زىيارەت قىلىش ھارپىسىدا مۇزاكىرىگە قويۇلغان بولۇپ، «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» 2015-يىل 3-ئايدا بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلغان ھەمدە خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نى باھانە قىلىپ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغانلىق ئېھتىمالىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. دەرۋەقە، خىتاي 2017-يىلدىن كېيىن «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەملىك باستۇردى، ئۆلتۈردى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى. مانا بۇلار خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈچۈن ئالدىن پىلان تۈزۈپ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نىقابىدا ئامېرىكانىڭ كۆزىنى بويىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

خىتاي 2003-يىلدىن باشلاپلا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ «خەلقئارا تېررورلۇققا زەربە بېرىش» سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ كەلگەن. 2020-يىلى ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىغا دائىر «يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بولمىغانلىقى» سەۋەبلىك ئۇنى «تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، خىتاي يەنىلا ئۇنى بار دەپ ئۆكتەملىك قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى داۋام قىلماقتا.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئىزچىل ھالدا پۇرسەتپەرەسلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەنچە خىتاي ئامېرىكانىڭ خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت دەپ قاراپ كەلدى. ھازىر بولسا ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قايرىپ قويۇپ، نىشاننى باشقا ياققا بۇرىدى. بۇنداق بولغاندا خىتايمۇ مەلۇم تەشكىلاتنى ئالدىراپ ‹تېررورلۇق تەشكىلاتى› دېيەلمەيدۇ، چۈنكى ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ. خىتاي بىلەن رۇسىيە، شۇنداقلا كۆپلىگەن دۆلەتلەر ھۆكۈمەتكە قارشى چىققان گۇرۇپپىلارنىڭ ھەممىسىنى تېررورچى دەپ ئاتاشقا خۇشتار. ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە مىللەت داۋاسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق بىلەن قارىلىنىپ كەلدى. مەلۇم جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى كۈچلەرنىڭ دىققىتى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشى ياخشى ئىش، ئەمما سىز بۇ ئىشتا ھەققانىي سەۋەبىڭىز بارلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. شۇندىلا ئۇلار سىزدىن پايدىلانمايدۇ، بەلكى سىز بىلەن مەنپەئەتلىرى بىر يەردىن چىقىدۇ».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ھازىر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتىگە قارشى ئوتتۇرىغا چىققان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى چۈشىنىپ يېتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن بىر خەلقئارا زېمىن ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا 2014-يىلدىن باشلاپ ئاساسلىق دىققەت مەركىزىنى «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» كە ئەمەس، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تەھدىتىگە قاراتقان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرلىشىپ، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈشى ئامېرىكانى «چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى» دە ئۇتۇپ چىقىشقا مەجبۇرلىغان مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالغان. تېررورچىلارغا زەربە بېرىشتە ئۇتۇق قازانغان ئامېرىكا، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان تەھدىتى ئالدىدا يېڭىدىن ھەربىي پىلان تۈزۈشكە باشلىغان.

«سۆھبەت» تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ يېڭى پىلانلىرىدىن بىرى، «ھەرىكەتچان قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش»، يەنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تېز سۈرئەتتە ئورۇنلاشتۇرۇش، قىسىملار ئالمىشىدىغان ۋاقىت جەدۋىلىنى تۈزمەسلىك بولۇپ، بۇنداق بولغاندا ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى «ئامېرىكا خالىغان چاغدا بىزگە ياردەمگە كېلىدۇ» دەپ خاتىرجەم بولىدىكەن. مەسىلەن، ھازىر ئامېرىكانىڭ 10 مىڭ ئەسكىرى پولشادا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەت قالمايدىكەن ۋە رۇسىيەنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا سېلىۋاتقان تەھدىتىگە قارشى تەييارلىق ھالەتتە تۇرىدىكەن. بۇنىڭدىن شەرقىي ياۋروپامۇ خاتىرجەم بولىدىكەن.

ئامېرىكانىڭ يەنە بىر پىلانى «كۆپ ساھە بويىچە جەڭ قىلىش» تاكتىكىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكا ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا، ئالەم بوشلۇقى ۋە تور بوشلۇقىدا ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىكەن، ئەمما بىرلىكتە پىلان تۈزۈپ بىرلىكتە مەشىق قىلىدىكەن. بۇنداق بولغاندا، ئۇلار بىرەر جايدا ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرگەندە ماسلىشىپ جەڭ قىلىدىكەن.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇنداق بىر تۇتاش ھەمكارلىقى سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان كۈچنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئەگەر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى خىتاينىڭ بىرەر تەھدىتىگە ئۇچرىسا، ئامېرىكا خىتاي بىلەن دېڭىزدا بىۋاسىتە جەڭ قىلماي تۇرۇپ، تور ھۇجۇمى ياكى ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىقلا خىتاي ئارمىيەسىنى پالەچ قىلىپ قويالايدىكەن. بۇ ئۇسۇل خىتاي ئارمىيەسىنى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشتا ئىككىلەندۈرۈپ قويغان مۇھىم سەۋەب ئىكەن. چۈنكى خىتاي ئەگەر ئامېرىكا بىلەن شىددەتلىك توقۇنۇشقا كىرىپ قالسا، ئامېرىكانىڭ تور ۋە ئالەم بوشلۇقى سىستېمىسى خىتاينىڭ ھەربىي ئالاقە سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ياكى ۋەيران قىلىپ، ئۇنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ قويىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا يەنە خىتاينىڭ كۈنسېرى كېڭىيىۋاتقان ھەربىي كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىلنى ھەربىي تېخنىكىلارغا ئىشلىتىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇ «نۇسخا كۆپەيتىش پىلانى» دەپ ئاتالغان. بۇ پىلاندا ئامېرىكا تەننەرخى تۆۋەن بولغان، سۈنئىي ئەقىل بىلەن باشقۇرۇلىدىغان ئايروپىلان ۋە كېمىلەرنى ياساپ ئۇرۇشقا سالىدىكەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور (Anders Corr) ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى ۋە كەلگۈسى ۋەزىيەت ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئافرىقىدا ‹پىللار ئېلىشسا، ئوت-چۆپلەر دەسسىلىپ ئۆلىدۇ› دەيدىغان ماقال بار. بۇ گەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا چۈشىدۇ. خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ توقۇنۇشى كەسكىنلەشكەنسېرى، ئۇيغۇرلارغا كېلىدىغان زەربىمۇ كۈچىيىپ ماڭىدۇ. كوممۇنىست خىتاي شىنجاڭنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن، ھەتتا شىنجاڭنىڭ قايتا مۇستەقىل بولۇپ، يېڭى›شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى› قۇرۇلۇشىدىن قاتتىق قورقىدۇ. ئەگەر خىتاي تەيۋەن ئۇرۇشىدا يېڭىلسا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىدىن تېخىمۇ قورقىدۇ. خىتاي ئارمىيەسى بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئاجىزلاپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى توپىلاڭنى بېسىقتۇرالماي قالىدۇ. ئەگەر بۇ توپىلاڭ چەت ئەلنىڭ ياردىمىگە ئېرىشسە ياكى بېيجىڭدا قايتىدىن كۈچلۈك بىر دېموكراتىيە ھەرىكىتى قوزغالسا، ئۇنى تېخىمۇ بېسىقتۇرالماي قالىدۇ. ئامېرىكانىڭ ئۆز دىققىتىنى قايتىدىن خىتايغا مەركەزلەشتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ غۇلاپ چۈشۈشىدىنلا ئەمەس، خىتاينىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىدىنمۇ قاتتىق ئەنسىرىمەكتە. سوۋېتنىڭ پارچىلىنىشىنى كۆرگەن خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولۇشىنى خالىمايدۇ».

دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يىرىكچىلىكلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان سۈركىلىش ۋە يۇمشاش ۋەزىيىتىنىڭ تەكرارلىنىشى بۇ ھالنىڭ رېئاللىقتىكى ئىنكاسى شەكلىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي تەرەپمۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئومۇمىي ئەھۋالىدىن ياخشى خەۋەردار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتىمۇ «ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈش» پىرىنسىپى بويىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.