ئامېرىكا بىخەتەرلىك ۋە نازارەتچىلىك كەسپى تەتقىقات گۇرۇپپىسى IPVM، شاڭخەينىڭ «چوڭ سانلىق مەلۇمات» تۈرى ھەققىدە ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتى ئارقىلىق ئاشكارىلىشىچە، 2023-يىلى 3-ئايدا، شاڭخەي سۇڭجياڭ رايونىدىكى دائىرىلەر، «شاڭخەي جۇيى تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ 315 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى ساقچى «چوڭ ساندان» يۇمشاق دېتال تۈرىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
سۇڭجياڭ 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىسى بار شاڭخەيدىكى ئەڭ چوڭ رايونلارنىڭ بىرى.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، سوڭجياڭ ساقچىلىرى شاڭخەينىڭ كەڭ كۆلەملىك ساقچى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى رەتلەش ئارقىلىق، ئوخشىمىغان تۈردىكى كىشىلەر ھەمدە ۋەقەلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىغان 26 «مودېل» ياساۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل مودېلنىڭ بىرى «شاڭخەيگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنى بايقاش» بولۇپ، بۇ شەھەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئاپتوماتىك تېپىۋالىدىكەن. ئىچكىرى خىتايغا كەلگەن ئۇيغۇرلار نەگىلا بارسا تەقىب-نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدىكەن ۋە دائىم ساقچىلارنىڭ سوئال-سوراقلىرىغا دۇچ كېلىدىكەن.
بۇ تۈر ھازىرچە پەقەت سۇڭجياڭ رايونىغا قارىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ شاڭخەيدىكى بارلىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ «رەقەملىك ئۆزگەرتىش» ئۈچۈن سىناق ئەندىزىسى (样板) بولۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
شاڭخەي خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولۇپ 25 مىليون ئاھالىسى بار. دېمەك خىتاينىڭ بۇ سىستېمىسى مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، ئۇنى قالغان شەھەرلەرگىمۇ تەدبىقلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
IPVM نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاللىقاچان مەملىكەت مىقياسىدا سىن ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە «ئۇيغۇر ئاگاھلاندۇرۇش» سىستېمىسى بار.

ئامېرىكا بىخەتەرلىك ۋە نازارەتچىلىك كەسپى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تەييارلىغان چارلېس روللېت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، شاڭخەينىڭ سودا-ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان، چوڭ پورت شۇنداقلا چەتئەل مۇخبىرلىرى كۆپرەك شەھەر بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك يېڭى تېخنىكىلىرىنىڭ سىناق مەيدانى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
«شاڭخەي ساقچىلىرىنىڭ بۇ خىل ئىز قوغلاش نازارەت سىستېمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نىشانلىشىغا كەلسەك، بۇ خىل سىستېما دۇنيانىڭ باشقا جايلاردىمۇ بار بولسىمۇ، لېكىن مەخسۇس بىر ئىرق ياكى بىر ئېتنىك گۇرۇپپىنى ئايرىم نىشانلىغان ئەھۋال يوق. شاڭخەي ساقچى سىستېمىسىنىڭ باشقا ھېچقانداق مىللەتنى ئەمەس، پەقەت ئۇيغۇرلارنى نىشانلاپ سۈزۈپ، تەقىب قىلىشى بولسا، ئىنتايىن ئېغىر ئىرىقچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە. بۇ يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلارغا ئوخشىمىغان ھەر قانداق باشقا ئىرق ياكى ئېتنىك گۇرۇپپنىمۇ شۇنداق ئايرىپ تەقىب قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ تولىمۇ خەتەرلىك».
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى چاتاق چىقىرىدىغان بىر گۇرۇپپا دەپ ئايرىپ نازارەت قىلماقتا. خىتاي ساقچىلىرى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۆزىتىلىپ نازارەتكە ئۇچراپ كەلمەكتە. ئالاھىدە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرىدىغان ئىنسانلار. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىمىز، 2017-يىلى دوكلات ئېلان قىلىنغىنىمىزدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل نازارەت سىستېمىسى ئاستىدا ئايرىم كاتېگورىيە بويىچە نىشانلىق نازارەت قىلىنىدىغانلىقىى ئىسپاتلانغان. ئۇلارنىڭ ئايروپىلان ياكى پويىز بېلەتلىرىنى ئالغاندا قاتتىق تەكشۈرۈلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مېھمانخانىلانى تېپىشى ۋە تۇرۇشى مۈشكۈل بولۇشتەك بىر قاتار قىيىنچىلىققا يۈزلىنىشنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل نازەرەت سىستېمىسىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ بىر خىل ۋاسىتىسى قىلىپ كەلگەن».
ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان مۇخبىرلار خىتاينىڭ رادارى ئاستىدا
خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ب د ت تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن چەتئەللىك مۇخبىرلار نازارەت قىلىنىدۇ، پاراكەندىچىلىككە ھەتتا ھۇجۇمغا ئۇچرايدىكەن.
ئۇلار ئاشكارىلىغان شاڭخەي ساقچىلىرىنىڭ 26 خىل نازارەت مۇدېلىنىڭ يەنە بىرى «ئالاھىدە خادىملارنى كۆرسىتىپ بېرىش مودېلى» ئىكەن. يەنى بۇ مودېل تۈرى-چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر رايونىغا بارىدىغان ئايروپىلان ياكى پويىزنىڭ بېلىتىنى زاكاز قىلغان ھامان ئاپتوماتىك بەلگە بېرىدىكەن.

خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىنىڭ 2021-يىلدىكى دوكلاتىدا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشقا بېرىش ۋە ئۇ يەردىن دوكلات بېرىش «ئالاھىدە قىيىن» دېيىلگەن. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2021-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان ژۇرنالىستلارنىڭ %88 ى ئۆزلىرىنىڭ ساقچىلارنىڭ ئارقىسىغا كىرگەنلىكىنى، دائىم پۇقراچە كىيىنگەن ئەرلەر تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
%44 كىشى ئۆزلىرىنىڭ زىيارىتىنىڭ بىۋاسىتە نازارەت قىلىنغانلىقى ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.
%34 كىشى ئۇيغۇر دىيارىدا تارتقان سۈرەت ياكى سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە مەجبۇرلانغان.
چارلېس روللېت، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنىڭ يالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ خۇشال ئۇسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، شىنجاڭدا خۇددى ھەممە ئىشلار نورمال، كېلىپ ساياھەت قىلىڭلار دېگەن تەشۋىقاتنى قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بىز بۇ شاڭخەي ساقچىلىرىنىڭ نازارەت سىستېمىسىنى ئېلان قىلدۇق. بۇ دوكلاتىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكرارلاپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. ئەگەر راست خىتاي ئېيتقاندەك بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇ جايغا بارغان چەتئەل مۇخبىرلىرى نازارەت قىلىنىدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنى كۆزىتىپ نىشانىغا ئېلىشى، ئۇنىڭ چەتئەل ئاخباراتلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ دوكلاتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى. بولۇپمۇ ئۇلار، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەقىقەتنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. شۇڭا، چەتئەل مۇخبىرلىرىنى ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىرىدەك كونترول قىلالمىسىمۇ، ئۇلارغا ئەگىشىش، ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى ۋە ھاياتىغا پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇش ئارقىلىق توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە».
خەۋەردە، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىگە، «تېلېگراف گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى 2021-يىلى دوكلات بېرىش سەپىرىدە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلىكى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى، يەنى ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرغانلىقىى مىسال ئېلىنغان.
«تېلېگراف گېزىتى» نىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى
سوفىا يېن (Sophia Yan) 2022-يىلى دېكابىردا خىتايدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ 2021-يىلى 6-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانىدى.
ھالبۇكى سوفىيە يېن، پاراكەندە قىلىش ۋە تەھدىت قىلىشتا ئۇچراپ خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان تۇنجى چەتئەل مۇخبىرى ئەمەس.
2012-يىلىدىن باشلاپ 6 يىل «بازفىد» (Buzz Feed) قاتارلىق چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن مېخا راجاگوپالان (Megha Rajagopalan)
2018-يىلى يازدا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا، شۇ يىلى ئاۋغۇستتا خىتايدىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىلگەنىدى. ئۇ ئۇيغۇر رايونىدا خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتلەرنى كەڭ-كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى قۇرغانلىقى ھەققىدە تەييارلىغان تەكشۈرۈش دوكلاتى بىلەن-2021 يىلى خەلقئارا پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى جون سۇدۋورس، ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاينىڭ ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ خەۋەر ئىشلەپ غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، تەھدىتكە ئۇچرىغان ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى كۆزلەپ خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى.
ئۇيغۇرلارنى ئىز قوغلايدىغان قېلىپ ئارقىسىدا-ئالى بابا
بۇ ئاخبارات دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى ئالى بابا شىركىتى ساقچىلارغا «ئۇيغۇرلارنى تونۇپ بېرىش تور بوشلۇقى مۇلازىمىتى» بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇنى ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئىرقىي كەمسىتىشكە مۇناسىۋەتلىك سۈنئىي ئەقىل دېتاللىرىنى تەتقىق قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ مەلۇم مىللەتكە قارىتىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ 26 خىل مودېلنىڭ ئىشلىشى ئۈچۈن، بۇ سىستېما شاڭخەينىڭ ساقچى بۇلۇت سۇپىسى بىلەن بىۋاسىتە ئۇلىنىدۇ، ئۇ خاسلاشتۇرۇلغان ئالى بابا بۇلۇتىدا ئىجرا بولىدۇ.
شاڭخەينىڭ ئالى بابا ساقچى بۇلۇتىدا (پەقەت سۇڭجياڭ رايونىلا ئەمەس) 34 خىل سانلىق مەلۇماتنى زىيارەت قىلىشقا بولىدىكەن، ئۇلار چەتئەللىكلەر توغرىسىدىكى ئاساسلىق ئۇچۇرلار، مېھمانخانا تەكشۈرۈش، كىرىش-چىقىش ئۇچۇرلىرى، تۆمۈر يول زاكاز ئۇچۇرى، ئاساسلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار، پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە زاكاز ئۇچۇرى قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك شەخسى ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئالى بابا بۇلۇتى سىچۈەننىڭ چىڭداۋ، شەندۇڭ ۋە نېيجياڭدا ساقچىلارغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بۇلۇت تۈرىنى قۇرغانلىقىمۇ ئاشكارىلانغان.
خىتاينىڭ بۇ تەقىب-نازارەت مودېلىنى ئېكسپورت قىلىش ئېھتىماللىقى بار
IPVM نىڭ مۇخبىرى چارلېس روللېتتىن شاڭخەي ساقچىلىرىنىڭ بۇ نازارەت سىستېمىسىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق دۇنياغا قانداق سىگنال يەتكۈزۈشنى ئويلىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بۇ سىستېمىنى خىتاي باشقا دېكتاتور دۆلەتلەرگە يەنى چەتئەل ئاخباراتلىرىنى ياقتۇرمايدىغان ھۆكۈمەتلەرگە ئېكسپورت قىلىش ئېھتىمالى بار. ياكى ئۇلار خىتاينىڭ بۇ سىستېمىسىدىن ئۈلگە ئېلىپ، غەرب ئاخبارات مۇخبىرىنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشىنى تېخىمۇ مۈشكۈللەشتۈرىدۇ. شۇنداقلا، خىتاي ئۇلارغا دۈشمەن كۆرگەن ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇشنىڭ سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ مەسىلىنىڭ جىددىيىتىنى تونۇپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم».
خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى IPVM غا ئالى بابانىڭ بۇ ھەمكارلىقنى تاشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش تۈرى» نى قوللىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ بۇ خەۋەردە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلاردىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن خىتاي تەرىپىدىن بۇ خىل نازارەت مودېلىنى (قېلىپىنى( باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن. چۈنكى بىرىنچىدىن، ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى شەخسى ئۇچۇرلارنى مەخپىي تۇتۇش ھەق-ھوقۇقى بار، بۇ ھەق-ھوقۇق شۇكى، ھۆكۈمەتلەر پۇقرالىرىنىڭ بۇ خىل ئۇچۇرلىرىغا دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈچى بىلەن ئېرىشىشكە توغرا كەلسە، بۇ ئۇچۇرنىڭ ئىگىسى بىلگەن ئەھۋالدا، پەقەت مۇقەررەر بىر قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولۇش، سەۋەبى ئېنىق، ئالىدىغان ئۇچۇر ئىنتايىن تىپىك بولۇش، ئىشلىتىش ۋە ئۆچۈرۈش ۋاقتى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولۇشتەك، بىر قاتار شەرتلەر ئاستىدا بولغاندا، بۇ خەلقئارا ئۆلچەمگە لايىق ئىشلىتىلگەن بولىدۇ».
مايا ۋاڭ سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلدى:
«ئەپسۇسكى نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر بۇ خىل سىستېمىنى ئىمپورت قىلغىنىدا، بۇ شەرتلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا رىئايە قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي شىركەتلىرى ئىشلىگەن بۇ خىل سىستېمىلار ئىنتايىن ئەرزان ۋە ئىنتايىن كەڭرى. ئۇلار بۇ نازارەت قېلىپىنى خالىغانچە ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ھۆكۈمەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ پۇقرالارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ئېغىر ھالدا دەخلى-تەرز يەتكۈزەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى-تەرز قىلىش بارغانچە خەلقئارالىشىدۇ. خىتاي شىركەتلىرىدىن باشقا يەنە، ياپونىيە، ئىسرائىلىيە، ياۋروپا دۆلەتلەردىكى يۇمتال شىركەتلىرىنىڭمۇ بۇ خىل نازارەت سىستېمىلىرىنى ئىشلەۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇڭا بىز بۇ خىل نازارەت سىستېمىسىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە يەنىمۇ زور تەھدىتلەرنى ئېلىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە ئۇنى چەكلەيدىغان خەلقئارالىق بىر ئۆلچەمگە موھتاجمىز».
