ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچى پونكىتلىرى ئەمدىلىكتە «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ بىخەتەرلىكى» گە ماسلاشتۇرۇلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.06.12
Xoten-ayrodurum-saqchi-ponkiti-social_media خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ ئالدىدىكى ساقچى پونكىتى
Social media

خەلقئارادا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن يېقىنقى مەزگىللەردە «شىنجاڭ ساياھەتچىلىك» نى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرماقتا ئىدى.

5-ئايدا خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەتچىلىكى مەخسۇس پىلانىنى ئېلان قىلىپ، رايوندا ساياھەت نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىش، مۇلازىمەت ۋە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 27-ماي كۈنى، تۇرپاندا ئۆتكۈزگەن «2024-يىللىق ئاپتونوم رايون ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چوڭ يىغىنى» دىمۇ، ئۇيغۇر رايونىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر تەلپۈنىدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرۇش چاقىرىقى ئېلىپ بارغانىدى.

خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاشنى مەقسەت قىلغان بۇ «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» ئىستراتېگىيەسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ياۋروپادىكى دۆلەت پارلامېنتلىرى ھەم كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ ئاتىلىپ، چەت ئەل ساياھەت شىركەتلىرى ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت تەشكىللىمەسلىككە چاقىرىق قىلىنىپ كېلىنمەكتە ئىدى،

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇر رايونىغا جەلپ قىلىشنى كۈچەيتكەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، يەنى ئۆتكەن ئاي ئۇيغۇر دىيارىنى كۆزدىن كەچۈرگەن خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» نى «نورماللاشتۇرۇش» نى تەكىتلىگەنىدى. دەرۋەقە خىتاينىڭ رايوندىكى ساياھەتچىلىكنى كۈچەيتىش بىلەن تەڭ ساياھەت ۋە مەنزىرە رايونىدىكى نازارەت مېخانىزمىنىمۇ كۈچەيتكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى باشقۇرۇشىدىكى، «قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كۈندىلىك خەۋەرلىرى» نىڭ 29-ماي تارقاتقان، «شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ‹ساياھەت ساقچىسى›دا» يېڭىلىق يارىتىپ، ‹ساياھەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش پونكىتى› ماركىسىنى ياراتتى» ناملىق خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل يەنى 2024-يىلى ساياھەتچىلىك يۇقىرى دولقۇنى باشلانغان ياز پەسلى كىرىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن «ساياھەت ساقچىسى»، «ساياھەتنى بىرلىكتە قوغداش» تىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە ھەرىكەتنى يولغا قويۇشقا باشلىغان.

خەۋەردە: «ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساقچىلار ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ساياھەتچىلەرگە، مەنزىرىلىك جايلار ۋە مەنزىرىلىك رايون خىزمەتچىلىرىگە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ساياھەتچىلەرنى ئاڭلىق ھالدا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلەيدۇ، قانۇنغا رىئايە قىلىدۇ ۋە تالاش-تارتىشلارغا يولۇققاندا ھوقۇقىنى مۇۋاپىق قوغدايدۇ. . بۇ يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش ھەم مەنزىرىلىك جايلاردا ساياھەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن قانۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېيىلگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە نۆۋەتتە ئاساسلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدا «ساياھەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش پونكىتى» ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ پونكىتلار ساياھەت قاراۋۇل سىستېمىسى بىخەتەرلىك چارلاش ساقچىسى ۋە باشقا كۆچمە ئايلانما خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇشنىڭ بىر خىل باشقۇرۇش ئورنى ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر رايونىغا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 265 مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، 2024-يىلى كېلىدىغان ساياھەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى شۈبھىسىزكى شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يەنە بىر سىناق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كۈندىلىك خەۋەرلىرى» دە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر قايسى ساياھەت نۇقتىلىرىغا سەپلەنگەن ساياھەت ساقچىلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ «بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى يەنە مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەنزىرىلىك جايلاردا ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىلىرىنى قۇرغاندىن باشقا، بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمى ئورنىتىش، مەنزىرە نۇقتىلىرىدىكى زىددىيەت ۋە تالاش-تارتىشلارنى تەكشۈرۈش ۋە ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، مەنزىرە ئورۇنلىرىدىكى يوشۇرۇن بىخەتەرلىك خەۋپىنى تېزدىن بايقاش ۋە «بىخەتەرلىك كاپالىتى» بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.

«مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب قىلىش سىستېمىسىنىڭ مېخانىزمىنى ئېچىپ كۆرسىتىپ بەرگەن ئاپتور ۋە ئالىي تەتقىقاتچى جېففىرىي كېيىن (Geoffrey Cain)، ئۆزىنىڭ رادىيومىزغا-11 ئىيۇن ئەۋەتكەن يازما ئانالىزىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، يۇقىرىقىلار، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋام قىلىشى ئۈچۈن غايەت زور سەرمايە ئاجرىتىپ قۇرغان ساقچى پونكىتلىرىنى بىكار قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن، گەرچە ھازىر ھەر قەدەمدىكى «ساقچى پونكىتى» نى ««ساياھەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش پونكىتى» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يەنىلا يەرلىك خەلققە قورقۇنچ سېلىشنى ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

جېففىري ئەپەندى مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويغان:

«خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئالدىنقى نەچچە ئون يىلدا تىبەت خەلقىگە ئوخشاش ئىستراتېگىيەنى قوللانغان. بىر رايون تاشقى دۇنياغا تاقىلىپ قالغاندا، ئۇ يەردە ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بارلىق جىنايەتلەردىن گۇمان پەيدا قىلدۇرىدۇ. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى ساياھەتچىلەرگە رايوننى ئاچقاندا، بۇ يەردە ھەممە ئىشلار ياخشى دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇ جايدا ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ساياھەتچىلەرگە ئەركىن ۋە دوستانە، ئېسىل يېمەكلىك ۋە ۋېلىسىپىتتە ساياھەت قىلىشتا كۆڭۈلدىكىدەك جاي سۈپىتىدە كۆرۈنۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ‹بىر خەلقنى ئۆز مىللىتىدىن زېرىكتۈرۈپ، باشقىلارغا ھەۋەسلەندۈرۈش› نىڭ بىر شەكلى. ئۇلار بۇ ساقچىخانىلارنى‹ساياھەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش پونكىتى› دەپ ئۆزگەرتىش قىلىش ئارقىلىق، ئۇنى دۇنياغا باشقىچە دوستانە ئوبرازدا كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ھەر قانداق چەت ئەللىك ساياھەتچى ئۇلارغا يېقىنلىشىپ ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ، بۇ، ئۇلارنىڭ پەقەت ساياھەت ساقچىسى ئىكەنلىكىدەك تەسىر بېرىدۇ. ئەمما ھەقىقەت تېخىمۇ قەبىھ. بۇلار، بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقنى نازارەت قىلىش ۋە ئېزىش ئۈچۈندۇر. بۇ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قورقۇنچ سېلىشنى قانۇنلاشتۇرىدىغان يەنە بىر ھىيلىسى».

دەرۋەقە يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىغا ساياھەتكە بارغان بىر خىتاي زىيارەتچىنىڭ خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا «شىنجاڭغا قورقماي ساياھەتكە كېلىڭلار، بۇ جاي دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ بىخەتەر ساياھەت مەنزىلى» دەپ تەشۋىق قىلىپ تارقاتقان قىسقا سىنىدا، ئۇ ئۈرۈمچىدە ھەر 50 مېتىردىن يۈز مېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر ساقچىغا مەلۇم قىلىش پونكىتىنى كۆرگەنلىكىنى، باغچە، تۈرلۈك ماللار ماگىزىنلىرى، ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ كىرىپ چىقىشىدا تولۇق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

بىز ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردىكى ئاتالمىش «ساياھەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ساقچى پونكىت» لىرىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئىزچىل ئېلىنمىدى.

بۇ خىل بىخەتەرلىك ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىلىرى سەپلەنگەن كىچىك تىپتىكى ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ئىلگىرى «خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىدە 2016-يىلى، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر رايونىغا پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇشتا قوللانغان ئەڭ نۇقتىلىق بىخەتەرلىك تەدبىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان، شۇنداقلا ھەر يۈز مېتىر ياكى بىر قانچە يۈز مېتىر ئارىلىقتا بىردىن سېلىنغان بۇ خىل پونكىتلارنىڭ، 2016-يىلىدا ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدىلا 949 نى قۇرۇش پىلانلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا دائىرىلەر «قولايلىق ساقچى پونكىتى» نىڭ ساقچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك سىگنالىنى ئېلىپ، بىر مىنۇتقىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، يەنى 54 سېكۇنتتا نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەنلىكىدەك تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىمۇ تەشۋىق قىلغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، ئاتالمىش «خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى» نىڭ ھەجمى 120 كىۋادرات مېتىر، 80 كىۋادرات مېتىر، 40 كىۋادرات مېتىر دېگەندەك بىرقانچە تۈر ۋە ئۆلچەملەرگە ئايرىلىپ ياسالغان. تاملىرىغا سۈزۈك ئەينەك ئىشلىتىلگەن. بۇ، ساقچىلارنىڭ 24 سائەت ئەتراپنى كۆزىتىپ تۇرالىشى، يوچۇقسىز چارلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كونترول قىلىشى ۋە جىددىي ئەھۋالنى تېز بىر تەرەپ قىلىشىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ لايىھەلەنگەن ئىكەن.

«قانۇن بىلەن باشقۇرۇپ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل كىچىك تىپتىكى ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ئوخشىمىغان جايلاردا يەنە باشقا-باشقا ناملاردا ھەم ۋەزىپىسىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. «قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كۈندىلىك خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، كورلا باغراش ناھىيەسىدىكى 218-نومۇرلۇق تاشيول بىلەن شىخەي يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىدا، «شىخەي خەرىتە ساقچىسى» دېگەن بەلگىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. بۇ جايدا ساقچىلارغا يۈرۈشلۈك زاپچاسلار ۋە قولايلىق بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى بار بولۇپ، بۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى باغراش كۆلى مەنزىرە رايونىدا تەسىس قىلغان قاتناش مۇلازىمەت پونكىتى بولۇپ، بىخەتەرلىك تەشۋىقاتى، «دۆلەتلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى» دېتالىنى چۈشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قولايلىق مۇلازىمەت ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارلىقى ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى تەكشۈرۈشكە بېرىشىدىن ئىلگىرى 2019-يىللىرىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانىڭ كۆزىنى ئالداش ئۈچۈن بۇ خىل ئاتالمىش «خەلققە قولاي ساقچى پونكىتلىرى» نىڭ بەزىلىرىنى بىكار قىلغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتى ساقلاپ قىلىنىپ، قولايلىق دۇكان ياكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

ئۇنداقتا، رايوندا يېقىنقى 7 يىلدا بىرمۇ تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى دەپ جار سېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە نېمە ئۈچۈن يەنە ساياھەت نۇقتىلىرىدا ئاتالمىش ««ساياھەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش پونكىتى» نى ئىشقا كىرىشتۈردى؟

بۇ ھەقتە رادىيومىزدا پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ماجۈ ئەپەندى، ساياھەت نۇقتىلىرىدا ئىشقا كىرىشكەن ئاتالمىش «ساياھەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش پونكىتى» نىڭ، خىتاينىڭ ھازىرقى ساياھەت ئارقىلىق قىرغىنچىلىقنى پەردازلاش سىياسىتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان شەكلى-ئۆزگەرتىلگەن ساقچى پونكىتلىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

«بىز خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يىللاردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. بىز يېقىندا يەنە ئۇنىڭ رايوندا ھەر 50، 100 مېتىرغا قۇرغان ساقچى پونكىتلىرىنى بىكار قىلىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدىكى بەزى مەلۇماتلارنىمۇ ئاڭلىدۇق، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بۇ ساقچى پونكىتلىرىنى بىكار قىلىشى، ئۇنىڭ ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى، بۇ ھەرگىزمۇ رايوندىكى تەقىبنى بىكار قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. خىتاي ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلىشنى داۋام قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىش ئۇلارنى تەقىب قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھازىرقى نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھەدىكى ئىلغارلىرى يوق قىلىندى، سىياسەتكە قارشى چىققۇدەك جۈرئەتلىك كىشىلىرىمۇ ئاساسەن يوقىتىلدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ۋە روھىنى سۇندۇرۇشنى داۋام قىلىدۇ ۋە نازارەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇلاردىن كەلگۈسى قارشىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەقىب قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تېررور بىر ھاكىمىيەت، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى پىكىردىكى خىتايلىرىغىمۇ قاتتىق قوللۇق قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇلار ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنى بوش قويامدۇ؟ شۇڭا، خىتاي تەقىب سىستېمىسىدىكى بۇ خىل ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ئىسمىنى نېمە دەپ ئاتىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رايوندىكى مۇستەملىكىسىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ نىشانى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋەزىپىسى ئۆزگەرمەيدۇ.»

يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۈتۈن خىتاي جەمئىيىتىدىن، ئۇيغۇر ئېلىگە ئالاھىدە كۆپ ساندا ساقچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ساياھەت نۇقتىلىرىغا ياردەمچى ساقچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان،

«ساياھەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش پونكىتى» گە دائىر ئۇيغۇر رايونىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 2024-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ساقچىلارنىڭ ئالاقىسى، ساقچى-پۇقرالار ھەمكارلىقى ۋە ساقچى بىلەن يەرلىكنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ساياھەت نۇقتىلىرىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنزىرە نۇقتىلىرىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە چارلاش، ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەرلىك خەۋپىنى تۈگىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.