خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئاتالمىش «ساقچى مۇلازىمەت پونكىتى» نىڭ پاراكەندىچىلىكلىرى داۋام قىلماقتا
2023.07.10

يېقىندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى نيۇ-يورك شەھىرىدە مەخپىي ساقچى پونكىتى قۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئامېرىكا پۇقرالىقىدىكى ئىككى خىتاينى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رادىيومىز ئىنگلىزچە بۆلۈمىنىڭ 7-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا بۇ ئىككى كىشى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئامېرىكادىكى خىتاي پۇقرالىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «باستۇرۇش پائالىيەتلىرى» بىلەن شۇغۇللانغان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى (Safeguard Defenders) نىڭ 12-ئايدىكى دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە ۋە كورېيە قاتارلىق 53 دۆلەتتە ئاز دېگەندە 102 مەخپىي ساقچى پونكىتى قۇرغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «خىتاي گېزىتى» («China Daily») ئۆتكەن يىلى، خىتاينىڭ دۆلەت سىرتىدا جىنايەت سادىر قىلغان دەپ گۇمان قىلىنغان 230 مىڭ كىشى خىتايغا قايتىش ئۈچۈن «قايىل قىلىنغان» لىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.
2015-يىلى ئىيۇلدا تايلاند ھۆكۈمىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ چاقىرىقىغا قارىماي 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، تۈركىيە ۋە شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
مىسىردىكى ئۇيغۇرلار 2016-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ھالدا بېسىم ئىشلىتىشى بىلەن يۇرتلىرىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشقا باشلىغان بولسا، مىسىر تەرەپ يەنە 2017-يىلى ئىيۇننىڭ بېشىدىن باشلاپ ئەل ئەزھەر قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە قاھىرەدىكى 7-رايوننى مەركەز قىلغان جايلاردىكى نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئاختۇرۇپ تۇتقانىدى. مەزكۇر تۇتقۇنغا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭمۇ ھەمكارلاشقانلىقى، تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەتتا خىتاي ئەۋەتكەن ئۇيغۇر ساقچى خادىملارنىڭ سوراققا تارتقانلىقىدەك ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى لاۋر ا خارت (Laura Harth) خانىم خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان ساقچى پونكىتلىرى ھەققىدە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى ئېلخەت ئارقىلىق قوبۇل قىلدى.
ئۇ خېتىدە خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ساقچى مۇلازىمەت پونكىتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان قارا قولىنىڭ پەقەت «كۆرۈنگەن قىسمى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن: «خىتاينىڭ ئاتالمىش ‹چەتئەلدىكى ساقچى مۇلازىمەت پونكىتى›-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش خىزمەتلىرىدىكى پەقەت ‹مۇز تاغنىڭ كۆرۈنگەن قىسمى›. ئۇلارنىڭ خىزمىتى نازارەت قىلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش، ھەتتا ‹قاچقۇن› لارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئاتالمىش ‹چەتئەلدىكى ساقچى مۇلازىمەت پونكىتى› نىڭ خىتاينىڭ بىرلەشمە ئالدىنقى سېپى بىلەن ھەمكارلىشىپ ‹مەخپىي قايتۇرۇش› بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغا ئائىت ئوچۇق پاكىتلارنى بايقىغان. دېيىلگەندەك، ‹ساقچى پونكىتى› خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى كونترول قىلىش ۋە باستۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى. ئۇلار ھەتتا چەتئەلدىكى كىشىلەرنى يۇرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىغا تەھدىت سېلىش ۋە ئۇلارنى جازالاش ئارقىلىق كونترول قىلىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل پائالىيەتلەر نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنغان ۋە خاتىرىلەنگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ خىل شەكىلدە قارشىلىق كۆرسىتىشى دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلەرنىڭ ئاساسىي ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى.»
ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرىنى نىشان قىلىپ، ئۇلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا كەڭ كۆلەمدە قامىغان ۋە تۈرمىلەرگە سولىغان. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان «مەجبۇرىي قايتۇرۇش» ناملىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى مەخپىي ساقچى پونكىتلىرى چەتئەلدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە ئۆكتىچىلەرنى ئاساسلىق نىشان قىلغان. خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرى ئۆزىنىڭ جىنايى ئىشلار ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ، چېگرا سىرتىدىكى مەخپىي ساقچى پونكىتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان.
خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ژۇرنالىست، شۇنداقلا رادىيومىز ئىنگىلىزچە بۆلۈمى ئىختىيارى مۇخبىرى سۇ يۈتوڭ خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى ئېلخەت ئارقىلىق قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ مەخپىي ساقچى پونكىتلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق نىشانغا ئالىدىغانلىقى ۋە نازارەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇلار چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشىنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ، نامايىشچىلارنى مەخپىي سۈرەتكە تارتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالىدۇ. ھەتتا ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە قورقۇتۇش ۋە تەھدىت سېلىش ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلارنىڭ ماڭغان-تۇرغىنىنى پايلايدۇ. بۇ مەخپىي ساقچى پونكىتلىرى يەنە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا سىڭىپ كىرىش ئۈچۈن خادىم ئەۋەتىدۇ. توردا مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىدىغان گۇرۇپپا تەشكىللەپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىناۋەتسىز قىلىشقا تىرىشىدۇ. ھازىر ھوشيار بولۇشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى، ئۇلار يەنە پۇل-مەنپەئەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىن پايلاقچى سېتىۋالىدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى شىنجاڭدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش. ئۇلار مەخپىي ساقچى پونكىتلىرىنىڭ مەشغۇلاتى ئارقىلىق چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆزلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا زىيان سېلىشنى نىشان قىلىدۇ. ئەمما ياخشى يېرى شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ چەتئەلدىكى مەخپىي ساقچىخانىلىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن.»
خەلقئارا ئاخبارات قاناللىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل مەخپىي ساقچى پونكىتلىرىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ قۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئەمما خىتاي تەرەپ ئىزچىل ئۇلارنىڭ ساقچىخانا ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى يېڭىلاش قاتارلىق پۇقرالار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي (Christopher Wray) دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىغا ئۆزىنىڭ بۇ ئاشكارىلاشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. CNN خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئۇ، «خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا پونكىت قۇرغانلىقىنى ئويلاشمۇ كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ مەخپىي قىلمىشى ئامېرىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق، ئەدلىيە ۋە قانۇن سىستېمىسىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق» دەپ كۆرسەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ ھەقتە مەخسۇس توربېكەت قۇرغان. ئۇلار چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى، پايلاش، پاراكەندىچىلىك سېلىش، ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا يولۇققانلارنىڭ، بۇ خىل ئەھۋاللارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا دوكلات قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.