خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى مەخپىي ساقچىخانىلىرىنى تەكشۈرۈش داۋام قىلماقتا
2022.11.08
خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى 54 مەخپىي ساقچىخانىلىرىنىڭ 36 سى ياۋروپادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە جايلاشقان.
مەركىزى ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتىكى «مۇھاپىزەتچىلەر» ناملىق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بۇ يىل 9 - ئايدا «چەت ئەلدىكى 110» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 30 غا يېقىن دۆلەتتە 54 مەخپىي ساقچىخانا قۇرغانلىقىنى، بۇ ساقچىخانىلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئاخبارات توپلاش ۋە ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىشنىمۇ ئۆزلىرىگە ۋەزىپە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ياۋروپا دۆلەتلىرىدە زور غۇلغۇلىلارغا سەۋەبچى بولغان بۇ دوكلاتقا بىنائەن، ئىرلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پايتەخت دۇبلىندىكى خىتاي ساقچىخانىسىنى تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكى، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامىستېردام ۋە روتتېردامدىكى خىتاي ساقچىخانىلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقى، گېرمانىيە ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئالغان ئىدى.
7- نويابىر ئەنگىلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بۇ خۇسۇستا بىر ماقالە ئېلان قىلدى. «شەرمەندىلەرچە تاجاۋۇزچىلىق: خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ساقچىخانىسى كانادادا قارشىلىق كۆرسەتتى» ناملىق بۇ ماقالىدە كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى خىتاينىڭ 3 مەخپىي ساقچىخانىسىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى، خىتاينىڭ كانادادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈپ: «بۇلار ساقچىخانا ئەمەس، مۇلازىمەت پونكىتى، بۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلار پىدائىيلاردۇر، ھېچقانداق جىنايى ئىشلارنى تەكشۈرۈشكە ياكى ئالاقىدار خىزمەتلەرگە قاتناشمايدۇ» دېگەنلىكىنى بايان قىلدى. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ ئاتالمىش «مۇلازىمەت پونكىتلىرى» چەت ئەلدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ شوپۇرلۇق كېنىشكىسىنى يېڭىلاپ بېرىدىغان خىزمەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن. ئەمما خىتاينى كۆزەتكۈچىلەر «ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى مۇھاجىرلارنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىش» دەپ قارايدىكەن.
ماقالىدە خىتاينىڭ بۇ مەخپىي ساقچىخانىلىرىنىڭ خىتاي كپمپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن زىچ ئالاقىدار ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستېرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستېرى دۇ خاڭۋېي 2022 - يىلى 6 - ئايدا مۇشۇ ساقچىخانىلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا چەت ئەلدىكى 210 مىڭ خىتاي پۇقراسىنى «قايىل قىلىپ» يۇرتىغا قايتۇرغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. «مۇھاپىزەتچىلەر»نىڭ دوكلاتىدا بولسا «2021 - يىلى 4 - ئايدىن 2022 - يىلى 7 – ئايغىچە، ۋەتىنىگە قايتىشقا قايىل قىلىنغانلارنىڭ سانى 230 مىڭ كىشى بولغان» دېيىلگەن ئىدى.
كانادا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى، تاشقىي سىياسەت تەنقىدچىسى مىخائېل چوڭ بۇ ھەقتە توختالغاندا، «بۇ كانادانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان ۋە نەپرەتلەندۈرىدىغان تاجاۋۇزچىلىق، بولۇپمۇ بېيجىڭ بۇ پاكىتلارنى ئېتىراپ قىلغان ۋە بۇ ساقچىخانىلارنىڭ ئورنىنى دەلىللىگەندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق» دېگەن ۋە «خىتاينىڭ بۇ قانۇنسىز ساقچىخانىلىرى، مەسىلىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىقىدىن دالالەت بېرىدۇ» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.
ماقالىدە بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ مەخپىي ساقچىخانىلىرى بەزى خىتاي مۇھاجىرلىرىغا يېرىم كېچىلەردە تېلېفون ئۇرۇپ، «ئەگەر ھۆكۈمىتىمىز بىلەن ھەمكارلاشمىساڭ، ئائىلەڭدىكىلەر ئىشسىز قالىدۇ ياكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش لاگېرلارغا سولىنىدۇ» دەپ تەھدىت سالىدىكەن.
كانادادا ياشايدىغان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن مۇكەررەم قۇرباننىڭ بىلدۈرىشىچە، كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق بىر مەخپىي ساقچىخانىنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرى يوقكەن. ئەمما ئۇ بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تەھدىتلەرگە يولۇققانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«مۇھاپىزەتچىلەر»نىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، BBC ۋە «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» مۇخبىرلىرىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ مەخپىي ساقچىخانىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدا تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانىدۇق.
ئەجەبلىنەرلىكى، گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت، ئەنگىلىيەنىڭ لوندۇن ھەم گلاسگوۋ، فرانسىيەنىڭ پارىژ، شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولىم شەھەرلىرىدىكى ۋە ياۋروپانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدىكى خىتاينىڭ مەخپىي ساقچىخانىلىرىنى تەكشۈرۈشلەرنىڭ نەتىجىسى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنمىدى. ساقچىلار بۇ ھەقتە ئاخبارات ساھەسىگە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەردە ساقچىخانا قۇرۇشى ئىگىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىشقا چېتىلىدىغان مەسىلە بولغاچ ھەمدە بۇ مەسىلە غەرب دۆلەتلىرىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن بولغاچ، خىتاي بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتكە ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ھۆكۈمەتلەر مەسىلىنى يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
شىۋېتسىيە دائىرىلىرىمۇ پايتەخت ستوكھولىمدىكى خىتاينىڭ مەخپىي ساقچىخانىسىنى تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى تېخى ئاشكارىلانمىغان.
گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «سۈرەتلەر» گېزىتى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان «دىكتاتور ئۆز پۇخرالىرىنى دۇنيا مىقياسىدا ئوۋلىماقتا، بىزمۇ شۇ قاتاردا» ناملىق ماقالىغا «خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى ساقچىخانىلىرى، پەۋقۇلئاددە ھۇجۇمدا شەپقەتسىز تەدبىرلەر بىلەن مۇھاجىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئادالەتكە يۈزلەندۈرمەكتە» دېگەندەك قوشۇمچە ماۋزۇلارمۇ قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «چەت ئەللەردە ياشىسىمۇ، خىتاي پۇقرالىرى دۆلەتنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلالمايدۇ» دېيىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ مەخپىي ساقچىخانىلىرىنىڭ چەت ئەللەردىكى تەھدىتلىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن ئىدى.