خىتاينىڭ 2-ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-05-03
Share
ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي لاگېرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە.
Yettesu

خىتاينىڭ ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈپ يوقىتىش پىلانىنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئىجرا قىلىنىشى دەپ قارالماقتا. خىتايشۇناس تەتقىقاتچىلار كۆپلىگەن ماقالىلىرىدە خىتاينىڭ بۇ خىل زوراۋانلىق سىياسىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئۇنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە باغلايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن كوممۇنىست خىتاي «ھەممە مىللەت باراۋەر» دەيدىغان شوئارىدىن ۋاز كېچىپ، «خىتايدا جۇڭخۇا مىللىتىدىن ئىبارەت بىرلا مىللىي گەۋدە بولۇشى كېرەك» دېگەن ئىدىيەنى يېتەكچى قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بارلىق مىللەتلەرنى خىتايدىن ئىبارەت بىرلا مىللەتنىڭ داشقازىنىدا ئېرىتىپ يوق قىلىشنى پىلانلىغان. شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت ھېسابلاپ، ئۇزۇندىن بېرى تەھدىت ھېسابلاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى «تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش» ئۈچۈن فاشىزملىق باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇسۇلى قوللىنىشقا باشلىغان.

ئۆتكەن ئەسىردە سوۋېت قىزىل ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا 70 يىلىنى ئۆتكۈزگەن لىتۋا، لاتۋىيە، ئىستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى تەنقىدلەۋاتقان بولۇپ، مەتبۇئاتلىرىدىمۇ بۇ ھەقتىكى ماقالىلەرگە كۆپلەپ ئورۇن بەرمەكتە. يېقىندا ئىستونىيەنىڭ «خەلقئارا قوغدىنىش ۋە بىخەتەرلىك مەركىزى» تور بېتىدە ئىستونىيە تاشقىي سىياسەت ئىنستىتۇتى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى فرانك جۇرىس يازغان «خىتاينىڭ 2-ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى-كەڭ كۆلەملىك تەقىپ-نازارەت، تۇغۇتنى چەكلەش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ 2-ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلىنغان.

ئاپتور بۇ ماقالىسىدە مۇنداق يازىدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسى مىللىي مەسىلىنى خىتاينىڭ بىرلىككە كېلىشىدىكى توسالغۇ دەپ قاراپ كەلگەن، شى جىنپىڭ بولسا بۇنى تەيۋەن مەسىلىسى بىلەن ئوخشاش كۆرۈپ، ئۇنى بالدۇرراق بىر تەرەپ قىلىۋېتىشنى ئويلىغان بولۇشى كېرەك. شى جىنپىڭدىن ئىلگىرى يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن مىللىي سىياسەت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالغان سىياسەت بولۇپ، خىتاي ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى دەپ قارىغان. 2-ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى دۆلەت كىملىكىنى كۈچەيتىپ، مىللىي كىملىكنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈۋېتىشنى، يەنى مىللەتلەرنى ئېرىتىپ يوق قىلىشنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بېرىلىدىغان ئېتىۋارنى (مەسىلەن، ئالىي مەكتەپكە كىرىش، پىلانلىق تۇغۇت، تىل ئۆگىنىش قاتارلىق جەھەتتىكى ئېتىبارنى) ئازلىتىشنى، دۆلەت ئېڭىنى قوبۇل قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى قوبۇل قىلىش، خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش، سوتسىيالىزمنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت «تۆت خىل قوبۇل قىلىش» ئېڭىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان».

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى 1955-يىل «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنى تەقلىد قىلىش ئاساسىدا ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش مىللەتلەر سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلگەن. قارىماققا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بۇ سىياسەت خىتاينىڭ ئۈزۈلمەي داۋام قىلغان سىياسىي ھەرىكەتلىرى ۋە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا خالىغانچە دەپسەندە قىلىنغان. نىسبەتەن كەڭچىل بولغان مىللەتلەر سىياسىتى يۈرگۈزۈلدى دەپ قارالغان 80-يىللاردىمۇ، ئۇيغۇر رايونىغا كەڭ-كۆلەمدە كۆچمەن يۆتكەش، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرغان.

ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم خىتاينىڭ «1-ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» بىلەن «2-ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 1949-يىلدىن بۇرۇنلا مىللەتلەرگە مىللىي تېروتورىيەلىك ئاپتونومىيە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 1954-يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قۇرغان بولسىمۇ، 1984-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن مىللىي تېروتېرىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئېلان قىلغان. خىتاي گەرچە ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيەنى بەرمىگەن بولسىمۇ، قانۇن جەھەتتىن مىللىي تېرىتورىيەنى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىنى ئېتىراپ قىلغان. ‹2-ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى› دە بولسا خىتاي بۇ قانۇننى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بارلىق مىللەتلەرنى ‹جۇڭخۇا مىللىتى› دېگەن نام ئاستىدا بىرلا مىللەتكە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان».

ئاسىيە خانىم «2-ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» نىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «2000-يىللاردىن باشلاپ خىتاينىڭ مىللەتشۇناس ئالىملىرى ئارىسىدا مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يوق قىلىش ياكى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە مۇنازىرىلەر بولغان. ئاخىرىدا خىتاينىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، خۇ ئەنگاڭ قاتارلىقلارنىڭ ‹بارلىق مىللەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش› ئىدىيسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن».

يۇقىرىقى ماقالىدە ئاپتور يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت 2008-يىل لاسادا، 2009-يىل ئۈرۈمچىدە، 2011-يىل ئىچكىي موڭغۇلدا ۋەقە پەيدا قىلغان بولۇپ، ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئاقمىغان. شۇنىڭ بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى ‹بۆلگۈنچىلىك› مەسىلىسىنى كۆپتۈرۈپ، ‹2-ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى› نى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۇ مەسىلىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان». ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ سىياسەتنىڭ ئەڭ تىپىك ئىجراچىسى چېن چۈەنگو بولۇپ، ئۇ دەسلەپتە تىبەتنى، كېيىن ئۇيغۇر رايونىنى تۈرمىگە ئايلاندۇرغان؛ ئۇيغۇرلارنى يۇقىرى تېخنىكىلىق ‹بىر تۇتاش باشقۇرۇش سۇپىسى› بىلەن باشقۇرغان ۋە قەبھى ئۇسۇلدا باستۇرۇپ كەلگەن.

ئاسىيە خانىمنىڭ قارىشىچە «2-ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوچۇق جاكارلانمىغان بولسىمۇ، 2010-يىل 5-ئايدا ئېچىلغان بىرىنچى قېتىملىق «مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا ئۇنىڭ پىلانلىرى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان، 2013-يىلدىن كېيىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنى ھىتلېرغا ئوخشاش قارا نىيەت بىلەن رەسمىي ئىجرا قىلىشنى باشلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلغان لاگېرلار، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنلار، ئومۇمەن ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان شىددەتلىك ھۇجۇم ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملار ئەنە شۇ «سىياسەت» نىڭ قەدەممۇ قەدەم ئىجرا قىلىنىشى ھېسابلىنىدىكەن؛ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش ئۈچۈن بارلىق قەبھى ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىچىكىرى ئۆلكىلەرنىمۇ سەپەرۋەرگە كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە نەرسىسىنى تالان-تاراج قىلىشى، جىسمى ۋە روھىنى ئۆلتۈرۈپ قۇللۇققا مەھكۇم قىلىشى خۇ ئەنگاڭنىڭ «مىللەتلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ تۈگىتىش ئۈچۈن دۆلەت زۆرۈر تېپىلغاندا ئەڭ قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللانسا بولىدۇ» دېگەن ئىدىيەسىگە تامامەن ئۇيغۇن بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ چوڭ مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق پىلانىنىڭ تۈپ ئاساسى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت