خىتاي پائالىيەتچىلىرى: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى

0:00 / 0:00

2019-يىل نويابىردا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن S. 178 قانۇن لايىھەسى، يەنى «ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھەسى 3-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلۇپ، ئاۋام پالاتاسىدىن 407 ئاۋاز بىلەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۆتكەنلىكى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ نارازىلىق باياناتى بەردى.

خۇا چۈنيىڭ 3-دېكابىردىكى باياناتىدا «مەزكۇر قانۇن لايىھەسى شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلدى، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىك ۋە تېررورىزمغا قارشى تىرىشچانلىقلىرىغا قارا سۈركىدى. جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش سىياسىتىگە يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلدى. خەلقئارا مۇناسىۋەت قانۇن-نىزاملارغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى. جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. جۇڭگو تەرەپ بۇ قىلمىشقا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.» دېگەن.

خىتاي باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ يەنە 4-دېكابىر كۈنى مەلۇم مۇخبىرنىڭ ئۇنىڭدىن سورىغان «ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى يولغا قويۇلسا، خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق تەدبىر قوللىنىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا قارىتا جاۋاب بېرىپ «تاۋۇز تېرىساڭ تاۋۇز ئالىسەن، پۇرچاق تېرىساڭ پۇرچاق ئالىسەن دېگەن گەپ بار. ئەگەر ئۇلارنىڭ تەدبىرلىرى جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە، ئۇلار چوقۇم قايتۇرما زەربىگە ئۇچرىشى كېرەك، توغرىمۇ؟!» دېگەن تەھدىت سۆزلىرىنى ئىشلەتكەن.

4-دېكابىر كۈنى يەنە خىتاينىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى غوللۇق دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئايرىم-ئايرىم نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللىنىشىغا قارىتا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە قارىتا، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ خىل قاتتىق نارازىلىق باياناتلىرى ۋە ئامېرىكانى ئەيىبلەيدىغان ھەر خىل تېمىدىكى قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن تولغان بايانات ۋە ماقالىلەر 5-دېكابىر كۈنىمۇ تەڭرىتاغ، شىنخۇا ۋە باشقا خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنى قاپلىدى.

بۇ نارازىلىق باياناتلىرىدا، ئامېرىكانى ئەيىبلىگەندە، «ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى مەزكۇر قانۇننى ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، ئامېرىكا خەلقئارا قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلەر نىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلگەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاقلىنىپ، «زوراۋان-تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىش، ئەسەبى ئىدىيەلەرنىڭ يامرىشىنى توسۇش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكىنى قوغداشتىكى جىددىي ئېھتىياجىدۇر» دېگەندەك ئىبارىلەر قوللىنىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىن ئۆتكەن بۇ قانۇن لايىھەسى ۋە بۇنى قوللىغان دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى شۇنىڭدەك ئامېرىكانى قانداق ئەيىبلىسىمۇ، لېكىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى. بۇ قانۇن ئۇيغۇرلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە باشقىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

ئامېرىكادا ياشايدىغان خىتاي دېموكراتىك تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىمۇ مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەم ي رولىغا يۇقىرى باھالارنى بېرىشتى. خىتاي ۋەزىيىتىنى ئۇزۇندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر خىتاي پائالىيەتچىلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىن ئۆتۈشىگە قارىتا بۇ قەدەر قاتتىق نارازىلىقىنىڭ سەۋەبى، بۇ قانۇن لايىھەسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قانچە پەردازلىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئاشكارىلانغانلىقى، مەزكۇر لايىھەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە ئائىت پاكىتلارنىڭ ماددىلارغا بۆلۈنۈپ، بىرمۇ-بىر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا جاۋابكارلىق بولغان چېن چۈئەنگو قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ ئېنىق بايان قىلىنىشى قاتارلىق ئامىللاردۇر.

چەتئەللەردە خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆكتىچى تەشكىلاتلاردىن، ئامېرىكادىكى «پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى دوكتور ياڭ جيەنلى ئەپەندىمۇ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولغان ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ياڭ جيەنلى مۇنداق دېدى: «مەزكۇر قانۇننىڭ ئاۋام پالاتاسىدىن تولۇق ئاۋازدا ئۆتۈشى ئالدى بىلەن ئامېرىكانىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك قوللاش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى. بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، خىتاي شىنجاڭ دەپ ئاتايدىغان «شەرقىي تۈركىستان» دا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بارلىققا كەلگەن ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى قامىغان جازا لاگېرلىرىغا ئوخشايدىغان ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› غا قامىلىشى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدەك ئېغىر ۋەزىيەت دېسەك بولىدۇ. بۇ ئەھۋال دۇنيا بويىچە قاتتىق نارازىلىقنى قوزغىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئىنكار قىلىپ كەلگەنىدى. مانا بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا قوللانغان سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ دۇنيادا بازارغا سېلىۋاتقان ‹تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز›، ‹ئۇيغۇرلارنى تېخنىك مەكتەپلىرىدە تەربىيەلەۋاتىمىز› دېگەندەك تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى».

ياڭ جيەنلى ئەپەندى يەنە بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىدىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ چېن چۈەنگوغا ئوخشاش خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشتا ئەمەلىي ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يانتاياق بولغان خىتاي شىركەتلىرى ۋە خەلقئارادىكى خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسى بەزى يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەرگە قارىتا ئەمەلىي تەدبىرلەر قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ياڭ جيەنلى يەنە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتىپ، ئاخىرقى ھېسابتا ھازىرقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە ئاساس يارىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تونۇلغان ئوبزورچى، ئامېرىكادا خىتاي تىلىدا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىنىڭ ئامېرىكانىڭ ۋە خەلقئارانىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاپ، خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارىتا ئېلىنغان بىر ئەمەلىي تەدبىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. )ئاۋاز(

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ مەسىلىسى ئامېرىكانىڭ ۋە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىغا ئۇزۇن يىللار بولدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئالدى بىلەن ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا بولغان ئەيىبلىشىنى ئىپادىلىدى. چۈنكى بۇ قانۇن لايىھەسى بىر ئەمەلىي تەدبىر دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدا بىر قاتار تەدبىرلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ رولى ئىلگىرىكى ئاددىي ھالدىكى نارازىلىق باياناتلىرى ئارقىلىق ئەيىبلەشتىن كۆپ ھالقىپ كەتتى دېسەك بولىدۇ. مانا بۇ نۇقتىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى غەزەپلەندۈردى.»

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە ئامېرىكادا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ ئەلۋەتتە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىمۇ خىتايغا قارشى ئەمەلىي تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىغا تۈرتكە بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادا ياشايدىغان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، ئوبزورچى چېن پوكۇڭ ئۆز ئانالىزىدا مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان قاتتىق تەدبىرلەردىن باشقا يەنە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋازدا قوللاشقا ئېرىشىشى ۋە ئامېرىكانىڭ نەنسى پولىسى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئۆتكۈر ئەيىپلەشلىرىنىڭ خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. )ئاۋاز(

چېن پوكۇڭ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر قانۇن لايىھەسى خىتايغا نىسبەتەن بىر ئەجەللىك زەربە بولدى. چۈنكى، قانۇن لايىھەسى ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن چاغدىلا 407 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، بىر ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشىدەك مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتىكى ئاۋازدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. ئۆتكەن ھەپتە خوڭكوڭ ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىمۇ شۇنداق يۇقىرى ئاۋازدا ئۆتكەنىدى. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن جازالىنىدىغانلىقى ۋە ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنە نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ قىلغان مۇھىم سۆزلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن ئېغىر زەربە دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ دېگەن سۆزلىرىنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاشقا يېتەرلىك دېيىشكە بولىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمان خەلقلەرنى باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى يۈرگۈزۈپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇنلارنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىلدا يۈرگۈزگەن ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ لاگېرلارغا قامىشى، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى چەكلەش سىياسەتلىرى ھەققىدە، 23 ماددىغا بۆلۈنۈپ بىرمۇ-بىر ۋاقتى، ئورنى، گۇۋاھچىلىرى بىلەن قوشۇپ بايان قىلىنغان.