خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئارقىلىق قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرىنى «ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قايتا سىزىپ چىقىش» قۇرۇلۇشىغا قانداق غەرەزلەر  يوشۇرۇنغان؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىغان
2025.02.20
Deepseek-mingoy-tam-resim-qizil-1920 يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بېزەكلىك ۋە قىزىل مىڭئۆيلىرىدىكى بۇزۇلغان تارىخىي رەسىملەرنى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكا ئىشلىتىپ، «قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ سىزىپ چىقىش» قۇرۇلۇشىنى باشلىغان
Photo: RFA

يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بېزەكلىك ۋە قىزىل مىڭئۆيلىرىدىكى بۇزۇلغان تارىخىي رەسىملەرنى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكا ئىشلىتىپ، «قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ سىزىپ چىقىش» قۇرۇلۇشىنى باشلىغان.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 14-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، «چارلاش تۈرى 2024» نامىدا قىزىل مىڭئۆيلەردىكى ئىس-تۈتەك بىلەن قاپلانغان ۋە تولۇق بولمىغان تام رەسىملەرنى سۈنئىي ئەقلىي بىلەن پەرقلەندۈرۈپ تاماملاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە رەسمىي يولغا قويۇلغان. «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 18-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى ئىشلىتىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بۇ قىممەتلىك بايلىقلارنى تېخىمۇ قوغداپ ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك تەشۋىق قىلىپ دۇنياغا نامايان قىلىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مەقسەت قىلغان.

نۆۋەتتە DeepSeek ،ChatGPT ۋە Doubao قاتارلىق سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ئۇلارنى ھەر ساھەدە كەڭ كۆلەملىك قوللىنىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش» نامىدا يولغا قويغان قىزىل مىڭئۆيلەردىكى بۇزۇلغان تارىخىي رەسىملەرنى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئىشلىتىپ «قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ سىزىپ چىقىش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەن سەپسەتىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋاسىتە بولۇپ قېلىشىدىن، شۇنىڭدەك مەزكۇر مىڭئۆي سۈرەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» تەشۋىقاتنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە داخىل بولغان شىۋېيتسارىيە دۆلەتلىك تېلېكوم شىركىتىنىڭ بۇلۇت تېخنىكا مەسلىھەتچىسى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكا ئارقىلىق بۇزۇلغان تام رەسىملىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈش تېخنىكا ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ رەسىملەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى رولى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بېزەكلىك ۋە قىزىل مىڭئۆيلىرىدىكى بۇزۇلغان تارىخىي  تام رەسىملىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت ۋە ئارخېئولوگىيە مەكتىپى بىلەن رەقەملىك شىنجاڭ سانائەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، پۈتۈن قۇرۇلۇش بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدىكەن.  بۇ تۈرنىڭ رەقەملىك مەدەنىيەت تەجرىبىخانىسىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ۋاڭ چاۋياڭنىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» گە بىلدۈرۈشىچە، بۇ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكا تۈرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تەرەققىي قىلغان تېخنىكىلارنىڭ شىنجاڭغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيا مىقياسىدا تەشۋىق قىلىنىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنىڭ «شىنجاڭ ئەندىزىسى» نى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتچىسى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىزىل مىڭئۆيلەردىكى بۇزۇلغان تارىخىي رەسىملەرنى خىتاينىڭ نۆۋەتتە تەرەققىي قىلغان سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، تۈپ نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ تۈر قۇرۇلۇشنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئۇيغۇر تارىخىي قىزىل مىڭئۆيلىرىدىكى تام رەسىملىرىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بەزىبىر سىمۋوللۇق بەلگىلىرىنى قوشۇپ ئۆزگەرتىۋېتىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.

زۇلھايات ئۆتكۈر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىزىل مىڭئۆيلىرىگە ئوخشاش بىر يۈرۈش بېزەكلىك تام رەسىملەر ئەزەلدىن تارتىپ ھېچبىر دەۋردە ھەقىقىي تۈردە قوغدىلىپ باقمىغان.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» دا ئېيتىلىشىچە، بۇ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكا قوراللىرى زور مىقداردىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقىنى رەقەملەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە 3D ئۆلچەملىك قايتا قۇرۇش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ بۇزۇلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن رېمونت قىلىپ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قىممەتلىك تارىخىي يادىكارلىقلارنى دۇنياغا مۇكەممەل تونۇشتۇرالايدىكەن.

ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا زور مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجرىتىشىدىكى غەرەزلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قىزىل مىڭئۆي تارىخى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەققىدە نۇقتىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان گېرمانىيەدىكى تۈركولوگ، دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە داخىل بولغىنىدا، خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن بىرى بولغان قىزىل مىڭئۆيلەردىكى بىباھا قىممەتلىك يادىكارلىقلارنى تېخىمۇ ۋەيران قىلىش گىردابىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ «چارلاش تۈرى 2024» نامىدا يولغا قويغان بۇ قۇرۇلۇشىنىڭ تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى.

دىققەت تارتىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، «خىتاي خەۋەرلەر تورى» دا «چارلاش تۈرى 2024» نامىدا قىزىل مىڭئۆيلەردىكى تام رەسىملەرنى سۈنئىي ئەقلىي ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ تېڭشۈن گۇرۇھىنىڭ (腾讯) مەدەنىيەت بىلەن تېخنىكا  بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى رەقەملىك تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۈرى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ 1998-يىلى قۇرۇلغان تېڭشۈن گۇرۇھى 2025-يىلى 1-ئايدا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ھەربىي ئىشلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمانلىنىپ،  جۇڭگو ھەربىي شىركىتى قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان پاي چەك كونترول شىركىتىدۇر.

كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرىنى «ئەسلىگە كەلتۈرۈش» قۇرۇلۇشى، نۆۋەتتە تۈرلۈك ئەندىشە ۋە گۇمانلارنى كۈچەيتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.