تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو: «ئامېرىكا خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتنى قەتئىي ھەل قىلىشى كېرەك»
2025.02.14

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولغانىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ پاناماغا قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن پانامانىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» دىن چېكىنىپ چىقىشى ۋە ھەمدە پاناما قانىلىدىكى ئىككى پورتنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قولغا ئېلىۋالغان خوڭكوڭ شىركىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانىدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بۇ سەپەردىن كېيىن ئامېرىكادىكى تونۇلغان ژۇرنالىست مەگين كەللىي (Megyn Kelly) نىڭ پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەت ئەندىزىسى، مۇھىم كۈن تەرتىپلىرى ۋە يۆنىلىشى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ سۆھبەتتە ترامپنىڭ «ئالدى بىلەن ئامېرىكا» دەپ ئاتىلىۋاتقان سىياسىتىنىڭ مەنىسى ۋە ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلىي توختالغان.
ئۇ سۆھبەتنىڭ باشلىنىشىدا مەگين كەللىي خانىمنىڭ «ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ تولىمۇ مۈشكۈل پەيتتە تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ بىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قانداق دىپلوماتىيە يۈرگۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقى؟» ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ.
ماركو رۇبىيو سۆزىدە ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيەسىنىڭ «ئالدى بىلەن ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىقىش قىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇنى ئىزاھلاپ «ھەرقانداق دۆلەت ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ سىياسەت يۈرگۈزسىمۇ، بىراق ئامېرىكانىڭ سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى بىردىنبىر كۈچلۈك دۆلەت بولۇشىنىڭ ئۇنىڭ خۇددى يەرشارى ھۆكۈمىتىدەك ھەرىكەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى» تەكىتلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«مېنىڭچە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكا شۇنداق بولۇپ قالدى. ئەينى چاغدا بىز دۇنيادىكى بىردىنبىر قۇدرەتلىك كۈچ بولغاچقا، بىز بۇ خىل مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىۋالدۇق. نۇرغۇن ئەھۋاللاردا يەر شارى ھۆكۈمىتىگە ئايلىنىپ، ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇندۇق. دۇنيادا قورقۇنچلۇق ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ بىزنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىمىزگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدىغان قورقۇنچلۇق ئىشلار بار، ئەمدى بىز دۆلەت مەنپەئەتىمىزنى قايتىدىن ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك.»
ماركو رۇبىيو سۆزىدە ھازىر يەرشارىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا شەكىللەنگەنلىكىنى، ئەڭ بېشىدا خىتاي، ئۇندىن قالسا رۇسىيە ۋە ھەمدە شىمالىي كورېيە، ئىران قاتارلىق «خەتەرلىك» دۆلەتلەر بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«ھازىر يەرشارىدىكى ھاياتلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە نۇرغۇن دۆلەتلەر بار. شۇڭا بىز ئىمكانقەدەر قوراللىق توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەقىقىي تىرىشىشىمىز كېرەك، ئەمما ھەرگىزمۇ دۆلەت مەنپەئەتىمىزنى قۇربان قىلماسلىقىمىز كېرەك. شۇڭا بۇ ساقلاش ناھايىتى قىيىن بولغان تەڭپۇڭلۇقتۇر.»
ژۇرنالىست مەگين كەللىي خانىم ماركو رۇبىيو ئەپەندىدىن: «رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنى 4 يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا قانداق بىر ۋەزىيەتتە؟» دەپ سورايدۇ. ماركو رۇبىيو بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، «رۇسىيە ۋە خىتاينى 4 يىل ئىلگىرىكى ھالىتىدىنمۇ كۈچىيىپ كەتتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي ھەققىدە مۇنداق دېدى:
«مەن نۇرغۇن ئەھۋاللاردا رەقىبلىرىمىزنىڭ يېقىنقى تۆت يىلدا تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى دەيمەن. ئەلۋەتتە رۇسىيە ئۆزىنى تۆت يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئاجىز دەپ قارىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ھازىر پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىرىنچى قېتىملىق ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندا قولىدا بولمىغان زېمىنلارنى كونترول قىلدى. ھىندى-تىنچ ئوكياندا ھەر كۈنى كۆرىسىز - پەقەت تەيۋەن ئەمەس، فىلىپپىنمۇ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ زومىگەرلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاينىڭ زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مەجبۇرلاش تاكتىكىسىنى پەقەت يېقىن قوشنا دۆلەتلىرىدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. خىتاينىڭ دۇنياغا بولغان تونۇشى شۇكى، ئۇلار ئۆزىنى 2035-2050-يىللىرىغا بارغاندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۈچكە ئايلىنىمىز، دەيدۇ. ئۇلار كاللىسىدا ‹بىز مۇتلەق ھالدا قەد كۆتۈرىمىز، ئامېرىكانىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى مۇقەررەر. غەرب ۋە ئامېرىكا چېكىنىۋاتىدۇ، › دەپ ئويلايدۇ. ئۇلارچە بولغاندا، غەرب دېگەن، بولۇپمۇ ئامېرىكا دېگەن چارچاپ قالغان، خەجلىنىپ تۈگىگەن ۋە مۇقەررەر چېكىنىش يولىدا كېتىۋاتقان سابىق كۈچتىن ئىبارەت.»
مەلۇم بولۇشىچە، ماركو رۇبىيو ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن يەنى ئالدىنقى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. ئىككى تەرەپنىڭ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تارقىتىلغان خىتايچە ئوقۇشلۇقتا ۋاڭ يىنىڭ ماركو رۇبىيوغا «مەن سىزنىڭ قائىدىگە ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئەمما بۇنىڭدا تاللانغان خىتايچە سۆزلەر بولسا ئادەتتە خىتايچىدا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ياكى خوجايىنلار خىزمەتچىلىرىگە بۇيرۇق بەرگەندە ئىشلىتىدىغان سۆزلەر تاللاپ قوللىنىلغان ئىكەن. خىتايچە ئوقۇشلۇقتا خۇددى خىتاي تەرەپ ماركو رۇبىيونى ئاگاھلاندۇرغاندەك بىر كەيپىيات يارىتىلغانلىقى ئامېرىكا ئاخباراتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى. رىياسەتچى مەگين كەللىي خانىم ماركو رۇبىيودىن شۇ قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتىدە ھەقىقەتەن شۇنداق تەلەپپۇزدا سۆز بولۇنغان-بولۇنمىغانلىقىنى سورايدۇ. ماركو رۇبىيو بولسا بۇنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭ دائىم مۇشۇنداق سۆز ئويۇنى ئوينايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپتىم. بەزىلەر ماڭا شۇنداق دېدى. مانا بۇ - ئۇلار (خىتاي) دائىم ئويۇن ئوينايدىغان ئىككى ئىشنىڭ بىرى. بىرىنچىسى، ئۇلار مۇشۇ خىل سۆھبەتلەرنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى ۋە خىتايچە تەرجىمىسىنى چىقىرىدۇ. بۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. مەن ۋاڭ يى بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتىمىزدە ناھايىتى قىسقا ۋە ئۇدۇل قىلىپ، ‹سىز خىتاينىڭ مەنپەئەتى بويىچە ئىش كۆرىسىز، مەن بولسام ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى بويىچە ئىش كۆرىمەن. بىز ئىككى چوڭ كۈچ، ھەمكارلىشىدىغان يەردە ھەمكارلىشىمىز، ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ئىدارە قىلىمىز ۋە بۇ ئارقىلىق ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت كەپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز› دېدىم. تېلېفون سۆھبىتىمىزدە تەرجىمان ماڭا ئۇنداق تەلەپپۇزدىكى بىر جۈملىنى تەرجىمە قىلمىغان. بىراق ئۇلار مانا بۇ ئويۇننى چىقىرىپتۇ. ئۇلار (خىتاي) بۇنداق ئويۇنلارنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەگەر راست شۇنداق دېگەن بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا مەنمۇ ئۇنىڭغا ‹سەنمۇ ھەددىڭدىن ئاشما› دېگەن بولار ئىدىم. ئەمما ئۇنداق گەپ بولمىدى. ئەڭ بولمىغاندا ماڭا تەرجىمان ئۇنداق دەپ تەرجىمە قىلمىدى.»
ماركو رۇبىيو سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلغان:
«بىزگە كەلگەن ئىنگلىزچە تېكىستكە قارىسىڭىز ئۇنداق گەپ يوق. بۇ تولىمۇ ئەخمىقانىلىك ۋە مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلماسلىق. بۇ يەردە ھەقىقىي مۇھىم بولغىنى بىزنىڭ ئالىدىغان قارارلىرىمىز. خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنى خالايدۇ، بىراق ئۇلار بىزنىڭ مەغلۇبىيىتىمىز بەدىلىگە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كويىدا. بۇ بىزنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىمىزگە ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىمىز. ئەلۋەتتە بىز ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايمىز، بىراق قانداقلا بولمىسۇن بىز بۇنى ھەل قىلىمىز.»
رىياسەتچى مەگين كەللىي خانىم سۆھبەت داۋامىدا پاناما مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىدۇ. ئۇ، ماركو رۇبىيودىن پاناما قانىلى مەسىلىسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئاڭلىغۇچىلارغا يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ماركو رۇبىيو پاناما قانىلىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولغانلىقىنى مۇنداق دەپ ئىزاھلايدۇ:
«خوش، ئۇلار (خىتاي) پانامانىڭ ھەممىلا يېرىدە. بىر قانچە يىل ئىلگىرى، پاناما تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، ئۇنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە بېيجىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشقا قارار قىلدى. . . نەتىجىدە خىتاينىڭ كۆپلىگەن قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىمۇ بىللە ئەپ كەلدى. ئۇلار ئاساسلىق مەبلەغ سالغان تۈر بولسا پاناما قانىلىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرى ۋە ئىككى قىرغىقى بولدى. بەزى كىشىلەر بىلىپ-بىلمەي ‹بۇ، خىتاي ئەمەس، خوڭكوڭنى بازا قىلغان شىركەت› دەپ، تالاش-تارتىش قىلىدۇ. شۇنداق، خوڭكوڭغا جايلاشقان شىركەت دېگەنلىك، خىتاينىڭ شىركىتى دېگەنلىك. بۇ ByteDance ۋە TikTok ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارغا ئوخشايدۇ، خوڭكوڭ ھازىر ئاپتونومىيەسىنى يوقاتتى، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە دېسە شۇنى قىلىدۇ. ئەگەر بىرەر توقۇنۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا پاناما قانىلىنى تاقاشنى بۇيرۇسا، ئۇلار چوقۇم شۇنداق قىلىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۇلارنىڭ شۇ خىلدىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانى بارلىقىغا يۈزدەيۈز ئىشىنىمەن. مانا بۇ بىزگە بولغان بىۋاسىتە تەھدىت.»
ماركو رۇبىيو پاناما قانىلىنىڭ ئەينى چاغدا ئامېرىكا تەرىپىدىن نۇرغۇن مەبلەغ ۋە نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىنىپ قۇرۇپ چىقىلغانلىقىنى، مىڭلىغان ئامېرىكالىقلارنىڭ بۇ قۇرۇلۇشتا جان بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ ۋە سۆزىگە مۇنداق داۋام قىلىدۇ:
«بۇ بىر تېخنىكالىق دېتال. ئەمەلىيەتتە خىتاي پاناما قانىلىدىكى قاتناشقا توسقۇنلۇق قىلماقچى بولسا، شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە قىلالايدۇ. بۇ بىر پاكىت. مېنىڭ قارىشىمچە بولسا، بۇ (ئامېرىكا-پاناما ئىمزالىغان) شەرتنامىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. پىرېزىدېنت ترامپمۇ مانا بۇنى تەكىتلەۋاتىدۇ. بۇ بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدۇ. بىز بۇ قانالنى ياساش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ تۆلىگەنلىكىمىز ۋە نۇرغۇن جانلارنى پىدا قىلغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇ دۆلەت مەنپەئەتىمىزگە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىز ياسىغان قانالنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىمىزگە قارشى كوزىر ۋە قورال بولۇپ قېلىشى توغرا ئەمەس.»
مەگين كەللىي خانىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيودىن «ئۇ ھالدا بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى نېمە؟» دەپ سورايدۇ. ماركو رۇبىيو بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، «پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ قانالنى باشقۇرۇش ئارزۇسىنىڭ ئېنىقلىقىنى، گەرچە پانامالىقلار بۇنىڭدىن بەك مەمنۇن بولمىسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ پاناما بىلەن بۇ مەسىلىدە كېلىشىشكە تىرىشىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:
«مەن بۇ مەسىلىنى تېزرەك ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پاناما قانىلىنىڭ يادرولۇق رېئاللىقىنىڭ ئورنىنى تېگىشكىلى بولمايدۇ. بىز ھېچقانداق چەتئەل كۈچىنىڭ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ پانامادا بۇنداق يوشۇرۇن كونترول قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇشىغا يول قويالمايمىز. بۇنىڭ داۋاملىشىشىغا زادىلا يول قويالمايمىز.»
مەگين كەللىي خانىم بۇنىڭ بىلەن ماركو رۇبىيودىن «سىزچە بىز بەك قاتتىق قول بولۇپ كەتسەك، پانامانى خىتاينىڭ قوينىغا تاشلاپ بەرگەندەك ئىش بولۇپ قالارمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ماركو رۇبىيو بولسا بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكانىڭ ئۇنداق ئويلايدىغان ۋاقتى قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«مەن سىزگە بۇ قانالنىڭ ئاللىقاچان خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى دېيەلەيمەن. ئەمدى بۇنداق قاراپ ئولتۇرساق بولمايدۇ. باشقا دۆلەتلەر خىتاي تەرەپكە ئۆتۈپ كەتمىسۇن، دەپ دۆلەت مەنپەئەتىمىزنى قايرىپ قويساق بولمايدۇ. بۇ، دۆلەت مەنپەئەتىمىزگە خىلاپ. . . بىزنىڭ پاناما ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ناھايىتى ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتىمىز بار، مەن بۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمەن. ئەمما بىزنىڭمۇ يادرولۇق مىللىي مەنپەئەتىمىز خەتەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلار بۇنى چۈشىنىشى كېرەك. . .»
مەگين كەللىي خانىم ماركو رۇبىيونىڭ سۆزىگە ئۇلاپ: «پانامالىقلار مەسىلىنىڭ پاناما بىلەن ئالاقىسى يوقلىغىنى بىلىشى كېرەك. ئۇلار بۇ تەھدىتنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ھېس قىلالماسلىقى مۇمكىن. سىز بۇ ھەقتە ئۇزۇندىن بېرى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ كەلگەن ئىدىڭىز، سىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىڭىزنى جەزملەشتۈرۈش ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ‹ئەگەر خىتاي ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىگە ئېرىشىۋەرسە، 10 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ھاياتىمىز پۈتۈنلەي ئۆزگىرىشى مۇمكىن، بۇ ئىنتايىن دىراماتىك، دېگەن ئىدىڭىز» دەيدۇ. ماركو رۇبىيو بۇنى تەستىقلاپ سۆزىگە مۇنداق داۋام قىلىدۇ:
«بىز ئىلغار تېخنىكىلىرىمىزنى ياخشى كۆرىمىز ۋە ئۇنى توختىماي ئىلگىرىلىتىشىمىز كېرەك. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھالقىلىق مىنېرال ماددىلارغا ئېھتىياجلىق. ئاليۇمىن، كوبالىت دېگەندەك. ئەمما نېمە بولىدۇ، دېسىڭىز ئۇلار (خىتاي) دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ كان ئېچىش ھوقۇقىنى سېتىۋالىدۇ، ئۇنى قېزىش ھوقۇقىنىلا ئەمەس، بەلكى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سانائەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكىچە كونترول قىلىۋالىدۇ. بىز بۇنىڭ بىر مىسالىنى كوۋىد مەزگىلىدە كۆردۇق. پۈتۈن ماسكىلار خىتايدا ياسالغان بولغاچقا ماسكا تاپالمىدۇق. بىز سانائەت ئىقتىدارىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق. . ئەمدى بۇنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇلار بۇنى كوزىر قىلىپ ئىشلىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ئاللىبۇرۇن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە ھالقىلىق مىنېرال ماددىلارغا ئېكسپورت كونترولىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت سالدى. گەپنى يىغىپ كەلگەندە، ئەگەر خىتاي خام ئەشيا ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىۋالىدىغان بولسا، بىزنى ئىقتىسادىي جەھەتتە تولۇق كونترول ئاستىغا ئېلىۋالىدۇ، دېگەن گەپ. مانا بۇ بىز ھازىر قاراپ مېڭىۋاتقان دۇنيا. مەن خاتا دەپ قويغان بولۇشۇم مۇمكىن، بەلكىم 10 يىلدا ئەمەس، بەش يىلدىلا شۇنداق ئاقىۋەت كەپ چىقىشى مۇمكىن.»
بۇنىڭ بىلەن مەگين كەللىي خانىم: «بۇ، ھەقىقەتەنمۇ مۈشكۈل ئەھۋال ئىكەن، پىرېزىدېنت ترامپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ، شۇنداققۇ؟ لېكىن قارىسىڭىز ئۇنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كېلىپ قاتناشتى. قارىغاندا، ترامپ ئۆزىنىڭ بۇ ئويۇننى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئوينىشى لازىملىقىنى بىلىدۇ. بىز ئۇرۇش پەيدا قىلىشنى خالىمايمىز، ئەمما بەك ئۇزۇن ۋاقىت پاسسىپ ھالەتتە قالغانلىقىمىزنى بىلىمىز، شۇنداققۇ؟» دەپ سورايدۇ. ماركو رۇبىيو بۇنىڭغا «شۇنداق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ ۋە سۆزىگە مۇنداق داۋام قىلىدۇ:
«خىتايغا كەلگەندە مەسىلىنىڭ ئىككى يۈزى بار، مەن پەقەت بىرنى تەسۋىرلىدىم، يەنى ئۇلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتىمىزگە ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر تەھدىتى. يەنە بىرى، مەيلى قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاينىڭ بىر چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكى ۋە بىزنىڭ ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۆتۈشىمىزدىن ئىبارەت. مەن ئەمەلىيەتتە بۇنى ئۇلارنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن سۆزلەشكەندىمۇ دېگەن، ھازىر بۇ يەردە ئاممىغىمۇ ئوچۇق دەيمەن. كەلگۈسى 21-ئەسىرنىڭ تارىخى ئاساسەن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ قانداقتۇر ئۇلار بىلەن ئارىلاشمايمىز، دەيدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىشىمىز بىمەنە. . . بىراق ئارىلىشىش بىلەن ئېتىبار بېرىش ئىككىسى ئوخشىمايدىغان ئىككى نەرسە. كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى شۇكى، 25 ياكى 30 يىلدىن بېرى، بىز خىتاينى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ داۋاملىق ھالدا ناھەق ئىشلارنى قىلىشىغا يول قويدۇق. بىز ئۇلار سودىدا ئالدامچىلىق قىلسىمۇ، تېخنىكىمىزنى ئوغرىلىسىمۇ مەيلى دېدۇق، بەرىبىر بېيىغاندا بىزگە ئوخشاش دۆلەت بولىدىغۇ-دېدۇق. ئۇلار باي بولدى، ئەمما بىزگە ئوخشىمىدى، ھازىر ئۇلار بۇ ئادالەتسىز پايدىغا داۋاملىق ئېرىشىشنى خالاۋاتىدۇ. بىز مانا بۇنى توختىتىشىمىز كېرەك.»
مەگين كەللىي خانىم يەنە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيودىن يەنە، قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولغان گرېنلاندىيە (Greenland) مەسىلىسىنى سورايدۇ. ماركو رۇبىيو ئەپەندى گرېنلاندىيەنىڭمۇ خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىش خەۋپىدە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«خوش، شىمالىي قۇتۇپ ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بەك تارتمىغان، ئەمما شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى ۋە شىمالىي قۇتۇپ رايونى بۇندىن كېيىن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ترانسپورت لىنىيەسى بولۇپ قالىدۇ، پىرېزىدېنت ترامپ دەۋرىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ بىر قىسمىنى توشۇشمۇ مانا بۇ يولغا تايىنىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك توشۇش يولى بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردىكى بىر قىسىم مۇزلار ئېرىپ كەتكەچكە، بۇ يول بارغانسېرى قولايلىشىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئۇنى قوغدىشىمىز كېرەك. ئەگەر سىز خىتايلارنىڭ ھازىرغىچە قىلغانلىرىغا دىققەت قىلسىڭىز، بۇنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۇلار شىمالىي قۇتۇپتىكى كۈچ ئەمەس. شۇڭا ئۇلار شىمالىي قۇتۇپتا سەھنىگە چىقىدىغان بىر يەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. بىز خىتاينىڭ پاناما قانىلىدا ۋە باشقا جايلاردا قىلغانلىرىنى ئاخىرى بېرىپ گرېنلاندىيەدە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۇلار خىتاي شىركەتلىرىنى نىقاب قىلىپ تۇرۇپ ئۇ يەرگە ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ شىركەتلەر قوش مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ-يەنى، توقۇنۇش يۈز بەرگەن پەيتتە، ئۇلار بۇ ئەسلىھەلەر بىلەن مەشغۇلات قىلالايدۇ. بۇ ئەھۋالنى ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئېيتقاندا ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»
مەگين كەللىي خانىم ماركو رۇبىيودىن «دانىيە ئۆزى ئۇلارنى توسىيالمامدۇ؟» دەپ سورايدۇ. ماركو رۇبىيو دانىيەنىڭ ئۇنداق قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ:
«پىرېزىدېنت ترامپنىڭ دېمەكچى بولغىنى دەل شۇ. دانىيە خىتاينى توسالمايدۇ. ئۇلار ئامېرىكاغا تايىنىدۇ. دانىيە بىلەن بىزنىڭ مۇداپىئە كېلىشىمىمىزگە ئاساسەن ئەگەر گرېنلاندىيە ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ئۇنى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار. بىز گرېنلاندىيەنى قوغداشقا مەجبۇر ئىكەنمىز، نېمىشقا ئۇ يەردە يۈز بەرگۈسى ئىشلارنى ئالدىن كونترول قىلمايمىز. ئەلۋەتتە مەن بۇنىڭ دانىيە ئۈچۈن نازۇك تېما ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ئۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىدۇر.»
ماركو رۇبىيو سۆزى داۋامىدا، ھازىر پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ دانىيە باش مىنىستىرى بىلەن گرېنلاندىيەنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنى ھەم ئامېرىكا ئۈچۈن ھەم دانىيە ئۈچۈن مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش قولاي بولمىغان مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما پىرېزىدېنت ترامپ ئۈچۈن ئەپ ئېيتقاندا ھەل قىلىنىشى زۆرۈر بولغان مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو مەگين كەللىي خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى داۋامىدا يەنە، ئامېرىكانىڭ مېكسىكا ۋە كاناداغا قويغان تاموژنا بېجىنىڭمۇ ۋاسىتىلىك ھالدا خىتاينىڭ مېكسىكىغا قۇرۇۋالغان شىركەتلىرى، ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى يەنى خىتايغا تاقابىل تۇرۇپ، بۇ دۆلەتلەرنى تەدبىر قوللىنىشقا قىستاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسى ۋە شۇنىڭدەك NATO ھەققىدىكى مەيدانىنىمۇ شەرھلەپ ئۆتكەن.