سابىق دىپلومات كەرىم شەرىف: «خىتايلار مېنى باش ئەگدۈرەلمەيدۇ»

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.04.09
kerem-sherif-2 1990-يىلى شىۋېتسارىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاينىڭ پاكىستاندىكى سابىق دىپلوماتى كەرىم شەرىف ئەپەندى ب د ت دا يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلىدە چۈشكەن سۈرەت. 2018-يىلى، جەنۋە.
RFA/Ekrem

7-ئاپرېل 470 مىڭ مۇشتەرىسى بولغان شىۋېتسارىيەنىڭ «بلىچك» ناملىق كۈندىلىك گېزىتىدە «خىتاي مېنىڭ زۇۋانىمنى ئەتمەكچى» ناملىق بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى. «خىتاينىڭ شىۋېتسارىيەگە ئۇزارغان قولى: ئۇيغۇر كەرىم شەرىف» ناملىق قوشۇمچە ماۋزۇ قويۇلغان بۇ خەۋەردە، 1990-يىلى شىۋېتسارىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاينىڭ پاكىستاندىكى سابىق دىپلوماتى كەرىم شەرىفنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق بىر زاماندا خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە ئۇچراش قىسمەتلىرى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتە رېستوران ياكى مەدەنىيەت جەمئىيەتلىرى نىقابىغا ئورىنىۋالغان خىتاي ساقچى پونكىتلىرى تورلاشقان بىر سىستېما شەكلىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، گەرچە شىۋېتسارىيەدە خىتاي ساقچى پونكىتلىرى بولمىسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئۇزارغان قارا قوللىرى ھازىر شىۋېتسارىيەگە قەدەر ئۇلىشىپ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە تەھدىتلەر شەكىللەندۈرمەكتە ئىكەن. بۇنىڭ قۇربانلىرىنىڭ بىرى، سابىق دىپلومات كەرىم شەرىف ھېسابلىنىدىكەن.

كەرىم شەرىفنىڭ خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللەردىن بۇيان د ئۇ ق نىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىسى بولۇپلا قالماي، يېقىن مەزگىللەردە شىۋېتسارىيەنىڭ ئاخبارات قاناللىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلغانلىقى ئىكەن. كەرىم شەرىف خىتايلارنىڭ ئەركىن پائالىيەت زېمىنىغا ئايلىنىپ قالغان شىۋېتسارىيەدە يا «خىتايغا سېتىلىپ جاسۇسلۇق قىلىشقا» ياكى «ئاغزىنى يۇمۇپ جىم تۇرۇشقا» مەجبۇرلانغان.

1990-يىلى شىۋېتسارىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاينىڭ پاكىستاندىكى سابىق دىپلوماتى كەرىم شەرىف ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
1990-يىلى شىۋېتسارىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاينىڭ پاكىستاندىكى سابىق دىپلوماتى كەرىم شەرىف ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Ekrem

كەرىم شەرىفنىڭ خىتاي تەھدىتىگە يولۇقۇش مەسىلىسى ھەققىدە، «خىتاي مېنىڭ زۇۋانىمنى ئەتمەكچى» ناملىق خەۋەردە بىرقانچە مىسال ئۆرنەك ئورنىدا كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭ بىرى، 2001-يىلى يۈز بەرگەن بىر ۋەقە بولغان. خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى شۇ چاغدا كەرىم شەرىفكە ئاپىسى بىلەن خوڭكوڭدا كۆرۈشۈۋېلىشقا پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي تەرەپ «ھەرگىز ئەندىشە قىلما، سېنىڭ بىخەتەرلىكىڭگە بىز مۇتلەق كاپالەتلىك قىلىمىز» دېگەن. بۇنىڭ بەدىلىنىڭ خىتايغا سېتىلىش بولىدىغانلىقىنى بىلگەن كەرىم شەرىف بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە «بلىچك» گېزىتىگە، «ئەگەر مەن شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان بولسام، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەن بولاتتىم» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

كەرىم شەرىف دۇچ كەلگەن ئىككىنچى چوڭ تەھدىت ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېنادا يۈز بەرگەن. خەۋەردە بايان قىلىشىچە، كەرىم شەرىفنى ۋېنادا ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلغان. كەرىم شەرف بىر دوستىنى ئېلىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بىر قانچە كۈن كېچىكىپ ۋېناغا بارغاندا، ئۇنى تەكلىپ قىلغان ئۇيغۇر كۆرۈنمىگەن، بەلكى 6 نەپەر خىتاي ئۇنى ساقلاپ، ئۇ كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن كېتىپ قالغان.

خىتايلار كەرىم شەرىفنى ئۆزلىرىگە خىزمەت قىلىشقا ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ ۋەدىلەرنى بەرگەن. ھەتتا ئۇنىڭغا ئۆي سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلماقچىمۇ بولغان. بىراق كەرىم شەرىف ئۇلارغا «ئۆي ئەمەس، ھەتتا داچا ئېلىپ بەرسەڭلارمۇ، ئۇ يەردە ئارامخۇدا ياشىغىلى بولمايدۇ» دەپ رەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تېلېفون ئارقىلىق ئالداش ياكى تەھدىت سېلىش، ئۆيىنىڭ خەت ساندۇقىغا تەھدىت خەتلىرىنى تاشلاپ «بىز سېنىڭ كىملىكىڭنى، نەدىلىكىڭنى بىلىمىز» دېگەندەك ۋاسىتىلەر بىلەن كەرىم شەرىفكە شەكىللەندۈرۈلگەن بېسىملار ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشقان.

1990-يىلى شىۋېتسارىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاينىڭ پاكىستاندىكى سابىق دىپلوماتى كەرىم شەرىف ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
1990-يىلى شىۋېتسارىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاينىڭ پاكىستاندىكى سابىق دىپلوماتى كەرىم شەرىف ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Ekrem

شىۋېتسارىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن تۇنجى ئۇيغۇر ھېسابلىنىدىغان كەرىم شەرىف بۈگۈن بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ 1990-يىلى پاكىستاندىكى خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلارنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن دىپلوماتلىق ئورنىدىن ۋاز كەچكەندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر، ئۆز مىللىتى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە ئۆز دەۋاسىغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەپ «خىتاي مېنى ھەرگىز باش ئەگدۈرەلمەيدۇ» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

خەۋەردە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەھدىتىگە يولۇقۇش ھادىسىلىرىنىڭ يالغۇز كەرىم شەرىف بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقى ئىپادە قىلىنغان. نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر دىيوسفوراسىدا ئومۇملاشقان بىر ھادىسىگە ئايلانغان. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا شەكىللەندۈرۈۋاتقان تەھدىتلىرىنىڭ دائىرىسى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

خەۋەردە تىلغا ئېلىشىچە، شىۋېتسارىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ خىتاي تەھدىتىگە يولۇقۇش مەسىلىسى ھەققىدە پارلامېنتقا دوكلاتلار سۇنغان. بەزى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بۇ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە قويغان. بىراق شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسى بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئىجابىي بولمىغان. ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق بىپەرۋالىقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى خىتايغا قارشى ئاۋازلارنى ئوڭۇشلۇق جىمىقتۇرۇشىغا پۇرسەتلەر يارىتىپ بەرمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.