نۆۋەتتە خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتايدىن باشلانغان كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ 56 دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيگەنلىكى، بولۇپمۇ ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كورېيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېغىرلاشقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
مۇشۇنداق بىر شارائىتتا 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغانلىقىنى مەدھىيەلەيدىغان خەۋەرلەرنى بېسىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي تاراتقۇلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىدىغان خەۋەرلەرنىمۇ ئېلان قىلىشقا باشلىغان.
2-مارت كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە «خىتاي كومپارتىيەسى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل يەر شارىدا ئۆزىنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتىكى يېتەكچى ئوبرازىنى تىكلىمەكچى» سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 1-مارت كۈنى «بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى ئىنكاسى ئاستا بولماقتا» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋاللىرى تەنقىد قىلىنغان.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ھەرىكەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆزىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتىكەن.» مەزكۇر ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق خىتايدىكى ئاۋام خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى پەسەيتىشكە، ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى كومپارتىيەنىڭ ئوبرازىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇنداقلا پۈتكۈل يەر شارىدىكى يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە خىتاينىڭ ئۆزىنى يېتەكچى ئورۇنغا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.»
ئامېرىكادىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ياڭ جيەنلى مۇنداق دېدى: «2020-يىلنىڭ چاغان مەزگىلىدە يۇقىرى پەللىگە چىققان كرونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىلەن كارى بولمايدىغان ھاكىممۇتلەق مۇستەبىت قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى. خىتايدا ئاۋامنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىمۇ ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلەندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ساداسىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا شى جىنپىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللاندى. ئۇ دۆلەت ئىچىدە خەلقنىڭ ساداسىنى داۋاملىق باستۇرۇشنى كۈچەيتتى، كىشىلەرگە ھېچقانداق ئەركىنلىك بەرمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزىنىڭ تەشۋىقات قوراللىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئاتالمىش ‹چوڭ دۆلەتنىڭ داھىيسى› بولۇشتەك ئوبرازىنى تىكلەشكە ئۇرۇندى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدىكى تەدبىرلىرىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈردى. شۇ ئارقىلىق بۇ ھاكىمىيەتنىڭ خىتاي خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى تەشۋىق قىلدى ھەمدە خىتاي خەلقىنىڭ بۇ ھاكىمىيەتكە بولغان ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇندى.»
ياڭ جيەنلى ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يەنە كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى تۈرلۈك گۇمانىي قاراشلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ياڭ جيەنلى مۇنداق دېدى: «كىشىلەر ئارىسىدا كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بيو-خىمىيەلىك قورال تەتقىقاتى سەۋەبلىك تارقالغانلىقى، يەنى ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى بيو-خىمىيە تەتقىقات مەركىزىدىن تارقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىدىن پايدىلىنىپ، خەلقىنىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇراشقا ئۇرۇنماقتا. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى سەھىيە ساھەسىدىكى دوختۇر جوڭ نەنشەنننىڭ ‹ۋىرۇسنىڭ ئەسلى مەنبەسى خىتايدا ئەمەس› دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق دىققەتنى ئامېرىكاغا قارىتىشقا، مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈشكە، ۋە مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دېسەكمۇ بولىدۇ.»
ياڭ جيەنلى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئۆزىنى مەدھىيەلەش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ باشقا دۆلەتلەرنى ئەيىبلەش تەشۋىقاتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن زىيانلىق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياڭ جيەنلىنىڭ قارىشىچە خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىنى ئېچىپ تاشلاش ئارقىلىق شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كرونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىدا خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇمكىن ئىكەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىدە باشقا دۆلەتلەرنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىدى دەپ ئەيىبلەش، ‹ۋىرۇش يۇقۇمىنىڭ مەنبەسىنى ئامېرىكا› دەپ ئىشارەت قىلىش قىلمىشى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋىتىدىكى ئوبرازىغا تېخىمۇ ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئىككى كۈن ئىلگىرى مەن مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا، ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پېنسكە مەخسۇس مەكتۇپ يوللىدىم. مەكتۇپۇمدا ئامېرىكانىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان مۇئاۋىن پرېزىدېنت پېنستىن شۇنى تەلەپ قىلدىم: يەنى ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەتلەرنى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، تېزلىكتە بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىللەپ، كرونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدىم. پەقەت ئۇنىڭ مەنبەسىنى تاپقاندىلا ئاندىن دۇنيا بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. تېخىمۇ چوڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ مەسىلىدە مەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇندىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا دۆڭگەش، دىققەت نۇقتىسىنى باشقا تەرەپكە بۇراشتەك قارا نىيىتىنى بەربات قىلغىلى بولىدۇ.»
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن تارتىپلا ئۆزىنى مەدھىيەلەش، دۆلەت ئىچىدە ئۇچۇرنى قامال قىلىش، تەشۋىقات ۋاسىتىسى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنى قارىلاش، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەردە قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارنى جازالاپ مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلۇشتەك تاكتىكىلارنى قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى، بۇلارنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەنئەنىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىقتىدارسىزلىقىنى تېخىمۇ ئىپادە قىلغان. شۇڭا خىتاي خەلقى ۋە خەلقئارادىكى ئوبرازىنى چۈشۈرۈۋالغان شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۆز ھاكىمىيىتىنى مەدھىيەلەيدىغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىشكە، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئوبرازىنى قايتا تىكلەشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00