خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن تەشۋىقات ھەرىكىتى قوزغىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-04-06
Share
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن تەشۋىقات ھەرىكىتى قوزغىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى سوفى رىچاردسون.
Social Media

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كەڭ ئاشكارىلىنىپ، خەلقئارالىق بېسىم قاتتىق كۈچىيىۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خوشال-خورام ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەشۋىقات ھەرىكىتىنى قاتتىق كۈچەيتكەن.

بۇنداق ۋىدىيولاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا ئېيتىپ-ئۇسسۇل ئويناپ بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلسا، يەنە بەزىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.

شۇنداق تەشۋىقات تىرىشچانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭىسى بولسا ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ، خىتايدا كىنوخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلىغان «قاناتلانغان ناخشىلار» ناملىق فىلىم بولۇپ، مەزكۇر فىلىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسەبىيلەرچە قانات يايدۇرۇۋاتقان تەشۋىقات ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتماقتا. فىلىمدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئۈچ ياشنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇزىكا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھېكايىسى سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدا مىللەتلەرنىڭ باراۋەر، خوشال-خورام ياشاۋاتقانلىقىدەك مەنزىرە ئالغا سۈرۈلگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى سوفى رىچاردسون بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئەيىبلەشلەرگە بۇنداق تەشۋىقات فىلىملىرى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشىنى ساغلام بولمىغان روھىي ھالەت، دەپ كۆرسەتتى.

سوفى رىچاردسون مۇنداق دېدى: «راست گەپ قىلسام، خىتاي تارقىتىۋاتقان بۇنداق ناخشا-ئۇسسۇللۇق تەشۋىقات ۋىدىيولىرىنى سۈپەتلەيدىغان سۆز تاپالمايۋاتىمەن. ئۇ شۇنچىلىك رەزىل، چاكىنا، كۈلكىلىك ۋە ھەقىقەتەنمۇ ساراڭلارچە. سىز ئويلاپ بېقىڭ، ئۆز دۆلىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تۈگىتىشنى ھەقىقىي يوسۇندا كۆزلەيدىغان جىددىي بىر ھاكىمىيەت بۇنداق ئەيىبلەشلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇنى ئىسپات ۋە ھەقىقەت ئاساسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا زۇلۇمنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى خەلقئارا جەمئىيەت توقۇپ چىقارغان دەپ ئېغىر دەرىجىدە يالغانچىلىق قىلىپلا قالماي، يەنە تېخى مۇشۇنداق ناخشا-مۇزىكىلىق فىلىملەرنى تارقىتىپ رايوندا ھەممە ئىشلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. مەنچە بۇ پاتولوگىيەلىك ئىنكاس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قىلىپ بۇ ۋىدىيولار بىلەن باشقىلارنى قايىل قىلالايمىز، دەپ ئويلىغانلىقىغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ۋىدىيولار كىشىدە يەنىمۇ كۆپ سوئال ۋە گۇمان پەيدا قىلىدۇ.»

ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ۋە يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەر تەرىپىدىن بېكىتىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىرتقا قاراتقان تەشۋىقاتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىمۇ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىدىن قاچالمىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كەننېس روس تىۋىتتېرغا بۇ ھەقتە يازغان ئىنكاسىدا: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان دەھشەتلىك زىيانكەشلىكى توغرىسىدىكى تەشۋىقات ھېكايىلىرىدىمۇ بىردەكلىكنى ساقلىيالمايۋاتىدۇ. ئۇلار باشتا لاگېرلار يوق، دېدى. ئاندىن ئۇنى كىشىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بارىدىغان ‹ياتاقلىق مەكتەپ›، دېدى. ئەمدى بولسا خىتاي ئۆزىنى ‹تېرورلۇق› قا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز دەپ چىقتى» دېگەن.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقات قانىلى بولغان «CGTN» قانىلى «تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى خىرىسلار» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەپ تارقىتىپ، ئاتالمىش بىر زور كۆلەملىك «سۈيقەست» نى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇنىڭدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئوقۇپ كەلگەن ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك كىتابلارنى «بۆلگۈنچىلىك»، «تېرورلۇق» نىڭ مەنبەسى، بۇ كىتابلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى بولسا «مىللىي ئۆچمەنلىكنى تەرغىب قىلغۇچى تېكىستلەر» نى تەييارلىغۇچىلار، پەردە ئارقىسىدىكى «قوماندانلار» دەپ سۈپەتلىگەن ئىدى. بىر سائەتلىك بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا «ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتاب» مەسىلىسىدىن باشقا «تېررورچى ۋە ئەسەبىي» كۈچلەرنىڭ تور دۇنياسى، ساقچى سىستېمىسى، ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلار ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت قىلماقچى بولغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات يېتەكچىسى ۋە ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى ھېنرىي شاجىۋىسكى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقىلار ئۈچۈن توقۇۋاتقان بۇنداق ھىكايىلىرى ئۇنىڭ ھازىرقى سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسنى نامايەن قىلىدۇ، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىدا مۇھىم بولغىنى ئۇنىڭ كىشىلەرنى قايىل قىلىش-قىلالماسلىقى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ بۇنداق يالغانلارنى توقۇپ چىقىرىش ئارقىلىق نېمە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىدۇر. خىتاي بۇنداق ھېكايىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېڭى ھىكايىلەرنى توقۇپ چىقىرىش ۋە ئۇنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقا ۋە بۇ سىياسەتلىرىنى ئوخشاش داۋام قىلىش ئۈچۈن بىر باھانە پەيدا قىلىۋاتىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق تەشۋىقاتلارنى تارقىتىشتا خىتاينىڭ ئۆزىدە چەكلەنگەن فېيسبۇك ۋە تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئاكتىپ شەكىلدە قوللىنىۋاتقان بولۇپ، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى «ASPI» نىڭ ئېنىقلاپ چىقىشىچە، خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى ۋە دىپلوماتىك تۋىتتېر ھېساباتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تىۋىتتېر ئۇچۇرلىرىنىڭ نىسبىتى 2020-يىلى ھەر ئايدا ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 500 گە يېقىن كۆپەيگەن، فەيسبۇكتا ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك يوللانمىلار ئەڭ كۆپ ئەۋەتىلىدىغان ھېساباتلارمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي دۆلەت ئاپاراتلىرىغا تەۋە ئىكەن.

سوفى رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق مۇنبەرلەرنى قوللىنىپ، جامائەت پىكرىنى بۇرىماقچى بولۇشى كىشىنى جىددىيلەشتۈرسىمۇ، بۇنداق تەشۋىقاتلارغا كىشىلەرنىڭ قانچىلىك ئىشىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئىكەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مەنچە، بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا خەلقئارادىكى ئىشەنچلىك، مۇستەقىل ئاخباراتلارغا ۋە بىزدەك مۇستەقىل ئورگانلارغا يەنىمۇ زور ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەت چۈشىدۇ. بىز پاكىت ئاساسىدىكى دوكلاتلىرىمىز ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئالغا سۈرىمىز. كىشىلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى، مەيلى ئامېرىكا، مەيلى گېرمانىيە ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ئۇلار ھېلىھەم يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن سۆزلىشەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىدە بىر ياخشىلىنىش بولغىنى يوق. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خوشاللىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ ئەگەر ھەممە ئىش جايىدا بولسا نېمىشقا كىشىلەر بارالمايدۇ ياكى ئۇ يەردىن كېلەلمەيدۇ. نېمىشقا كىشىلەر ۋەھىمە ئىچىدە قالىدۇ. مانا بۇ نوقتىلاردىن قارىغاندا خىتاينىڭ ئىلگىرى سۈرگەنلىرى ھەرگىزمۇ پۇت تىرالىغۇدەك كۈچلۈك پاكىت ئەمەس»

يېقىندا «ۋال-سىترىت ژورنىلى» بىر خەۋىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ فېيسبۇك تورىنىڭ ئېلان سۇپىسىغا پۇل تۆلەپ، ئۇنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسىي تەشۋىقاتىنى يايىدىغان سۇپا قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ فەيسبۇك ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىمۇ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ھېنرىي شاجېۋىسكى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، فەيسبۇك تورىنىڭ بۇنداق مەسىلىلەرگە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئوچۇق – ئاشكارە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە چوقۇم ئوچۇق-ئاشكارا بولغاندىلا، چەكلىمىسز زىيارەتكە رۇخسەت بەرگەندىلا بىز خىتاي ھۆكۈمىتى ئالغا سۈرۈۋاتقانلارغا باھا بېرەلەيمىز. مەنچە، ب د ت مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ رايونغا بېرىپ چەكلىمىسىز ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپى قاندۇرۇلۇشى ۋە رايونغا مۇستەقىل تەكشۈگۈچىلەر، مۇستەقىل ژورنالىستلار بېرىپ ھەقىقىي مەنىدە تەكشۈرۈش ئەپ بېرىشى كېرەك. خىتاي ئۆز تارقاتقان ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشى ئەمەس، ھەرقانداق ئۇچۇرنىڭ ئەركىن ھالدا تارقىلىشىغا رۇخسەت بېرىشى، ئىنتىرنېتكە قاراتقان چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى كېرەك.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان تەشۋىقات خاراكتىرلىق ۋىدىيو-فىلىملىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭمۇ زور دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ‹نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى›، ‹مۇھاپىزەتچى› گېزىتى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلۇق نۇرغۇن ئاخباراتلاردا خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى خەۋەر قىلىندى. ئۇلار ئۆز خەۋەرلىرىدە بىردەك خىتاي تارقىتىۋاتقان تەشۋىقات ۋىدىيولىرىدا يورۇتۇلغان ساختا رىياللىق رايوندا يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگىرلار، مۇتلەق نازارەت ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق رىياللىقنى ئەكس ئەتتۇرمەيدۇ، دىيىشتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت