«ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نىڭ يېڭى قەدىمى: «قۇرئان» نى قايتا تەرجىمە قىلىش خىزمىتى
2023.08.17

خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەققىدىكى بەش يىللىق خىزمەت پىلانىنى ئېلان قىلغان 2019-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ساھەگە مەنسۇپ ئەمەلدارلىرى، جۈملىدىن خىتاي «مەملىكەتلىك ئىسلام جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە بۇ ھەقتە سۆز قىلغان. ئۇ شۇ ۋاقىتتا «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش دېگەنلىك ھەرگىزمۇ دىننى ياكى دىنىي دەستۇرلارنى ئۆزگەرتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇش، دېمەكتۇر» دېگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا نەقەدەر «كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى» غا ئىسپات تەرىقىسىدە «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە تەرجىمىلىرىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى مىسال قىلىپ «دۆلىتىمىز ھازىر ئىسلام دىنىغا دائىر بارلىق پائالىيەتلەرنى تولۇقى بىلەن قوغداۋاتىدۇ» دېگەن. بۇ بايانات 30-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلغان «شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش» تېمىسىدىكى يىغىندا يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا ‹قۇرئان›نىڭ تەرجىمىسىنىمۇ بۇ نىشانغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش لازىم» دەپ تەكىتلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «قۇرئان» نىڭ يېڭى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭمۇ يېقىن كەلگۈسىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن بېشارەت بېرىلدى.
«قۇرئان» نىڭ يېڭى تەرجىمىسى ۋە «زاماننىڭ تەقەززاسى» غا يانداشقان ئويۇنلار
ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار 10-ئەسىردە ئىسلام دىنىنى رەسمىي قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ ئاز دېگەندىمۇ 20 نەچچە قېتىم «قۇرئان» نى ئۇيغۇر ياكى «تۈركىي تىل» غا تەرجىمە قىلىپ چىققان. شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل خىزمەتلەرنىڭ بىرى يېتىلگەن دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئىشلىگەن ئۇيغۇرچە «قۇرئان» تەرجىمىسى بولۇپ، 1980-يىللاردا تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغاندىن تارتىپ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشى ۋە ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئەڭ مۇكەممەل نۇسخا، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. بۇ تەرجىمىنىڭ بىۋاسىتە ئەرەب تىلىدىن ۋۇجۇدقا چىقىشى تۈپەيلىدىن «قۇرئان» دىكى كۆپلىگەن دىنىي ئۇقۇملار ئۇيغۇر جامائىتىگە راۋان ۋە ئاممىباب تىلدا تولىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئەنە شۇنداق يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان بۇ قەدەر يىتۈك خىزمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تاماملىغان مۇھەممەد سالىھ داموللا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، 2018-يىلى 82 يېشىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېردا قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇ تەرجىمە قىلغان «قۇرئان» ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئەتىۋارلىنىشقا مۇيەسسەر بولغان.
دەرۋەقە ئۇيغۇر دىيارىدا «دىنىي كەيپىياتنى سۇسلىتىش» شامىلى ئوتتۇرىغا چىققان 2010-يىللىرى گەرچە «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئېتىقادىنى يوقىتىشنى مۇھىم خىزمەت نىشانلىرىدىن قىلىپ بېكىتىپ بولغانلىقى ئايدىڭلاشقان. «دىنىي تۇيغۇنى سۇسلاشتۇرۇش» نامىدا شۇ ۋاقىتتىلا بىر قاتار «قانۇنسىز» قىلمىشلارنىڭ ۋە كىيىم-كېچەكلەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان. دەل ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ «قۇرئان» نى ئۇيغۇرچە تىلدا ئوقۇپ چۈشىنىشىدە يېتىپ ئاشقۇدەك «كۆۋرۈك» لۈك رولىنى ئويناۋاتقان ئۇيغۇرچە «قۇرئان» تەرجىمىسىنىڭ ئورنىنى دەسسەشكە يېڭىدىن «تەرجىمە» قىلىنغان ئۇيغۇرچە «قۇرئان» مىڭ سوملۇق باھا بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ قېتىملىق «تەرجىمە» گە قانداقتۇر بىر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور ھۆرمەتكە ئېرىشكەن دىنىي ئۇستازلاردىن مۇھەممەد سالىھ داموللا قاتناشتۇرۇلمىغان. ئەكسىچە بۇ قېتىمقى «تەرجىمە» گە ئىشلىگەن «قوشۇن» ئىچىدە ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ سابىق ئىمامى، ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ياش تەرىپىدىن 2014-يىلى ئىيۇلدا پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن جۈمە تاھىر ۋە خەلق ئارىسىدا «ئابلىمىت شەيتان» دەپ نام ئالغان ئابلىمىت داموللا، «قىزىللىقنىڭ چوققىسىغا چىققان» دەپ قارىلىدىغان ئابدۇقادىر مەخسۇم، شۇنداقلا ئەرەب تىلىدىن خەۋىرى يوق بولغان بىر قىسىم «مۇتەخەسسىسلەر» ئورۇن ئالغان. گەرچە بۇ كىشىلەرنىڭ «قۇرئان» نى تەرجىمە قىلىشقا كېرەكلىك سالاھىيىتى، جۈملىدىن دىنىي ۋە ئىلمىي سەۋىيىسى، تىل بىلىمى ۋە دىيانىتى دېگەنلەر ھەققىدە كۆپلىگەن شۈبھىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا بۇ تەرجىمە ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىق تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەشەم بىلەن بېسىپ تارقىتىلغان.
ھالبۇكى، بۇ يېڭى تەرجىمە نۇسخا تارقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنى كۆرۈپ چىققان ئەرەب تىلىنى ياخشى بىلىدىغان، دىنىي بىلىمدە يېتىشكەن بىرقىسىم ئەربابلار بۇ تەرجىمىدىكى مەنتىقىسىزلىق، سۈپەتسىزلىك، ئۇيغۇر تىلىغا يات جۈملىلەر، سۆز ئىشلىتىشتىكى ھاڭۋاقتىلىق دېگەندەك كۆپلىگەن ئىللەتلەرنىڭ قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئەسلىدە سۈپەت جەھەتتە ئىلگىرىكى تەرجىمىدىنمۇ ياخشىراق چىقىشى كېرەك بولغان بۇ نۇسخىدا سۆز ئوينىتىش، بولۇپمۇ سۆز مەنىلىرىنىڭ سۇيۇلدۇرۇلۇشى ۋە خۇنۈكلەشتۈرۈلۈشى كەڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى بايقىغان. يەنە بەزىلەر بولسا بۇ تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنىنىڭ نەق ئۆزىنى توغرا چۈشىنىپ قالمىسۇن، دېگەن نىيەتتە قەستەن ئاشۇنداق لاياقەتسىز كىشىلەرنى توپلاپ لاياقەتسىز تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى ئالغا سۈرگەن. شۇ قېتىمقى يېڭى تەرجىمە ھەققىدە سۆز بولغاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ تەرجىمىدىكى بۇ خىل ھادىسىلەر ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ ئۆتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنە شۇ تەرىقىدە «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ بىخ ئاساسى بولغان «دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇش» شامىلىدا «قۇرئان» نىڭ لاياقەتسىز ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بولسا، 30-ئىيۇلدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە چاقىرىلغان «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» تېمىسىدىكى مەخسۇس يىغىندا بىر قىسىم خىتاي «ئالىم» لىرى «قۇرئان» نىڭ تەرجىمىسىنى قايتىدىن ئىشلەش ھەققىدە مۇھىم تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ قاتاردا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب تىلى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى شۆ چىڭگو «نېمە ئۈچۈن ‹قۇرئان›نى قايتا تەرجىمە قىلىش لازىم؟» دېگەن تېمىدا مەخسۇس لېكسىيە بەرگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، زامان ۋە جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن «قۇرئان» دىكى دىنىي چۈشەنچىلەر زامان بىلەن ماس قەدەمدە ماڭالماي قالغان. يەنە كېلىپ ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا چىققان «قۇرئان» تەرجىمىلىرىدە ئوخشىمىغان مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، ئۇلاردا «دەۋر روھى» ئەكس ئەتمىگەن. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى يېتىشسىزلىكنى تولدۇرۇش ئۈچۈن مۇھەممەد ما جيەن قاتارلىق پېشۋا ئالىملار خىتايچىغا تەرجىمە قىلغان تەرجىمە نۇسخىلىرىنىمۇ قايتىدىن تۈزىتىپ تەرجىمە قىلىش زۆرۈر بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «قۇرئان» تەرجىمىسىگە ئاتلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللار ھەققىدە سۆز بولغاندا ۋاين ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خالىد بەيدۇن (Khaled A. Beydoun) بۇنىڭدا سىياسىي مەقسەتتىن باشقا نىيەتنىڭ يوقلۇقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. .
«ئەگەر بىز ‹قۇرئان› نى خىتايچىغا قايتا تەرجىمە قىلىشقا سەۋەب بولغان ئوبيېكتىپ ئامىللارغا نەزەر سالىدىغان بولساق بۇنىڭدىكى ئۆزگەرتىپ تەرجىمە قىلىش بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىقنى بايقايمىز. شۇڭا كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ‹قۇرئان›نى تەرجىمە قىلىشتا ئۇلار ئۇنى سۆزمۇ-سۆز ۋە ئوبيېكتىپ يوسۇندا، يەنى خالىس مەيداندا تۇرۇپ تەرجىمە قىلىشنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭدىكى مەنانى تەرجىمە قىلىشنى كۆزلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ‹قۇرئان›دىكى ئەسلى روھنى ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئەتىگە ماسلاشقان مەۋقەدە تەرجىمە قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى ‹تەرجىمە› دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. بەلكى ‹قۇرئان›نى دۆلەت مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى، دېيىش مۇمكىن. بۇ ئىسلام شەرىئىتىگە پۈتۈنلەي خىلاپ. مۇسۇلمانلار بۇ خىل قىلمىشنى ‹بىدئەتچىلىك› دەيدۇ. چۈنكى بۇ ماھىيەتتە ئۆزگەرتىش ياكى ‹ئىسلاھ قىلىش› ئۇرۇنۇشىدۇر. بىز نۆۋەتتىكى رېئاللىقتا بۇنى ھازىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ ياكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى، دەپ چۈشەنسەكمۇ بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى بىر قوۋمنى يوقىتىشتا ھەرقاچان زور كۆلەملىك ئادەم ئۆلتۈرۈش ھەركىتىسىزمۇ شۇ خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى يوق قىلىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە بىر خىل شەكىلدىكى ئىپادىسى، خالاس.»
ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھەممەد سالىھقا ئوخشاش دىنىي ساھەدىكى ھەقىقىي ئۆلىمالىرى ئاساسەن كۆزدىن يوقىتىلغان، ئۇلارنىڭ ئورنىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە يۆلىشىگە ئېرىشكەن ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىيازدەك «دىنىي زاتلار» ئىگىلەۋاتقان ئەھۋالدا خىتايچە «قۇرئان» نىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەش تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «قۇرئان» نىڭ تېخىمۇ «يېڭى ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى» نى ئىشلەشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈشى نۆۋەتتە ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس، دەپ قارالماقتا. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى، پلىيموس (Plymouth) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خاننا سېكىر (Hannah Theaker) نۆۋەتتىكى «خىتايچىلاشتۇرۇش» تا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بىردەك نىشان بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا «قۇرئان» نىڭ خىتايچە يېڭى تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئورتاق دىنىي ئوقۇشلۇق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈرىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى.
«بۇ بەكلا چوڭ بىر سوئال. ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىش مۇمكىنكى، بۇنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۇنچىۋالا ھەيران قالارلىق ئىشمۇ ئەمەس. چۈنكى بۇ خىتاي دەۋاتقان ‹خىتايچىلاشتۇرۇش› سىياسىتىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى. بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار 2018-يىلىلا تەييارلىنىپ بولغان ‹ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش› ھەققىدىكى بەش يىللىق پىلاندىن ئورۇن ئالغان. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئىسلام دىنى ۋە ئەرەب تىلىغا چېتىلىدىغان بارلىق ئامىللار يوقىتىش ئوبيېكتى بولغان. مەسچىتتىمۇ قوللىنىلىدىغان تىلنىڭ خىتايچە بولۇشى تەكىتلەنگەن. شىنجاڭدا بولسا مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان ‹قۇرئان› دەستۇرلىرىنىڭ يىغىۋېلىنىپ كۆيدۈرۈلگەنلىكى بۇنىڭدا ئەڭ روشەن ئەكس ئەتتى. دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرى مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ جەرياندا شى جىنپىڭ ‹خەتەرلىك› دەپ قارىغانلىكى ھەممىلا نەرسە يوقىتىلدى. ‹قۇرئان› بولسا ئەنە شۇ خىلدىكى پارتىيە كونتروللۇقىدا بولمىغان يېگانە شەيئى بولۇپ قالغانلىقتىن بۇنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۇلار بۇنى تېكىست نۇقتىسىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قەستلەۋاتىدۇ. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى قارمىقىدىكى دىنىي ۋە مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 2019-يىلى يىلى ئېنىق قىلىپ ‹شەرھىيلەيدىغان نۇقتىلارنى شەرھلەش، ئىسلاھ قىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئىسلاھ قىلىش لازىم› دەپ كۆرسەتمە بەرگەن. دەل مۇشۇ يوليورۇق بويىچە ئۇلار ئەرەب تىلىدىكى دىنىي دەستۇرلارنى، جۈملىدىن ‹قۇرئان›نى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ماسلاشتۇرغان ھالدا قايتىدىن تەرجىمە قىلىپ چىقىشقا يول ئالغان. ئەمما شۇنى ئېيتىمەنكى، بۇ خىزمەت بىر توپ قابىلىيەتلىك ۋە كەسپىي دىنىي ئالىملارنىڭ مۇستەقىل ئەمگىكى بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى ئارقىلىق بۇ ئىشقا ئىشقا ئىشتىراك قىلغان شەخسلەر بۇ خىزمەتتە كومپارتىيەنىڭ سىزغان سىزىقى بويىچە مېڭىشتىن باشقا يول تاپالمايدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇرلاردىكى ئورتاق مىللىي ئېتىقاد بولغان ئىسلام دىنىنى «خىتايچە» ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىش ۋە ئاخىرىدا ئېرىتىپ تۈگىتىش ئۇرۇنۇشى ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 70 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلگەن دىنىي ساھەگە دائىر سىياسەتلەرنىڭ ئاخىرقى نىشانى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ مەنىدىن ئالغاندا «قۇرئان» نىڭ يېڭىچە تەرجىمىسى ۋۇجۇدقا چىقىشى بىلەن بۇ ساھەدىكى ئۇرۇنۇشلارنىڭ تۈگەپ قالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى دىننى ئاجىزلىتىش ياكى يوقىتىشقا ئۇرۇنسۇن ياكى «قۇرئان» نى قايتىدىن تەرجىمە قىلىشقا ئىنتىلسۇن، ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىنتىلىشى ھېچقاچان غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك (سام بروۋنباچك) نىڭ «خىتاي ھازىر ئىسلام دىنىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلدى. ئىشەنچىم كامىلكى، خىتاي بۇ جەڭدە مەغلۇپ بولىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئەسلىتىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نىڭ تۈرلۈك قەدەم-باسقۇچلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىشنىڭ يوللىرىنى قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى بۇزغۇنچىلىقلار ئىزچىل تۈردە ھەر ساھەنىڭ دىققىتىدە بولماقتا.