ئانالىزچىلار: «خىتاينىڭ ‹جۇڭخۇا بىرلىكى› تەشۋىقاتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تارىخ ئېڭىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-11-16
Share
qizil-naxsha-uyghur-1.jpg قىزىل تەشۋىقات خىزمىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان زور كۆلەملىك مۇسابىقە پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 20-ئۆكتەبىر، پەيزىۋات.
Xinhua

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 12-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە يىغىن ئېچىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدا «جۇڭخۇا بىرلىكى ئېڭى» نى كۈچەيتىشنى، بولۇپمۇ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخ ئېڭى» نى مۇھىم نۇقتا قىلىشنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرلار يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن «جۇڭخۇا مىللىتى بىرلىكى» ئېڭى تەشۋىقاتىنى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇش، بولۇپمۇ ‹جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخ بىرلىكى ئېڭى› نى مۇھىم ھالقا قىلىپ تۇتۇشنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكادا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ ئوبزورچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى ۋە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئارخېئولوگ، تارىخچى قۇربان ۋەلى ئەپەندىلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان «جۇڭخۇا تارىخى ئېڭى» ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى بايانىدا شى جىڭپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان، ئىلگىرىدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «خىتاي بىرلىكى» تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيەت ئېڭىنى رادىكال ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەجبۇرىي تېڭىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە تىل-مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قۇربان ۋەلى ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخ بىرلىكى ئېڭى» تەشۋىقاتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تارىخ ئېڭىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇربان ۋەلى يەنە خىتاي «شىنجاڭ»، يەنى «يېڭى چېگرا» دەپ ئاتىۋالغان نامىنىڭ ئۆزىدىنلا بۇ زېمىننىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان بىر تۇپراق ئىكەنلىكى ئېنىق چىقىپ تۇرىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان «شەرقىي تۈركىستان» نىڭ تارىختا خىتايغا ئوخشىمايدىغان ئايرىم مەدەنىيەتكە ۋە مۇستەقىللىق تارىخىغا ئىگە بىر زېمىن ئىكەنلىكىنى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت