خىتاي دائىرىلىرى «تېرورلۇققا زەربە بېرىش» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەردازلىماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021-11-18
Share
تېڭ بىياۋ: خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان مەسىلىلەر مەۋجۇت خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ «خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنى دۆلەت قوللىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىش» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2015-يىلى 18-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.
AFP

خىتاي ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى» دەپ ئەيىبلىشىگە قارىتا ئاتالمىش «ئاخبارات ئېلان قىلىش» يىغىنلىرىنى ئېچىپ، ئۆزىنى ئاقلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى 17-نويابىر كۈنى بېيجىڭدا «60-قېتىملىق شىنجاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئاچقان. يىغىندا ئاتالمىش «تېرورلۇقنىڭ قۇربانلىرى» سۆزگە چىقىرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئاقلايدىغان سۆزلەرنى سۆزلەتكەن. ئۇندىن باشقا يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشاڭ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەركەتلىرى ۋە رايوندا ئومۇملاشقان ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى، «تېرورلۇققا زەربە بېرىش ھەركىتىنىڭ تەجرىبىلىرى» دەپ جار سالغان.

شۈ گۈيشياڭ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئاتالمىش «تېرورلۇققا زەربە بېرىش» ھەركىتىنى 7 نۇقتىدا خۇلاسىلىگەن. يەنى «تېرورلۇققا زەربە بېرىش ھەركىتىدە 1-خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىندى؛ 2-قانۇنىي ئاڭ ۋە قانۇنىي بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىندى؛ 3-كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىندى؛ 4-ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىشتە نورمال دىنىي ئېتىقاد كاپالەتكە ئىگە قىلىندى؛ 5. قاتتىق زەربە بېرىشتە كەڭچىلىك قىلىش، ئالدىنئالا تەربىيەلەش، قۇتقۇزۇۋېلىش تەدبىرلىرى بىرلەشتۈرۈلدى؛ 6-خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىندى؛ 7-خەلقئارا تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش ھەركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىلدى،» دېگەندەك يەتتە تۈرلۈك نۇقتا بويىچە ئۆزىنى ئاقلىغان.

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ئۇ بېيجىڭدا ئېچىلغان بۇ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» نى، خىتاينىڭ «تېرورىزىمغا قارشى ھەركەت» نامىدا ئۆزىنىڭ رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى، دەپ كۆرسەتتى.

تېڭ بىياۋ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەيدانىدىن قارىغاندا، ئۇلار شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ‹ئېرقىي قىرغىنچىلىق› نى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ سىياسىتىدىكى خاتالىق ۋە مەغلۇبىيەت دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ. بەلكى خىتاي رايوندا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، يەنى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتا شەپقەتسىزلەرچە باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

تېڭ بياۋ سۆزىدە خىتاي باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ تىلغا ئالغان ئاتالمىش «تېرورلۇققا زەربە بېرىش تەجرىبىلىرى» ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ قىلمىشلىرى «خەلقئارا تېرورلۇققا زەربە بېرىش ھەركىتى» دىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە پۈتۈنلەي خىلاپ بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىش نىشان قىلىنغان «ئېرقىي يوقۇتۇش» ئىكەن.

تېڭ بىياۋ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ قىلمىشلىرى ‹تېرورلۇققا زەربە بېرىش› بىلەن مۇناسىۋەتسىز. چۈنكى ‹تېرورلۇققا قارشى ھەركەت› نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تېرورلۇق ھەركىتى قىلغان شەخس، تەشكىلات ۋە گۇماندارلارغا قارىتا قانۇنىي بەلگىلىمىلەر ۋە ۋاستىلار ئارقىلىق تەكشۈرۈش، تۇتۇش ۋە سوتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ھەقتە خەلقئارادا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردە يۈرۈشلەشكەن قانۇنىي سىستېما بار. ئەمما خىتايغا نىسبەتەن ئۇنىڭ قىلىۋاتقىنى بۇ قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىش بولماقتا. يەنى خىتاي پۈتكۈل بىر مىللەتنى زەربە بېرىش نىشانى قىلماقتا.»

تېڭ بىياۋ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت بويىچە يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان «دۆلەت تېرورلۇقى» ئېلىپ ببېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدا خىتاي ئىرقىي يوقىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى. يەنى بىر مىللەتنى سىياسىي جەھەتتىن مۇتلەق كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى. ئۇنىڭ قىلىۋاتقىنى ھەرگىزمۇ ‹تېرورلۇققا زەربە بېرىش› ھەركىتى ئەمەس. ئۇنىڭ نىشان قىلغىنى تېرورلۇق ھەركىتى بىلەن شۇغۇللانغان شەخس ياكى تەشكىلات ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىدۇر. شۇڭا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا دۆلەت تېرورلۇقى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دىسەك خاتا بولمايدۇ.»

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭدا ئېچىلغان «60-قېتىملىق شىنجاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئامېرىكا پرېزدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭنىڭ سىنلىق سۆھبىتىدىن كېيىن ئېچىلغان ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى «تېرورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا ئاقلىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتاينىڭ كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەسى ۋە مۇستەبىت مودېلىنى دۇنيا بازىرىغا سېلىش ئىكەن.

ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ 20 يىلغا سوزۇلغان «تېرورلۇققا زەربە بېرىش كۈرىشى» نىڭ نەتىجىسى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بويىچە ئېرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت