مۇتەخەسسىسلەر: « ‹شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىش› ۋە ‹شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىرىش› سىياسىتى خىتاينىڭ يېڭى تەشۋىقاتى! »

0:00 / 0:00

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت خىزمەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ما شىڭرۈي يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭنىڭ ئىدىيە ساھەسى يەنىلا ئېغىر ۋەزىيەتكە ۋە مۈشكۈل ۋەزىپىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت تەشۋىقات خىزمىتىدە يەنىلا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەر بار. يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئىگىلەپ، مەسىلىلەر ۋە خىرىسلارغا يۈزمۇيۈز تاقابىل تۇرۇش، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈش ۋە ھەل قىلىش بىلەن بىللە تەشۋىقات، ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى تەشۋىقات كۈچەيتىش كېرەك» .

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە 2016-يىلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن زور تۇتقۇندا مىليونلارچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر لاگېرلارغا قامالغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى ۋەيرانچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكتىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە پارلامېنتلار بۇ ھالنى «ئىرقى قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايغا قارىتا تۈرلۈك جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان ئىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ۋە جامائەت پىكىرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە چەتئەلدە ساختا ئۇچۇر تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم. ئەمما ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى تەتۈر تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ تېخى يېتەرلىك، دەپ قارالمايۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە ئىشارە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، سەلچۇقلۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادىل ئەرئۇيغۇر بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، ما شىڭرۈينىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن ئېيتىلمىغان بەزى ھادىسىلەرنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتەن ئىچى ۋە چەتئەللەردە ئۆزىگە پايدىلىق ساختا ئۇچۇرلارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنى نىشان قىلغان جىنايەتلىرىنى ئوخشىمىغان شەكىللەردە پاش قىلغاندىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك بېسىم ئىچىدە ئىلاجىسىز ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش مەقسىتىدە «ئىشىكنى سىرتقا پىلانلىق ئېچىش» قا باشلىغانلىقى مەلۇم. شۇ قاتاردا ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى كەسىپداشلىرى، شۇنداقلا ئۆزىگە قەلب تۆرىدىن ئورۇن بەرگەن ئۇيغۇر خەلقى توپ-توپ بولۇپ لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىپ كەتكەندىمۇ ئەركىن دۇنيادىكى ئەركىن پىكىر قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان، ئەمما ئۆز خەلقىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياۋۇزلۇقىغا قارىتا سۈكۈت قىلىشنى ئەلا بىلىپ يىللارچە كالىفورنىيە شىتاتىدا بېشىنى چۈمكەپ ياشىغان گىتارچى ئەركىن ئابدۇللا مانا مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە ۋەتەنگە بېرىپ، 28-دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئويۇن قويغان. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ يېگانە ۋە ئۆزگىچە تەسىر كۈچىنى خىتاينىڭ ياۋۇزلۇقىنى پاش قىلىشقا ئەمەس، ئەكسىچە خىتاينىڭ «ئادىل ۋە مېھرىبان» تەبىئىتىنى ئىسپاتلاشقا سەرپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ئەركىن ئابدۇللاغا ئوخشاش بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى قىلمىشلىرىنى تەنقىدلىگەن، شۇنداقلا بۇنىڭ ماھىيەتتە خىتاينىڭ «شىنجاڭدا زۇلۇم يوق. ئۇيغۇرلار خالىغانچە شىنجاڭغا بېرىپ-كېلەلەيدۇ؛ بۇ جايدا ئۇيغۇرلار خۇشال-خۇرام ياشاۋاتىدۇ، ئىرقى قىرغىنچىلىق مەۋجۇت ئەمەس» دېگەندەك تەشۋىقاتىغا ياردەم قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) ما شىڭرۈينىڭ بۇ خىلدىكى يوليورۇقلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇنىڭدىكى كۆپ قاتلاملىق مەقسەتلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ما شىڭرۈي تەكىتلەۋاتقان «چەتئەل بىلەن ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىش ۋە چەتئەلدە شىنجاڭ ھەققىدىكى ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش» ھەققىدىكى يوليورۇقلار ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تىپىك تەشۋىقاتى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان قەبىھلىكلەرنى ۋە جىنايەتلەرنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«‹تەشۋىقات، ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنى› نىڭ مەقسىتى تەشۋىقاتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۇنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىش، مەدەنىيەتلەر ئارا ساياھەت قىلىش ۋە بېرىپ-كېلىش ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، دەپ بازارغا سالىدۇ. بۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تىپىك تەشۋىقاتى. ئەمما ئۇلار ئەمەلىيەتتە مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. شىنجاڭدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا مۇستەقىل ئورۇنلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇدى. شۇڭا خىتاينىڭ تۈپ مەقسىتى بۇنىڭغا قارشى تەشۋىقات. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھازىرغىچە تەتقىقاتچى، زىيارەتچى ياكى ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەتكە ئوخشاش رايونلارغا خالىغانچە ساياھەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىپ باقمىدى. ئاخباراتچىلارنىڭ بۇ سەزگۈر رايونلارغا بېرىپ يەرلىك خەلقلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشى ياكى ئۇلاردىن سوئال سورىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتى رۇخسەت قىلمايدۇ» .

بۇ توغرىسىدا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەتنى تەشۋىقاتقا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىدە ئەركىن ئازادە ساياھەت قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، ئۇ جايغا بارغان ساياھەتچىلەرنىڭمۇ ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق كونتروللۇقى ئاستىدا ساياھەت قىلىدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن بايان قىلىپ بەرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۈي بۇ توغرىسىدا ئالاھىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى تەشۋىقات خىزمەت ئەندىزىسى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بايلىق رايونىدىن مەدەنىيەت تەرەققىياتى كۈچلۈك رايونىغا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى تەشۋىقات ۋە جامائەت پىكرى كۈرىشىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش كۆرۈش، ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىش، ھەر خىل يالغان جامائەت پىكرى، سەلبىي جامائەت پىكرى ۋە زىيانلىق سۆزلەرنى ئىنكار قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ ‹شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىش› ۋە ‹شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىرىش› نى كېڭەيتىش كېرەك. »

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىش» ۋە «شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىرىش» خىزمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە زور دەرىجىدە كۆزلەنگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ «سىياسىيغا ئارىلاشمىغان كىشىلەر» نىڭ ۋەتەنگە قايتىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلىشىغا يول ئېچىپ بېرىش، «پارتىيەگە ۋە ھۆكۈمەتكە سادىق» كىشىلەرنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئۆز نۆۋىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا خىزمەت قىلىشتىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش رولىنى ئويناۋاتىدۇ، دەل قارالماقتا. بولۇپمۇ مۇشۇ خىلدىكى «كىرىش» ۋە «چىقىش» پائالىيەتلىرىدە رول ئېلىۋاتقان «ئارتىسلار» ھەققىدىكى كەسكىن مۇنازىرىلەر ئاللىقاچان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ تېگىشلىك ئورۇن ئىگىلەشكە ئۆتكەن ئىدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرىك شاجىسكى (Henryk Szadziewski) ما شىڭرۈي تەكىتلىگەن «چەتئەل بىلەن ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىش» ، «شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىش» ۋە «شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىرىش» توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىپ ئۆتتى. رادىيو زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەشۋىقات بولۇپلا قالماستىن، يەنە پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك «ئېچىۋېتىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«كىشىلەرنى ئۇيغۇر رايوندىن چەتئەلگە ئەۋەتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، يېقىنقى مىساللار ۋە تەتقىقاتلار خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان ‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوللىنىش ئەركىنلىكى، ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى› ھەققىدىكى بايانلارنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەلۋەتتە، بىز بۇنى كۆرۈۋاتىمىز. چەتئەلدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر رايوندىن چەتئەلگە ئادەم ئەۋەتىش ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان ۋە دۆلەت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشلار ئىكەن. مېنىڭچە ئۇيغۇر رايونىدا تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق ئىپادىلىنىشى چەكلەنگەن. چەتئەلدە ياشايدىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى خىتاينىڭ دەۋاتقانلىرىغا پۈتۈنلەي زىت ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز. شۇڭا كىشىلەرنى ئۇيغۇر رايوندىن چەتئەلگە ئەۋەتىش ۋە چەتئەلدىن ئۇيغۇر رايونىغا ئادەم تەكلىپ قىلىش مېنىڭچە خىتاي ئۈچۈن بۇ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك تەشۋىقات. نېمىشقا دېسىڭىز، بۇ رايونغا بارىدىغان كىشىلەر، بولۇپمۇ ئاخبارات ياكى ئىلمىي ساھەگە مەنسۇپ كىشىلەر ۋە دىپلوماتلار ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خالىغانچە ساياھەت قىلىش پۇرسىتى يوق. ئۇلار بىرەرسى بىلەن سۆزلەشكەندىمۇ خىتاي ھەمىشە ئۇلارنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، يېقىندا ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتىنىڭ مۇخبىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن ساياھەت گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر رايونىغا باردى. ئەمما ئۇلار يەرلىك كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىشكە ئۇرۇنغان ھامان بۇ يول كېسىپ تاشلاندى، يەنى ھۆكۈمەت بۇ خىل سۆزلىشىشكە رۇخسەت قىلمىدى» .

چەت ئەللەردىكى كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «چەتئەل بىلەن ئالاقە يوللىرىنى كېڭەيتىش» ، «شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىش» ۋە «شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىرىش» نى كېڭەيتىش سىياسىتىنى ئەنە شۇ تەرىقىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى يوشۇرۇش، خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان يېڭىچە تەشۋىقات ۋاسىتىسى، دەپ قارىماقتا.