ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ئەركىنلىك سارىيى 18-ئۆكتەبىر كۈنى «2022-يىلىدا توردىكى ئەركىنلىك: ئىنتېرنېتنىڭ ئىستىبداتلىققا يۈزلىنىشىگە قارشى تۇرۇش» ناملىق يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 دۆلەتنىڭ تور تەرەققىياتى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ تور ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىشتا يۈرگۈزگەن تەدبىر ۋە سىياسەتلىرىنى ئانالىز قىلدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى دۇنيا مىقياسىدا يېقىنقى 12 يىلدىن بېرى ئىزچىل چېكىنىپ ماڭغان. بۇنىڭغا ھۆكۈمەتلەرنىڭ پەرقلىق پىكىردىكى ئۆكتىچىلەرنى چەكلەش، تور قوللانغۇچىلىرىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن تېخىمۇ كۆپ رەقەملىك توسۇقلارنى بەرپا قىلىشى تۈرتكە بولغان.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ تور مۇھىتى دۇنيادىكى ئەڭ ناچار دۆلەت، دەپ باھا بېرىلگەن. بۇ، خىتاينىڭ تور مۇھىتى ئەركىنلىك سارىيى تەرىپىدىن ئىزچىل 8 يىلدىن بېرى دۇنيادىكى ئەڭ ناچار دۆلەت، دەپ باھالىنىشىدۇر. دوكلاتتا، تەيۋەن ئاسىيادىكى تور ئەركىنلىكى مۇھىتى ئەڭ ياخشى دۆلەت، دەپ باھالىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى خاتىرىسى بىرمانىڭكىدىنمۇ ناچار ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تور مۇھىتى دۇنيادىكى ئەڭ باستۇرۇش خاراكتېرلىك تور مۇھىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ خىل ھۆكۈمەتلەر زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلمايدىغان سىياسىي، ئىجتىمائىي ياكى دىنىي مەزمۇنلاردىكى تور بېكەتلىرىنى قامال قىلىپ، ئەركىن پىكىر ۋە ئۇچۇرغا ئېرىشىش ھوقۇقىنى توسقان. بۇ توسۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەت سىرتىدىكى مەنبەلەرگە قارىتىلغانىكەن.
دوكلاتتا يەنە بۇ دۆلەتلەرنىڭ يېڭى قانۇنلارنى چىقىرىپ، تېخنىكىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى مەركەزلەشتۈرۈشى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى ۋە ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىتا خاتا بەلگىلىمىلەرنى بېكىتىشى، ئۇچۇرنىڭ ئەركىن ئېقىشىغا تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تېخنولوگىيە ۋە دېموكراتىيە تەتقىقات ئىشلىرى دىرېكتورى ئالېي فۇنكنىڭ ئېيتىشىچە، ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەر تەنقىدىي پىكىرلەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىنتېرنېتنى پارچىلاشنى تېزلەتمەكتىكەن.
ئالېي فۇنك ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 18-ئۆكتەبىر دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ يىل ئىنتېرنېتنىڭ پارچىلىنىشىنىڭ تېز سۈرئەتتە تېزلەشكەنلىكىنى بايقىدۇق. بۇ تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەرشارى ئىنتېرنېت تورىدىن ئايرىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تور ساھەسىگە قارىتا تېخىمۇ كونتروللۇقنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى غەرىزى ئۆزلىرىنىڭ تور ساھەسىنى ساختا ئۇچۇر بىلەن تولدۇرۇپ، مۇستەقىل ئاخبارات ۋە تەنقىدىي پىكىرلەرنى تېخىمۇ ئاسان چەكلەش, كىشىلەرنىڭ پەقەت ھاكىمىيەتكە پايدىلىق ئۇچۇرلارغىلا ئېرىشىشىنى ساقلاش ئۈچۈندۇر».
ئالېي فۇنكنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، يەرشارى ئىنتېرنېت تورىنىڭ پارچىلىنىشى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىكەن. ئالېي فۇنك: «بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئىنتايىن جىددىي بەدىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەر ۋە ئارقىغا چېكىنگەن دېموكراتىك دۆلەتلەردىكىلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئادەتتىكى تور قوللانغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئىنتېرنېت پارچىلانسا كىشىلەر ئوخشاش ئالاقە سۇپىسىدا ئائىلە ئەزالىرى ياكى چەتئەلدە ياشايدىغان مۇھاجىرەتتىكى قوۋمداشلىرى بىلەن ئالاقە قۇرالمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 5-ئىيۇل «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان تور ئالاقىسىنى بىر يىلدەك كېسىپ تاشلىغان، شۇنداقلا 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا بىر قانچە مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى تۈرمە، لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك كارخانىلىرىغا يۆتكەپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغاندا ئىپادىلەنگەنىدى.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا، دۇنيادىكى 70 دۆلەت ۋە رايوننىڭ تور ئەركىنلىكى ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 17 دۆلەتنىڭ تورت مۇھىتى ئەركىن، 32 دۆلەتنىڭ قىسمەن ئەركىن، 21 دۆلەتنىڭ تور مۇھىتى ئەركىن ئەمەس، دەپ بېكىتىلگەن. دوكلاتتا، خىتايغا 10 نومۇر بېرىلىپ، 70 دۆلەت ئىچىدىكى تور تور مۇھىتى ئەڭ ناچار دۆلەت، دەپ كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ تورنى سېنزورلىشى 2020-يىلى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى مەزگىلىدە ۋە خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى جاڭ گاۋلىنىڭ خىتاي چويلا توپ چولپىنى پېڭ شۈەيگە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن.
دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخنولوگىيە ساھەسىگە بولغان كونتروللۇقنى داۋاملىق كۈچەيتكەنلىكى، يېڭى قائىدە-تۈرۈملەرنى چىقىرىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنىڭ ئالگورىزىم سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ كومپارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى تەشۋىق قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئاخبارات يىغىنىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئىنكار قىلىش ۋە ساختا ئۇچۇر تارقىتىشتا غەرب ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى، بۇ خىل ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى توغرىسىدىمۇ سوئاللار چۈشتى.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى دىرېكتورى ئالېكساندرا ۋالدېن خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شىركەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى مەزمۇنلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ھەر خىل يولى بار. بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنىڭ تور قوللانغۇچىلىرىغا قانداق مۇلازىمەت قىلىشىغا باغلىق. شۇڭا، بەزىدە چاپلانغان مەزمۇنلارنى قانۇنسىز ياكى بىزنىڭ سىياسىتىمىزگە خىلاپ دەپ ئېلىۋېش، بەزىدە بۇنداق مەزمۇنلارنىڭ كۆرۈلۈشىگە چەك قويۇش ياكى مەزمۇننىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپمۇ چەكلەش مۇمكىنچىلىكى بار».
لېكىن ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ساختا ئۇچۇرغا تاقابىل تۇرۇش كۆپ تەرەپلىمىلىك تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئالېكساندرا ۋالدېن: «ژۇرنالىزىم ۋە ئىدېئولوگىيەگە ئائىت نوپۇزلۇق مەزمۇنلارنى ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئىشەنچلىك تېمىلارنى تەشەببۇس قىلىش ۋە مۇكاپاتلاشمۇ بۇنىڭ يەنە بىر يولى. شۇڭا، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش كۆپ تەرەپلىمىلىك تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ» دېدى.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەرشارى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئۇدا 12 يىلدىن بېرى ئىزچىل ئارقىغا چېكىنىپ ماڭغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيە، بىرما، سۇدان ۋە لىۋىيە تور ئەركىنلىكى ئەڭ ئېغىر تۆۋەنلىگەن دۆلەتلەر ئىكەن. دوكلاتتا، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، كرېمىل سارىيى دۆلەت ئىچىدىكى نارازىلىقىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رۇسىيەنىڭ قالغان بىر قانچە مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تاقىلىشىنى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشىنى تېزلەتكەن.