«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش» تەشكىلاتى: خىتاينىڭ خالىغانچە تۇتقۇن ھەرىكىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن
2025.03.06
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش» تەشكىلاتى (CHRD) 5-مارت كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان خالىغانچە تۇتقۇن مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. «تۈرمە كامېرىدا تاڭ ئېتىشنى كۈتۈش» ماۋزۇلۇق بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلدىن 2024-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، نەچچە مىڭلىغان كىشىنى خالىغانچە قولغا ئالغان، 1545 نەپەر كىشىنى رەسمىي ھالدا ئەيىبلەپ تۈرمىگە تاشلىغان. بۇ كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىلىرىگە ماس كەلمەيدىغان قانۇنلىرى بويىچە ئەيىبلىنىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
مەزكۇر ئورگان خىتايدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىپ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، خىتاينىڭ خالىغانچە تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش» تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە ئىجرائىيە دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىز خىتايدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا ئائىت قولىمىزدا بار بولغان سانلىق مەلۇماتلار، بولۇپمۇ 2019-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا كېسىلگەن ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا دائىر مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، خىتايدىكى خالىغانچە تۇتقۇننىڭ ئەندىزىسىنى يېشىپ باقماقچى بولدۇق. بىز تەكشۈرۈشلىرىمىزدە خىتايدا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە مۈجمەل جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ كېسىلگەن ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 6 يىل كېسىلگەنلىكىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە چېتىلىدىغان جىنايەتلەرنىڭ بولسا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 7 يىل كېسىلگەنلىكىنى كۆردۇق. بىراق، بۇ مەزگىلدە بۇنداق جازالارنىڭ ئەڭ ئېغىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازالىرى بولسا، يەنە بەزىلىرى راھىلە داۋۇت قاتارلىقلارغا بېرىلگەندەك ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بولغان. يەنى قايسى نۇقتىدىن قارىمايلى، بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى بايقاشلىرىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئەڭ ئېغىر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.»
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى 1-يانۋاردىن 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن 1422 نەپەر، خوڭكوڭدىن 123 نەپەر بولۇپ، جەمئىي 1545 كىشىگە جازا ھۆكمى چىقارغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، تاشپولات تىيىپ، ساتتار ساۋۇت ۋە ياڭ خېڭجۈن قاتارلىقلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن، راھىلە داۋۇت ۋە ئابدۇرازاق سايىم قاتارلىقلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن، 48 كىشىگە ئون يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى ئاساسەن «جېدەل-ماجىرا چىقىرىپ، پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىش»، «دىنىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ۋە قوللىنىش ئارقىلىق، قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش» ۋە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش» تىن ئىبارەت ئۈچ خىل «جىنايەت» بىلەن ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇ جىنايەتلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشلىرى تەرىپىدىن «بەك كەڭ دائىرىلىك ۋە مۈجمەل» دەپ باھالانغان ئىكەن. بۇندىن باشقا يەنە، ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ 700 نەپەردىن ئارتۇقى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئاياللار ئىكەن. خوڭكوڭلۇق ۋىجدان مەھبۇسلىرى بولسا ئاساسلىق «ئاغدۇرمىچىلىق» ۋە «ئاغدۇرمىچىلىققا كۈشكۈرتۈش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئوتتۇرىچە كېسىلىش مۇددىتى 5.15 يىل بولغان.
سوفى رىچارسون خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن ھەرىكىتىنى سىستېمىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك قوللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە 2017-يىلىدىن باشلاپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەرنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى خىتاينى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن مەسىلىسى بويىچە خىزمەت گۇرۇپپىسى 2017-يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن سىياسىتىنى ناھايىتى كەڭ كۆلەمدە، سىستېمىلىق يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سەۋەبتىن بىر جازالاشقا ياكى تەكشۈرۈشكە ئۇچرىماسلىقى، ئۇنى يەنىمۇ جاسارەتلەندۈرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ سەۋەبتىن خالىغانچە تۇتقۇن ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن، ھەتتا ئۇنى چەت ئەللەرگىمۇ كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغان. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ سەۋەبلىك جازاغا تارتىلمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.»
«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش» تەشكىلاتىمۇ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەشكە جۈرئەت قىلغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، زىيالىيلار ۋە شۇنىڭدەك دىنىي زاتلار قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ جازالىنىشى ۋە تۈرمىگە سولىنىشىغا سۈكۈت قىلغان تەقدىردە، دۇنيادىكى كىشىلەر ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچىدىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا ئائىت ھەقىقىي ئۇچۇرلاردىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى، ئىتتىپاقداشلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئەڭ مۇھىمى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق زوراۋانلىقنى چەت ئەللەردىمۇ قىلىشقا جاسارەت قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
سوفى رىچاردسون دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئورگانلارنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۈگۈنگىچە كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ تەسىرلىرىنى ئۆز دۆلىتىدىمۇ ھېس قىلغان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى شى جىنپىڭنىڭ دەپسەندىچىلىك سىياسەتلىرىگە رىقابەت ئېلان قىلىشى كېرەك. بۇ ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق. بۇلار بۇنى ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىك ئارقىلىق ياكى بولمىسا خەلقئارالىق ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇرۇپ قىلسا بولىدۇ. بىلگىنىمىزدەك، ھازىرغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىككى ئاپپاراتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن، دېدى. بۇ ئورگانلار ۋە ھۆكۈمەتلەر خىتاينى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يەنە نېمىنى ساقلايدۇ؟»
دەرۋەقە، ب د ت نىڭ خالىغانچە تۇتقۇن مەسىلىلىرى بويىچە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن باشقا يەنە، 2022-يىلى 8-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىمۇ 2 يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش» تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا، يۇقىرىدىكى ب د ت ئورگانلىرىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ خىتايدىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان يۈزلىنىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. دوكلاتتا ئەگەر خىتاي يەنە تەكشۈرۈلمىسە، ئۇ ھالدا بۇنىڭ خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا ئىنتايىن پايدىسىز ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى، خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا كونكرېت شەخسلەرنىڭ ئىسمىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئاتاش ۋە ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.